خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەلىكىدىكى بايىنبۇلاق يايلاقلىرىدا يۈز يىللاردىن بېرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاپ كېلىۋاتقان چارۋىچىلارنى كۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ جايدا ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقان چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشكە، بايىنبۇلاق يايلىقىدىكى ئاققۇ كۆلى يايلاق ئېكولوگىيىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئاققۇ كۆلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بايىنبۇلاق يايلىقى، دېڭىز يۈزىدىن 2500مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىپايان يايلاق بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى شۇنداقلا خىتاي تېررىتورىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي يايلاق ھېسابلىنىدۇ، نەچچە ئون مىڭلىغان موڭغۇل ھەمدە بىر قىسىم قازاق، قىرغىز چارۋىچىلار بۇ يايلاقنى ماكان تۇتۇپ چارۋىچىلىق ھاياتىنى كەچۈرۈپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى ئۈچ يىلغىچە، 1400ئائىلىلىكنى ئاققۇ كۆلى يايلاق رايونىدىن يىراققا مەھەللە قۇرۇپ كۆچۈرمەكچى ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش ئاققۇ كۆلى مۇھىتىنى تۈزەشتە ئېھتىياجلىق تەدبىر بولۇپلا قالماي چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراق رايونىدا، چىداملىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پايدىلىق ئىش دەپ تەشۋىق قىلماقتا.
ئەمما ئىلگىرى مەزكۇر رايوندىن مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى يايلاقنىڭ ساياھەتچىلەرگە ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارغا كەڭرى ئېچىۋىتىلىشى بىلەن يايلاقنىڭ تەبئىي يېپىنچىلىرى ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان شۇنداقلا بۇ چارۋىچىلارنىڭ ھاياتى ھەمدە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغىمۇ سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. (گۈلچېھرە)
