جەنۇبىي كورىيە ھاۋا يوللار شىركىتى، جۈمە كۈنى مەزكۇر شىركەتنىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانى بۇ يىل يازدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە تىجارەت خاراكتېرلىك ئۇچۇش باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كورىيە ھاۋا يوللار شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كورىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سىيئول بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا، ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم ئۇچىدىكەن. كورىيە ھاۋا يوللار شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەمەلدارى، ھاۋا قاتنىشىنىڭ بۇ يىل 6 - ئايدا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى كورىيە ھاۋا يوللار شىركىتىنىڭ سىيئول بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا ھاۋا يوللار قاتنىشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىدىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئىچىدە ياپونىيىلىكلەر بىلەن جەنۇبىي كورىيىلىكلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىللەيدۇ. بۇ يۇقىرىقى ئەللەردىكى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن بەزى قولايلىقلارنى يارىتىشى مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردا كورىيە تىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىكلەر خېلى قىزىقىدىغان تىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئامما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاسارە - ئەتىقە ۋە ساياھەت مەنزىللىرىنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئىپتىدائىي ۋە قېلىپلاشمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەكس - ئەتتۈرىدىغان ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرۇشىدىن ئەنسىرىمەكتىكەن. (ئەركىن)
