نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا نوپۇسىنىڭ ئىچىدە 5 مىليون 740 مىڭ كىشىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى بىخەتەر بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ دەسلەپكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيى جەھەتتە ھازىر مۇنداق 3 مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئىكەن. بىرىنچى، سۇنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى. ئىككىنچى، سۇ ئارقىلىق كېسەل يۇقۇش ۋە يەرلىك كېسەل پەيدا بولۇش. ئۈچىنچى، سۇنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە پەسىل خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى.
سۇ ئارقىلىق بولىدىغان كېسەللىكلەر ئاساسلىقى، سۇدا فتور ماددىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولۇشى ھەمدە ئارسىنلىق ۋە تۇزلۇق سۇ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. ئەگەر بۇنداق سۇنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچكەندە، سۆڭەك شالاڭلىشىش، تېرە راكى قاتارلىق كېسەللىكلەر كىلىپ چىقىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سانائەتتىكى كېرەكسىز سۇ، شەھەر تۇرمۇشىدىكى پاسكىنا سۇنىڭ چىقىرىلىشى ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىمۇ، سۇ مەنبەسىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرغان. نۆۋەتتە بۇ ئەھۋال يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بىر چوڭ تەھدىت بولماقتا. (پەرىدە)
