خىتاي سوت مەھكىمىسى ئابلا ئابدۇرېشىتنىڭ سوتىنى كېچىكتۈرگەن
2004.09.10
خىيانەتچىلىك بىلەن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئابلا ئابدۇرېشىتنىڭ ئەسلى بۇ يىل 5 - ئايدا ئېچىلىدىغان سوتى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز كېچىكتۈرۈلگەن.
ئابلا ئابدۇرېشىت 2003 - يىلى 2 - ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. سوت مەھكىمىسى ئەسلى ئابلا ئابدۇرېشىتنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن بۇ يىل 5 - ئايدا سوت ئېچىشنى قارار قىلغان. بىراق بۇ يىل 5 - ئايدا ئۇنىڭ سوتى تۇيۇقسىز كېچىكتۈرۈلگەن . ئۈرۈمچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەرباپلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، گەرچە تەپتىش دائىرىلىرى ئابلا ئابدۇرشىتنى خىيانەتچىلىك بىلەن قولغا ئالغان بولسىمۇ , بىراق ھازىر ئۇنى چەتئەلدىكى مىللىي بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار ، مەملىكەت ئىچىدىكى قانۇنسىز دىنىي گۇرۇھلارغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەشكە تەييارلىق قىلماقتىكەن .
يۇقىرىقى مەنبەلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە ، تەپتىش دائىرىلىرى ھازىرغىچە ئابلا ئابدۇرېشىتنىڭ خىيانەتچىلىك قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق پاكىتقا ئېرىشەلمىگەن . ئۇنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سوتىنىڭ كېچىكتۈرۈلىشىگە يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئابلا ئابدۇرېشىت يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئاپتونوم رايۇندىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئىككىنچىسى. ئابلا ئابدۇرېشىتتىن باشقا ئاپتونوم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجىمۇ خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىپلەنگەن. ئۇ ھازىرغىچە بېيجىڭدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. (ئەركىن)