ئۈرۈمچى شەھىرىدە 51 كەسپىي ئورۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان

تەڭرى تاغ تورىدا يېىقندا ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلاردا " ئاپارات ئىسلاھاتى" خىزمىتى نامىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، 51 كەسپىي ئورۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۈر ئىسلاھات شەھەرگە قاراشلىق 341 ئىدارە - ئورۇندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئادەم 20 نەچچە مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن كەسپىي ئورۇندىن 37 سى ئازايتىلىپ، 3421 شىتات كەمەيگەن.

خەۋەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ نامى ۋە خىزمىتىدىن بوشىتىۋىتىلگەن كىشىلەرنىڭ مىللەت ئايرىمىسى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشسىزلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ۋە دۆلەت خادىملىرى ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن دېگەن باھانىلەر بىلەن ئىشتىن قالدۇرۇلىدىكەن. (ئەقىدە)