ئىشلىتىش شەرتلىرى

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى

ئىشلىتىش شەرتلىرى

2008-يىلى 26-سېنتەبىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە

شەرتلەرگە قوشۇلۇش

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېتىنى https://www.rfa.org ياكى، بۇ تور بەتنىڭ ھەرقانداق ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئۇچۇر تاختىسى (مۇنازىرە مەيدانى، مۇنبەر)، Podcast ھۆججەتلىرى (ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ياكى ئۈن-سىن، رەسىم، تور فىلىملىرى ۋە PDF ھۆججەتلىرىنى قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە يۈكلەپ كۆرۈشكە بولىدىغان ھەرخىل فورماتتىكى ھۆججەتلەر) RSS يوللانمىلىرى (بۇلار ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تورى بېتى ۋە ياكى مۇلازىمېتىرىغا ئورتاق) لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، لېكىن بۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان، تۆۋەندىكى ئىشلىتىش شەرتلىرىنى ئوقۇپ چىقىڭ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سىز بۇ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە بويسۇندىغانلىقىڭىز ۋە بۇ شەرتلەر كۆرسەتكەن دائىرىدە چەكلىنىدىغانلىقىڭىزغا قوشۇلغان بولىسىز. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ھەرقانداق ۋاقىتتا باشقىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلماستىنلا، تۆۋەندە شەرھلىنىدىغان ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئۆز ئالدىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئۆز تور بېتىگە ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شەرتلەر ئېلان قىلىنغان ھامان كۈچە ئىگە بولۇپ، سىز بۇ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە بويسۇندىغانلىقىڭىز ۋە بۇ شەرتلەر كۆرسەتكەن دائىرىدە چەكلىنىدىغانلىقىڭىزغا قوشۇلغان بولىسىز.

نەشر ھوقۇقى

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى توربېتىدىكى بارلىق مەزمۇنلار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە خەلقئارا نەشر ھوقۇقى قانۇنلىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى سىزنىڭ تۆۋەندىكى: «نەشر ھوقۇقى © 1998-2013، RFA.  بۇ ماتېرىياللار
Radio Free Asia, 2025 M ST. NW, suit 300, washington 20036
نىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىشلىتىلدى» دېگەن ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ بىزنىڭ نامىمىزنى ئاتاش شەرتى بىلەن تور بېتىمىز https://www.rfa.org گە ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنى ئىشلىتىشىڭىزنى، نەشر قىلىشىڭىزنى ۋە قايتا تارقىتىشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا بېرىلگەن ھەرقانداق مەزمۇنلارنى ئېلان سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ئەگەر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېتىدىن نەقىل كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى شۇ ماتېرىياللارنى نەقىل سۈپىتىدە كۆرسىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. نەقىل ئېلىنغان ئۈزۈندى ئۆزگەرتىلمەسلىكى، ئەسلىدىكى نېگىزلىك مەزمۇنى بۇرمىلانماسلىقى شەرت.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئاڭلىتىلغان ھەرقانداق ئاۋازلىق ماتېرىياللارنى ئاڭلىتىش، قايتا ئاڭلىتىش ياكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېتى ۋە ياكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا قاراشلىق باشقا توققۇز بۆلۈمىنىڭ تور بەتلىرىگە بېسىلغان ھەر قانداق رەسىم ياكى سۈرەتلىك ماتېرىياللارنى قايتا نەشر قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. ئەگەر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ماس كەلگەن بولسا بۇنىڭ يولى باشقا.

سودا ماركىسى

RadioFreeAsia ® (ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى )، RFA ® ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى پروگراممىلار ئىسىملىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى چەكلىك شىركىتىگە خاستۇر. بارلىق ئىشلىتىش ھوقۇقلىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا تەۋە. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ يازما رۇخسەتنامىسى بولماي تۇرۇپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇلازىمەت ماركىلىرى، شىركەت بەلگىسى ۋە رەسىملىرىنى ئىشلىتىشىڭىزگە يول قويۇلمايدۇ.

پەقەت ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى شىركەت بەلگىسى RSS يوللانمىلىرىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەمىنلىگەن شىركەت بەلگىلىرىنى تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى RSS يوللانمىلىرى سىياسىتىگە ماس كەلگەن ئەھۋالدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئېكراندىن رەسىم تارتىش

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېتىنى ئېكراندىن رەسىم تارتىشقا يول قويمايدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېتىنى ئۇلاش

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئاخباراتچىلىق ئەخلاقى ۋە ئۆلچەملىرىگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە رىئايە قىلىدىغان، مۇستەقىل، غەيرىي- سودا خاراكتېردىكى ئاخبارات ئورگىنىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېتىنى ئۇلاش (a) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ھەرقانداق بىر كىشى ياكى تەشكىلاتنىڭ دەۋا-تەشەببۇسلىرى، ئىدىيىلىرى، توربەتلىرى، سىياسىي ھەرىكەتلىرى، مەھسۇلاتلىرى ياكى مۇلازىمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان ياكى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ياكى (b) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى ھەرقانداق شەكىلدىكى سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بىز ھەرقانداق ئۇلىنىش ئۈچۈن بېرىلگەن ئىجازەتنى ئېلىپ تاشلاشقا ھوقۇقلۇق.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇلىنىش ياسىغان 3- تەرەپ تورلىرى

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ھەمدە تور مەزمۇنلىرىنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى كونترول قىلالمايدىغان بەزى تور بەتلەرنىڭ ئۇلانمىلىرىنى تەمىنلەيدۇ. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇ تور بەتلىرىنىڭ مەزمۇنى، مەشغۇلاتلىرى، مەھسۇلاتلىرى ياكى مۇلازىمەتلىرىنى قوللىمايدۇ ھەمدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇ خىلدىكى تور بەتلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى، مەشغۇلاتچىلىرى، ئېرىشكىلى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقى، توغرىلىقى، سۈپىتى، ئېلانى، مەھسۇلاتلىرى، مۇلازىمەتلىرى ياكى توردىكى باشقا ماتېرىياللار ياكى بۇ خىلدىكى تورلاردىن ئالغىلى بولىدىغان ماتېرىياللارغا مەسئۇل ياكى جاۋابكار ئەمەس. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇ خىلدىكى تور بەتلىرىدە بېرىلگەن ھەرقانداق مەزمۇنلار، مەھسۇلاتلار ياكى مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلىتىش بىلەن باغلىنىشلىق بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ياكى كېلىپ چىقتى، دەپ گۇمان قىلىنغان ھەرقانداق زىيان ياكى چىقىمغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا جاۋابكار ئەمەس.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ https://www.rfa.org/english/feed/RSS تور ئادرېسى ئارقىلىق تەمىنلىگەن RSS يوللانمىلىرى باش تېما، قىسقىچە مەزمۇن ۋە تولۇق خەۋەرلەرنىڭ ئۇلانمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. RSS يوللانمىلىرى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا نەشر ھوقۇقى قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىنىدۇ. RSS يوللانمىلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ھوقۇقلار ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مەنسۇپ. پەقەت تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنغان ئاساستا، RSS يوللانمىلىرى قۇيسىڭىز، ئۇنىڭدىن نەقىل كەلتۈرسىڭىز ياكى ئۇنىڭ ئۇلىنىشىنى بەرسىڭىز بولىدۇ.

  1. ئۇلىنىش تور ئىشلەتكۈچىلەرنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ توربېتىگە يوللىسا.
  2. ئۇلىنىشنى ئىشلىتىش ياكى كۆرسىتىش ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ (تەشكىلات، ئورگان ياكى ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر) ياكى شەخسنىڭ دەۋا-تەشەببۇسلىرى، ئىدىيىلىرى، توربەتلىرى، سىياسىي ھەرىكەتلىرى، مەھسۇلاتلىرى ياكى مۇلازىمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان ياكى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتمىسە.
  3. RSS يوللانمىلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان باش تېما ۋە قىسقىچە مەزمۇنلارنىڭ نېگىزلىك مەنىسى ئۆزگەرتىلمىگەن ياكى بۇرمىلانمىغان بولسا.
  4. RSS يوللانمىلىرى ئارقىلىق ئۇلانغان خەۋەر ياكى باشقا مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتمىگەن بولسا.

مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش

ئەگەر سىز RSS يوللانمىلىرىنى تور بېتىڭىز، بلوگىڭىز ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يۇمتاللارغا قويسىڭىز، سىز چوقۇم RSS يوللانمىلىرىنىڭ يېنىغا «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خەۋەرلەر تېمىسى» دېگەن تېكىست ياكى RSS يوللانمىلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى شىركەت بەلگىسىنى ئۆزگەرتمەستىن قويۇش ئارقىلىق RSS يوللانمىلىرىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا تەۋەلىكىنى بىلدۈرۈشىڭىز شەرت.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ سودا ماركىلىرى، مۇلازىمەت ماركىلىرى، ياكى RSS يوللانمىلىرىنى باشقا ھەرقانداق شەكىلدە ئىشلىتىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ RSS. يوللانمىلىرى ئارقىلىق ئۇلانغان خەۋەرلەر ياكى باشقا مەزمۇنلارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، مەزكۇر ئىشلىتىش شەرتلىرىنىڭ نەشر ھوقۇقى قىسمىغا قاراڭ. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ھەرقاچان ۋە ھەر قانداق سەۋەب بىلەن RSS يوللانمىلىرىنى تەمىنلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەم سىزدىن RSS يوللانمىلىرى، RSS يوللانمىلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق مەزمۇن ۋە ياكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى شىركەت بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى ياكى ئۇلارنى ئېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.

  1. سىز تۆھمەت خاراكتېرلىك، كىشىنىڭ ئابرۇيىغا داغ تەگكۈزىدىغان، ئويدۇرما، خاتا يولغا باشلايدىغان، پەسكەش، چاكىنا، شاللاق، شەھۋانىي، زوراۋان، ھاقارەت قىلىدىغان، تەھدىت سالىدىغان، پاراكەندە قىلىدىغان، كەمسىتىدىغان، ئىرقچى، قوپال، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان، قانۇننى بۇزىدىغان، ئۆچمەنلىك تەرغىباتى شەكىللەندۈرىدىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھەر جەھەتتىن زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ماتېرىياللارنى چاپلىسىڭىز، يوللىسىڭىز، تارقاتسىڭىز بولمايدۇ.
  2. سىز ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ قىياپىتىگە ( مەسىلەن: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇچۇر تاختىسىغا باشقا كىشى ياكى شەيئىنىڭ ئىسمى ياكى ئېلخەت ئادرېسىنى ئىشلىتىپ كىرىش) يەنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئەمەلدارلىرى ياكى خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان ھەرقانداق بىرى ياكى شەيئىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالماسلىققا قوشۇلىسىز.
  3. سىز پەقەت نەشر ھوقۇقى ئۆزىڭىزدە بولغان ياكى ئېلېكترونلۇق ھالدا تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنغان ماتېرىياللارنىلا چاپلىسىڭىز، يوللىسىڭىز، تارقاتسىڭىز بولىدۇ. سىز ئۈچىنچى بىر شەخسنىڭ نەشر ھوقۇقى، سودا ماركىسى، سودا مەخپىيەتلىكى، شەخسىيىتى، كىشىلىك ھوقۇقى، ئىناۋىتى، ئەخلاقى، مۈلۈك ھوقۇقى، ھاۋالە ھوقۇقى، مەسىلەن: مەخپىي ئۇچۇرلار، سودا مەخپىيەتلىكى، قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقىڭىز، نەشر بۇيۇملىرىنى كەچۈرمەسلىكىڭىز، نەشر تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلماسلىقىڭىز كېرەك. سىز ئۆزىڭىز چاپلىغان، يوللىغان، ياكى تارقاتقان ھەرقانداق ماتېرىياللارنىڭ سىزنىڭ ئىكەنلىكى ياكى ئوچۇق -ئاشكارا تور دۇنياسىدا بولىدىغانلىقىغا ماقۇل بولىسىز ھەم ۋەكىللىك قىلىسىز. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇچۇر تاختىسى ياكى باشقا مۇلازىمەت تۈرلىرىگە مۇزىكا يوللاشقا بولمايدۇ.
  4. مۇلازىمەتنى پەقەت غەيرىي سودا مەقسىتىدىلا ئىشلىتىلىشكە بولىدۇ. سىز پۇل ئېلىشقا قىزىقتۇرىدىغان، تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئېلان قىلىدىغان ياكى قوللاپ قۇۋۋەتلەشنى ئۆتۈنىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ماتېرىياللارنى تارقاتسىڭىز ياكى نەشر قىلسىڭىز بولمايدۇ.
  5. سىز يۇمشاق دېتال ياكى ۋىرۇس ياكى زىيانلىق كود ياكى ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ماتېرىياللارنى چاپلىمايسىز، يوللىمايسىز ياكى تارقاتمايسىز. سىز بۇ مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ زەنجىرسىمان خەتلەرنى تاقىتىش، باشقىلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىش، جىنايى ھەرىكەتلىرىگە ئۈندەش، زور مىقداردا خەت تارقىتىش ياكى«ئەخلەت خەت» تارقىتىش، ياكى مۇلازىمەتتىكى باشقا ئابونىتلارغا «ئەخلەت خەت» ئەۋەتىش مەقسىتىدە ئېلخەت ئادرېسلىرىنى يىغىش ئۈچۈن بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتسىڭىز بولمايدۇ.
  6. سىز مۇلازىمىتىمىزگە چاپلىغان، يوللىغان، ياكى تارقاتقان ھەرقانداق ماتېرىياللارنى (مەيلى ھازىر مەلۇم بولغان ياكى بولمىغان ماتېرىياللار بولسۇن) سىز ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بۇلارنى مونوپول قىلمىغان يوسۇندا، مەڭگۈلۈك، نەشر ھوقۇقى بېجىسىز، سىز يەنە خەلقئارالىق ئىجازەتنامە بىلەن ئاخبارات ساھەسىدە بارلىق ئاخبارات شەكلىدە ئىشلىتىلىشى، كۆپەيتىشى، قايتا ئۆتۈنۈپ بېرىشى، ئۆزگەرتىشى، تارقىتىشى، ئاشكارا ئىجرا قىلىشى ياكى قويۇشىغا رۇخسەت بەرگەن بولىسىز.
  7. 18 ياشتىن تۆۋەن بولغان بالىلار ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇچۇر تاختىسىغا تىزىملىتىشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىشى كېرەك. 13 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىش، باشقىچە يوللار بىلەن ئۇچۇر تاختىسى ياكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى ھەرقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش سالاھىيىتى يوق.
  8. سىز ھېساباتىڭىز ئارقىلىق چاپلىغان، يوللىغان، ياكى تارقاتقان بارلىق مەزمۇنلارغا پۈتۈنلەي ئۆزىڭىز مەسئۇل. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇچۇر تاختىسىدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى تەكشۈرمەيدۇ ھەم تەكشۈرەلمەيدۇ. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇچۇر تاختىسى ياكى مۇلازىمەتلىرىگە مۇلازىمەت ئارقىلىق چاپلانغان، يوللانغان، تارقىتىلغان ماتېرىياللارغا نىسبەتەن ھەرقانداق مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقىنىڭ يوقلۇقىغا قوشۇلىسىز. شۇنداقتىمۇ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇچۇر تاختىسى قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىندى، ياكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ سىياسىتىگە زىت ياكى قارشى، دەپ قارالغان ماتېرىياللارنى ئېھتىيات يۈزىسىدىن ئۆچۈرۈش، تەھرىرلەش، ياكى يۆتكەش (مەجبۇرىيىتى ئەمەس) ھوقۇقى بار.
  9. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئابونىتلار ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇچۇر تاختىسىغا قويغان بايانات-پىكىرلەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ ھەم يوللانغان ماتېرىياللارنىڭ نەشر ھوقۇقى، مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئىجازىتى بىلەن، ياكى ئىشلىتىش شەرتلىرىگە قوشۇلغان ئاساستا چاپلىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
  10. سىز، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلىتىش شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق سەۋەبتىن ئۇچۇر تاختىسىغا چىقىشنى چەكلەش ياكى توختىتىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىز.

زىيان؛ تۆلەم تۆلەش

ئەگەر سىز ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇچۇر تاختىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇلازىمەتنى ئىشلەتسىڭىز، www.rfa.org ئارقىلىق ماقالە، ئېلخەت، ياكى باشقا ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز، تۆۋەندىكىلەرگە بويسۇنۇشقا ياكى رىئايە قىلىشقا قوشۇلىسىز.

قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق باياناتى

سىز (a) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇچۇر تاختىسى ياكى مۇلازىمەت ئارقىلىق چاپلىغان، يوللىغان، تارقاتقان ھەرقانداق ماتېرىيالنىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلمىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىسىز، (b) بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەنلىكىڭىز، سىزنىڭ بۇ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. سىز ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە ئۇنىڭ دىرېكتورلىرى، ئەمەلدارلىرى، خىزمەتچىلىرى، ئەزالىرى ۋە رۇخسەت قىلىنغۇچىلىرىنى ھەق-تەلەپ، قەرز، راسخوت ۋە چىقىملارنى تۆلىسۇن، دەپ دەۋا قىلمايمەن، دەپ ۋەدە ۋە كاپالەت بېرىشكە قوشۇلىسىز. بۇ چىقىملار ئادۋوكات ھەققى ۋە تۆۋەنكىلەردىن (كېلىپ چىققان) (1) سىزنىڭ يۇقىرىدىكى باياناتنامىلەرگە ۋە كاپالەتنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىشىڭىز، (2) سىزنىڭ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشىڭىز (3) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇچۇر تاختىسى ياكى مۇلازىمەت ئارقىلىق چاپلىغان، يوللىغان، ئاڭلاتقان ھەرقانداق ماتېرىياللىرىڭىز، ياكى (4) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ نەشر بۇيۇملىرى، ئاڭلاتقانلىرى ياكى شۇ خىلدىكى ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشىڭىزدىن كېلىپ چىققان.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مەيلى ئېنىق، يوشۇرۇن، چەكلىك، ئومۇمىي ۋە باشقىچە بولغان ھەرقانداق كاپالەتنامىلەردىكى قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇلازىمىتى «ھازىرقى ھالەت» يوسۇنىدا تەمىنلەنگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇلازىمەتلىرىمىز كاشىلىغا ئۇچرىمايدۇ ياكى خاتالىقتىن خالىي، دەپ كاپالەت بېرەلمەيدۇ. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت ۋە مۇلازىمەتتە بار بولغان، مۇلازىمەت ئارقىلىق ياكى مۇلازىمەتكە ئۇلىنىش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ھەرقانداق ئۇچۇرلار، مۇلازىمەتلەر، مەھسۇلاتلار، كۆزقاراشلار، ياكى باياناتلارنىڭ توغرىلىقى، ئىشەنچلىكلىكى، ياكى مەزمۇنى توغرىسىدا ھېچقانداق كاپالەت بەرمەيدۇ. مۇلازىمىتىمىزنى پەقەت ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە ئۆزىڭىز مەسئۇل. ھەرقانداق ئەھۋالدا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە ئۇنىڭ دىرېكتورلىرى، ئەمەلدارلىرى، خىزمەتچىلىرى، مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلىتەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ۋاسىتىلىك، ئەگەشمە، ئالاھىدە، ھادىسە خاراكتېرلىك ياكى ئېغىر زىيانلارغا مەسئۇل بولمايدۇ.

نەشر ھوقۇقى ۋاكالەتچىسى

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى باشقىلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھەر قانداق شەكىلدە كۆچۈرۈلۈپ، نەشر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى - تەرز يەتكەنلىكىگە ئىشەنسىڭىز، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى نەشر ھوقۇقى ۋاكالەتچىسىگە خەت يېزىپ تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيسىز.

  1. نەشر ھوقۇقى ئىگىسىگە ۋاكالەتچىلىك قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن كىشىنىڭ قوليازما ياكى ئېلېكترونلۇق ئىمزاسى.
  2. نەشر ھوقۇقۇم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپتۇ، دەپ قارىغان ئەسىرىڭىزنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى.
  3. نەشر ھوقۇقۇم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپتۇ، دەپ قارالغان ماتېرىيال ياكى نەشر ھوقۇقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش تېمىسى، بۇ ماتېرىياللارنى يۆتكەش، ياكى توردا ئالالمايدىغان قىلىپ قويۇشقا ئالاقىدار تەپسىلاتلار ھەم بىزنىڭ بۇ ماتېرىياللارنى تېپىشىمىزغا كېرەكلىك بولىدىغان يېتەرلىك ئۇچۇرلار.
  4. ئادرېسىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىز قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىڭىز.
  5. ئىشلىتىلگەنلىكى شىكايەت قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئىشلىتىشكە نەشر ھوقۇقى ئىگىسى، ۋاكالەتچىسى ياكى قانۇن تەرىپىدىن ئىجازەت بېرىلمىگەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەنچىڭىز بارلىقى توغرىسىدىكى بايانات.
  6. دوكلاتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى ۋە سىزنىڭ نەشر ھوقۇق ئىگىسى ياكى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەسەر ئىگىسىنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئىكەنلىكىڭىز، ئەگەر يالغان گۇۋاھلىق بەرسىڭىز قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىڭىز توغرىسىدىكى بايانات.

تۆۋەندىكى ئادرېس ئارقىلىق ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى نەشر ھوقۇق ۋاكالەتچىسى بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولىدۇ: contact@rfa.org

خەلقئارالىق ئابونىتلار

مۇلازىمەت ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ ياكى مەشغۇلات قىلىدۇ. ئەگەر سىز مۇلازىمەتكە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ سىرتىدىكى جايلاردىن چىقسىڭىز، ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت قانۇنى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا بويسۇنۇش مەسئۇلىيىتىڭىز بار.

ۋە باشقىلار

بۇ ئىشلىتىش شەرتلىرى بىلەن شەخسىيەت سىياسىتى، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېتىنى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار بارلىق كېلىشىملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە بۇرۇنقى ھۆججەتلەر، خەت-ئالاقىلەر، سۆھبەتلەر ياكى بۇ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاغزاكى ياكى يازما كېلىشىملەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدۇ.

بۇ ئىشلىتىش شەرتلىرى ئامېرىكا پايتەختى- ۋاشىنگتون كولومبىيە ئالاھىدە رايونىنىڭ قانۇن تاللاش تۈزۈمى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىڭ قانۇنلىرى (ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرى) تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ ۋە شەرھلىنىدۇ.

قانۇن تەرىپىدىن يول قۇيۇلغان دائىرىدە، مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلىتىش شەرتلىرى دائىرىسىدىكى ھەرقانداق تالاش –تارتىشلار بولسا يەرلىك ياكى شۇ يەرگە جايلاشقان فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىلىرىگە شىكايەت قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىز كولومبىيە رايونى ئىچىدىكى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە يەرلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن سوتلىنىشقا قوشۇلىسىز.

ئىشلىتىش شەرتلىرىنىڭ بىرەر قىسمىنىڭ بىكار قىلىنىشى ياكى ئۆزگەرتىلىشى باشقا قىسىملىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ۋە تۈزىتىلگەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ (شۇنداق بولغانلىقىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ).

ئىشلىتىش شەرتلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر بەلگىلىمىسىنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئىجرا قىلغىنى بولمايدىغانلىقى بايقالسا، شۇ بەلگىلىمە يول قويۇشقا بولىدىغان ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىجرا قىلىنىدۇ ھەم ئىشلىتىش شەرتلىرىنىڭ باشقا قىسىملىرى تولۇق ئۈنۈمى بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Apr 09, 2015 05:55 PM

ھۆرمەتلىك ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى باشقۇرۇش خادىملىرى
ئاۋسترالىيە - شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىر قەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى خېلىلا كۆچلۈك بىر دۆلەت ئەمما بىز خەۋەرلەردىن ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيەت ۋە ھەركەتلەر توغرۇلۇچ تۇلۇق خەۋەرلەرنىڭ بىرلمەيۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇپتىمىز. سىزلەرنىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىڭلار بارمۇ يوقمۇ؟ ئەگەر ھازىرغىچە مۇخبىر بولمىسا ئۆز كەسپىنى سۆيىدىغان بىر مۇخبېر قۇبۇل قىلساڭلار بولمامدۇ! بىر مەزگىل بۇرۇن ئاۋسترالىيە توغرۇلۇق خەۋەرلەرنى خېلى كۆپ كۆرۈپ تۇراتتۇق- بۇنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمىز. رەھمەت