29- ۋە 30- ئىيول كۈنلىرى ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى تۈركىستان سارىيىدا ئىككى مەيدان دوستلۇق زىيارەت ئويۇنى كۆرسەتتى. ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەھبىرى سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى تەكىتلەشتى.
ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىدىكى ئارتىستلار ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ ۋە ئۇيغۇر سازلىرى بىلەن "چەبىيات مۇقامى" نى ئورۇنلاپ چىقىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىنىڭ بۇ زىيارىتى، جۇڭگو، شىنجاڭ چەتئەل ئالاقە ئويۇشمىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاشكەنتتىكى ئويۇن كۆرسىتىش جەريانلىرىغا "خىتاي مىللەتلەر مەدەنىيەت مەركىزى" بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى "ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى" مەسئۇل بولغان.
مەزكۇر پائالىيەت گەرچە ئۆزبېكىستانلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى ئورتاق باستۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىملىرى بار. بولۇپمۇ ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئەنجاندىكى باستۇرۇشنى قوللىشى بىلەن كەرىموف ھۆكۈمىتى خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى. (پەرىدە)