رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى ئىككى ئالى مەكتەپتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى


2007.05.17

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، مۇشۇ ئاينىڭ 15 ‏- ۋە 16 ‏- كۈنلىرى، ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ئىككى ئالى مەكتەپتە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى .

ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم، بوستوندىكى ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنىستىتۇتى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ، مەزكۈر ئالى مەكتەپتىكى پروفېسسور، تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغىدى.

رابىيە قادىر خانىم" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە زىيانكەشلىكى" دېگەن تېمىدىكى نۇتقىدا، خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسى بېسىمى، بولۇپمۇ مائارىپ، دىن ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا زەربە بېرىش كۈرىشىدىن پايدىلىنىپ، تېنچ يوسۇندا ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى" تېررورچى" دەپ ئەيىپلىشى ، قولغا ئېلىشى، تۈرمىلەرگە تاشلىشى ۋە ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بىلەن قەتلە قىلىشى، ئەكسىچە بۇ دۆلەتنىڭ تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم، 2005 ‏- يىلى 17 ‏- مارت كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن كۈندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن توختىماستىن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىدە چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. خىتاي دائىرىلىرى رابىيە خانىمنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەشتىن سىرت، ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتنى ئايرىم ‏- ئايرىم 9 يىللىق ۋە 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر": خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ، رابىيە خانىمنىڭ گۇناھسىز پەرزەنتلىرىنى تۈرمىگە تاشلىشى، ئۇنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن ئوچۇق ‏- ئاشكارە ئۆچ ئېلىش ھېسابلىنىدۇ" دىيىشمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.