ئاتاسۇ- ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدا پات ئارىدا ئىش باشلىنىدۇ


2004.09.26

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزىدىن قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاتا سۇغىچە تۇتۇشىدىغان ئاتا سۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىدا 28 - سېنتەبىر كۈنى ئىش باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى زورلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ بۇ سۆزنى قازاقىستان پرىزدېنتى نۇر سۇلتان نازاربايېف بىلەن غۇلجىدا ئۇچراشقاندا سۆزلىگەن . پرىزدېنت نازاربايېف 24 ۋە 25 - سېنتەبىر كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنى زىيارەت قىلغان. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاسىم جۈمەرت توقايېف ئىلگىرى خىتاي قازاقىستان بىلەن ئېنىرېگىيە ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىش يولىدا تراگېدىيىلىك قارار چىقاردى دەپ كۆرسەتكەنتى. ئاتا سۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 1000 ك م غا بارىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ 700 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان بىرىنچى باسقۇچى 2005 -يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا پۈتىدۇ .

مەزكۇر تۇرۇبا يولىدىن خىتايغا يىلدا 10 مىليون توننا نېفىت ئېقىتالايدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ 2 - باسقۇچى 2011 - يىلى تاماملىنىدۇ. تۇرۇبا يولىنىڭ 2 - باسقۇچتىكى قۇرۇلۇشى تاماملانغاندا يىلىغا 20 مىليون توننا نېفىت ئېقىتالايدىغان بولىدۇ.مەزكۇر قۇرۇلۇشقا خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت تەبىئىي گاز شىركەتلەر گۇرۇھى بىلەن قازاقىستان مۇناي گاز شىركىتى مەبلەغ سالغان . خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ قارشى تۇرشىغا ئۇچرىغان مەزكۇر تۇرۇبا يولىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بارىدىغان نېفىت تۇرۇبا تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ . چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىگە خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەبىئىي مۇھىتنى بۇلغايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.