ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايچە مائارىپنى كېڭەيتىش ئۈچۈن "خىتايچە سۆزلەيدىغان بوغۇنلار" نى تاللاپ تەشۋىق قىلماقتا

خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تارماقلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا خىتايچە مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىش مەقسىتىدە، بۇ يىل 15 - سېنتەبىردىن باشلاپ خىتايچە سۆزلەيدىغان بوغۇنلىرى تاللاش ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، "خىتايچە سۆزلەيدىغان بوغۇنلار" نامىدا خىتاي تىلىدا ياخشى سۆزلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى تاللاش 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە خاراكتېرلىك تاللاشتا ئۇيغۇر ئېلىدىن جەمئىي 30 بالىنى تاللاپ قوش تىللىق ئىلغار بالا" مۇكاپاتىنى بەرگەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغان بوغۇنلارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەش ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان 40 مىڭ ئۆسمۈر بالىلار تاللاپ قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ن مۇسابىقە جەريانى رادىئو تېلىۋىزىيىلەردە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ئاتا ئانىلار ھەمدە مائارىپچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلارنى مۇسابىقىگە سېلىش ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت خىتاي تىلىنى ياخشى سۆزلەيدىغان بالىلارنىلا ‘ئىلغار بالا’ دەپ مۇكاپاتلاپ تەشۋىق قىلىشى، ئۆز ئانا تىلىدا ياخشى سۆزلەيدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى كەمسىتكەنلىك بىلەن باراۋەر" دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر 150 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ خىتايچە مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، -2010 يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي 258 مىڭ بالىنىڭ باغچا مائارىپىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا تەربىيىلەشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)