خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن سىبىرىيە ئوتتۇرىسىدا تاش يول قاتنىشىنى يولغا قويۇش شۇنداقلا چېگرا ئېغىزى ئېچىش مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق تاش يول ترانسپورت ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، ئۈرۈمچىدىن رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىغىچە تاش يول ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە باشلىنىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە فېدېرال رايونى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، سىبىرىيە - ئۈرۈمچى تاش يولىنى ياساش شۇنداقلا چېگرا ئېغىزى ئېچىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا.
تاش يول لىنىيىسى سىبىرىيىنىڭ قوشئاغاچ رايونىدىن باشلىنىپ، قاناس ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە تۈتۈشىدىكەن. چېگرا ئېغىزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قابا ناھىيىسى بىلەن رۇسىيىنىڭ ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئېچىلىشى مۇمكىن. قاناس، چېگرا ئېغىزىدىكى نۇقتىلىق ئۆتكەل بولۇپ قالغۇسى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ بۇ يىل 11 - ئايدا چېگرا ئېغىزى ئېچىش ۋە تاش يول ياساش توغرىسىدىكى پىلانىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرىدىكەن. ئەگەر بۇ يول ئېچىلسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خەلقئارا تاشيول ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان دۆلەتلەر 5 كە كۆپىيىدۇ. (ئەركىن)