خىتاي ئارخىپلار ئارقىلىق تەشۋىقات قىلماقتا

"شىنجاڭ" خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا مەخسۇس تۈردە "شىنجاڭ" خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قوشقان تۆھپىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلاپ، تەشۋىقات كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

مەزكۇر ئارخىپلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ 30-40-يىللاردىكى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان تارىختىن پايدىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20-ئەسىردىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە باشقا تەرەپلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن ئارخىپلار ساقلانماقتا. بۇ ئارخىپلار ئىچىدە خىتاي مىلىتارىستلىرى ياڭ زېڭشىڭ، جىنشۇرېن ۋە شېڭ شىسەي قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى قانداق ئاياق ئاستى قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارمۇ شۇنىڭدەك 1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەمدە 1949-يىلىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش، يەر ئىسلاھاتى ۋە باشقىلارغا ئائىت كۆپلىگەن ئارخىپلارمۇ مەۋجۇت.

ئەمما، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر ئارخىپلارنى نازۇك تېما ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىسىز ھېسابلاپ، ئۇلارنى تولۇق ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. (ئۈمىدۋار)