خۇ جىنتاۋ تەشۋىقاتتىن ئىبارەت «يۇمشاق قورال» دىن پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلدى

0:00 / 0:00

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن يەنى 23 ‏-يانۋار بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ 22 ‏-يانۋار ئاخبارات خىزمەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تەشۋىقاتتىن ئىبارەت «يۇمشاق قورال»نىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە تەشۋىقاتنىڭ، خىتاي دۆلىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە يەنە ، دۆلەت ئىچىدە مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتە كەيپىياتنى تەڭشەشتىمۇ مۇھىم رولى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. خۇ جىنتاۋ 17 ‏-قۇرۇلتايدىكى دوكلاتىدا، خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلىرى قاتارىغا قويمىغان بولۇپ، بۇ قېتىم مىللەتلەر ئارا كەيپىيات ئۈستىدە توختىلىشى، كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئولىمپىكنىڭ ئېھتىياجى دەپ قارالماقتا.

تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاينىڭ تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىشى يېڭى ئەھۋال ئەمەس. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تۇغۇلغاندىن بېرى تەشۋىقات ساھەسىگە تايىنىپ تۇرۇپ مەۋجۇدىيىتىنى قوغدىغان ۋە ئىلگىرى باسقان، بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بېرى، پارتىيىنىڭ تەشۋىقات كومىتېتىغا ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى بېرىپ كەلگەن، بۇ كومىتېت 70 ‏-يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، خىتاي جەمئىيىتىدە توغرا-خاتانى بىلدۈرگۈچى ئەمەس، توغرا ‏- خاتا ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى بولۇپ خىزمەت ئىشلىگەن. دۇنيادىكى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بولۇپمۇ ئىنتېرنېتنىڭ بارلىققا كېلىشى،خىتاي تەشۋىقات ساھەسىنىڭ ئىشىنى قىيىنلاشتۇرغان. بۇ سەۋەبتىن، خىتاي تەشۋىقات كومىتېتى نامىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات كومىتېتى 1990 ‏-يىللاردىن باشلاپ، نامىنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشىنى ئۆزگەرتكەن يەنى بۇ كومىتېتنى : دۆلەت ئىشلىرى ئۇچۇر كومىتېتى دەپ ئاتىغان. بۇ كومىتېتنىڭ نامى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ۋەزىپىسى ئۆزگەرمىگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ كومىتېتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونى ھەققىدە دۇنيادا تارقىلىۋاتقان خەۋەرلەرگە رەددىيە بېرىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئىچىدە ھېسداشلىققا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يالغۇز تەشۋىقاتقا تايىنىپ تۇرۇپ، ئوبرازىنى تىكلەش ۋە خەلقنى ئىدارە قىلىش مېتودىنىڭ ۋاقتى ئوتتى. ئۇچۇر تېخنىكىسىدىكى تەرەققىيات سەۋەبىدىن، خىتاي بۇندىن كېيىن، ئۆز ئىچىدىكى مىللىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى ئۇزۇن مۇددەت سىر تۇتالمايدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ قارىشىنى 5 ‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ خەلقئارا تەسىرى ئىسپاتلىماقتا. 1990 ‏-يىلى، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئىنقىلاب، غۇلجا ۋەقەسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ تەشكىللىك، پىلانلىق ھەرىكەت بولغان، ھەتتا خىتاي ئارمىيىسى بىلەن 17 كۈن جەڭ قىلغان. ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇشى، 3 كۈن داۋام قىلغان غۇلجا ۋەقەسىدىكىدەك كەڭ دائىرىدە بولمىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتنى «يۇمشاق قورال» دەپ ئاتىشى، نۆۋەتتىكى ئۇچۇر ‏-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى نەزەردە تۇتقانلىقى ئۇچۇندۇر.

قەلەم كۈرىشى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى

ئاخبارات‏-تەشۋىقات خىزمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنىڭمۇ مۇھىم بىر قىسىمى، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ قارىشىچە، بىر مىللەتنىڭ دۆلىتى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە، ئاندىن ئۇنىڭ ئەقلىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن زېمىنىدە قۇرۇلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قەلەم كۈرىشى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى يولغا قويۇلغان كۈن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلاشقان كۈنى، شۇڭا خۇ جىنتاۋنىڭ تەشۋىقات خىزمەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى ئەمەلىيەتتە، ئاخباراتتتىن ئىبارەت كۈچلۈك قورالنى تېخىمۇ كونترول ئاستىغا ئېلىش تەشەببۇسىدۇر. دىلشات رىشىت خىتاينىڭ تەشۋىقاتقا تايىنىپ تۇرۇپ ئوبرازىنى تۈزەش پىلانىنى بۈگۈن ئۈچۈن ئاقمايدىغان پىلان دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ پىكرىگە ، 11 ‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ دۇنيا جامائىتىنى قايىل قىلالمىغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. دىلشات رىشىت 11 ‏-سىنتەبىردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا، بىر مەيدان تەشۋىقات جېڭى داۋاملاشقانلىقىنى بۇ جەڭدە مەغلۇپ بولغان تەرەپنىڭ خىتاي بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي-ئۇيغۇر تەشۋىقات كۈرىشىدە خىتاي تەرەپ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ ئاساسلىق بىر سەۋەبى ھەقىقەتنىڭ كۈچىدۇر. شۇڭا ئۇيغۇرلار مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىغان ئەھۋالدا، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى يوشۇرۇش ياكى قارىلاش ھەرىكىتى بۇندىن كېيىنمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەتنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.