خىتاي رەھبەرلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى ئىزدەشنى كۈچەيتمەكتە

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر تۆرىدىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شىمالىي ياۋروپادا ماكانلىشىپ قالغان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شوغۇللانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى ماختىغان.

ئىسمائىل تىلىۋالدى دىلبەر يۇنۇسنى بارغانلا يەردە شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ناخشىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشى ھەم بىرلىكتە شىنجاڭنى قۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەشۋىقات قىلىشقا چاقىرغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەن ئىچى -سىرتىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارغا مەلۇم ئىمتىياز ۋە شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى چەت' ئەللەردە داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئالدىدا قارىلاشقا ھەمكارلاشتۇرماقتا. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا.

بۇ جەھەتتە قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)