خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل يانۋار ئېيىدىن ھازىرغىچە، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان 27 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە 50 كىلوگرامدىن كۆپرەك خېروئىننىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك رازۋېدچىكى ۋە زەھەر چەكلەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جىن پىڭ 11- ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ يىل ئىچىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن خېروئىن مىقدارىنىڭ بولتۇرقىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جىن پېڭ، بۇ يىل زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قولغا ئېلىنغان 27 كىشىنىڭ پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى خىتايدا خېروئىن سېتىش، يۆتكەش، يېغىش تورى قۇرغان بولۇپ، خېروئىن باھاسىنىڭ تۆۋەن ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، خېروئىن ئەتكەسچىلىكىنىڭ كۆپىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
بۇندىن بۇرۇن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەزالىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى خېروئىن ئەتكەسچىلىكىدە ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان كىشىلەر دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چەتئەللىكلەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى خېروئىن ئەتكەسچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئاساسلىق رول ئوينايدۇ دېگەن كۆز قاراشنىڭ پاكىتسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. (قانات)
