ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەر تارالماقتا

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچىدە ھازىر باش چايقىغۇچ ۋە مۇز دورىسى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك چېكىملىكەر كەڭ تارقىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنى ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ياش-ئۆسمۈرلەر ئىكەن.

ئۈرۈمچىلىك شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 26 - ئىيون "خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش كۈنى" مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى دىسكوخانىلار ۋە كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش كلۇبلىرىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىلا تەخمىنەن 7800 دانە باش چايقىغۇچنى بايقاپ يىغىۋالغان. بۇ قىسقىغىنە 3 ئايدىكى ئەھۋالنىڭ ئۆزىلا ئۆتكەن پۈتۈن بىر يىلدىكىدىن 2 ھەسسە ئېغىر بولغان.

ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنى ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ياش-ئۆسمۈرلەر ھەتتا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغۇل-قىزلار ئىكەن. شۇنداقلا ئۇلار بۇ خىلدىكى دورىلارنى زەھەرلىك چېكىملىك دەپ قارىمايدىكەن. ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە بۇ دورىلارنىڭ قىسقا مەزگىلدە خۇمارى تۇتمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنى كۆپ قېتىم ئىستىمال قىلسا، ئادەم ئۇنىڭغىمۇ خۇددىي باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئوخشاش خۇمار بولۇپ قالىدىكەن.

ساقچى دائىرىلىرىنىڭ "تەڭرىتاغ خەۋەر تورى" غا مەلۇم قىلىشىچە، بۇ خىلدىكى دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن، كىشىدە پەيدا قىلىدىغان خىيالىي تەسەۋۋۇر ھەتتا بەزىدە كىشىنى جىنايەت سادىر قىلىش يولىغا باشلايدىكەن. (پەرىدە)