ئاقسۇ شايار تۈرمىسى توپىلاڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا


2005.01.13

باش شىتابى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇ شايار تۈرمىسىنىڭ 2 - تارمىقىدا بىرەر توپىلاڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شايا تۈرمىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى تۈرمە دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋە خىتاي جىنايەتچىلىرىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلغاچقا، جىنايەتچىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈچەيگەن. تۈرمە دائىرىلىرى تۈرمىنىڭ سىغىمچانلىقى ئېشىپ كەتكەن نۆۋەتتىكى شارائىتتا، خىتاي جىنايەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئېتىبار بېرىپ، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى چەتكە قاققان. بولۇپمۇ كامىرلارغا بۆلۈش، جازا يېنىكلىتىش ۋە ماددىي مۇكاپاتلارنى خىتاي جىنايەتچىلىرىگىلا بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي جىنايەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى بوزەك قىلىشىغا يول قويغان.

شەرقىي تۈركسىتان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىدا قاتتىق نارازىلىق كەيپىياتلارنى شەكىللەندۈرگەن. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئالاقىدار تارماقلار ۋە تۈرمە دائىرىلىرىمۇ جىنايەتچىلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن، بىرەر چوڭ توپىلاڭ كۆتۈرىلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېقىندا بارلىق تۈرمە خىزمەتچىلىرىنىڭ بايراملىق دەم ئېلىشلىرىنى بىكار قىلغان، شۇنداقلا تۈرمىدىكى گۈندىپايلار سانىنى كۆپەيتكەن.

ئاقسۇ شايار تۈرمىسىدە 1996 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى بىلەن ساقچىلارئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.