خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا جەمئىيەتنى تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىردى ھەمدە تېررورچىلىق مەسىلىسىنى دىن ياكى مىللىي مەسىلىگە باغلىۋېلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ مۇخبىرلارغا، 11 -سېنتەبىردىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيىتىنىڭ تېررورچىلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى دېگەن ئورتاقلىققا كەلگەنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆز- ئارا ھەمكارلاشقان ئاساستا تېررورچىلىققا زەربە بېرىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، " بىز 4 يىلدىن بۇيان تېررورچىلىقنىڭ تەلتۆكۈس يوقىتىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. مەسىلەن، تۈركىيە، ئەنگلىيە، كېنىيە قاتارلىق جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن تېررورچىلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ كەلدى. خىتايمۇ خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىدۇر" دەپ بىلدۈردى.
چىن گاڭ يەنە، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ۋە خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي تەرەپنىڭ تېررورچىلىق مەسىلىسىنى دىن ۋە مىللىي مەسىلىگە باغلىۋېلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دائىرىلىرى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۆپ قېتىم بۇ ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان كۈچىنىڭ بېرىچە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى خەلقئاراغا تېررورچى دەپ كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنى تېررورچىلىقنىڭ قۇربانى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. (پەرىدە)
