ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە رابىيە خانىم


2005.08.02

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "خىرىستىئان ئىلىم-پەن كۆزىتىش" خەۋەر تورىدا دۈشەنبە كۈنى ئاتاغلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە ئوينىغان رولى شەرھىلەندى.

ماقالىدا، رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئاخىرقى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتكەنلىكىگە ئائىت مەلۇماتلار تەسۋىرلەنگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، رابىيە خانىمنىڭ قىزى ئەقىدە ئاپتورنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ، ئاپىسى رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ كومىتېتنىڭ رابىيە خانىمنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىش ھەرىكىتىنى قەتئىي توختىتىپ قويمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى غەيرى-رەسمىي تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يولىدىكى پائالىيەتلىرى بارغانسېرى جانلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم لەنتوس باشچىلىغىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.

دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، توم لەنتوس بىلەن يەنە بىر ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون پورتېر تەرىپىدىن 1983 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كومىتېتنىڭ ھازىر 188 ئەزاسى بار. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.