ئۈرۈمچى دائىرىلىرى 18-ماي كۈنى ئەبەدىي خەير-خوش ليۇداۋان دېدى. بۇ ئېچىلغىنىغا 60 يىل بولغان بۇ كاننىڭ مەڭگۈلۈك ئىشتىن توختىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇ رايوننىڭ قىياپىتىنىڭمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
60 يىلنى تەسۋىرلىسەك، بىر بالىنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىپ بالىلىق، ياشلىق، قىران دەۋرلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ مويسىپىت بوۋايغا ئايلانغان ۋاقتى بولىدۇ. 60 يىللىق ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن تىك قۇدۇق، ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆكەرتىش پىلانى بويىچە پۈتۈنلەي مەنزىرىلىك چېنىقىش، ئارام ئېلىش رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلمەكچى. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەزكۇر كاننى تاقاشقا، بۇ جاي ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېقىن بولغاچقا ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن.
بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر كاننى تاقاش ھەققىدە تۇنجى قارار ئېلان قىلىشى ئەمەس، 2004-يىلى ئۈرۈمچى قىزىلتاغ رايونى ئەتراپىدا يەنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەمۇرى بىناسىغا يېقىن 700 مېتىر كېلىدىغان جايدا 3 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە بىر ھاڭ پەيدا بولىدۇ، بۇ دەل ليۇ داۋان كۆمۈر كانىنىڭ تەرتىپسىز، ھەددىدىن زىيادە قېزىلغانلىقىدىن خەتەرلىك ئەھۋالغا كېلىپ قالغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ جىددىي سىگنالى ئىدى. خىتاي كۆمۈر بايلىقى خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتە 2004-يىلى 20-ئاۋغۇست ليۇ داۋان كۆمۈر كاننىڭ ئورەكلىرى ئۈرۈمچىگە تەھدىت سالماقتا دەپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ليۇ داۋان كۆمۈر كانلىقى ئەتراپىدا، بولۇپمۇ ئاھالىلەر رايونىدا بۇ خىل چوڭ-كىچىك ئورەك ھەم ئازگاللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ دائىرىسى 20 مېتىردىن ئاشىدىكەن. ئەينى چاغدا 13 يىل كاندا ئىشلىگەن ئەيساجان ئىسىملىك بىر كان ئىشچىسى مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭلىغان كان قۇدۇقلىرىنى قېزىشقا قاتناشقانلىقىنى، كاننىڭ ئوت ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پەقەت سۇنى بېسىم بىلەن قۇدۇققا توشقۇزۇشتەك قالاق ئۇسۇل قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ۋە خىتاي كۆمۈر كانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2004-يىلى، 2007-يىلى ۋە 2009-يىللىرىمۇ مەزكۇر كاننى تاقاش ھەققىدە مەخپىي ۋە ئاشكارا ھۆججەت چىقارغان. لېكىن بۇنىڭغا ليۇداۋان كان شىركىتىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن تاقالماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇ جايدا ئېغىر مۇھىت مەسىلىسى پەيدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالماي، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يېپىشقا تىرىشقان. بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا 2006-يىلى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ليۇ داۋان كۆمۈر كانىنىڭ پەيدا قىلغان ئورەكلەرنى ئۈچ يىل ئىچىدە تولدۇرۇپ بولۇشنى پىلانلاپ، 350 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. ئەمما كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغىنى، ھەتتا 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر تىك قۇدۇقنىڭ كۈندىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1000 توننا ئەتراپىدا داۋام قىلغان.
بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرى ليۇ داۋان كۆمۈر كانىنىڭ 2010-يىلى 4-ئايدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ كاننىڭ ئېكولوگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا بۇ جاينى ئۆزگەرتىپ كۆكەرتىلگەن مەنزىرىلىك رايون قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
كان ئىشچىلىرىنىڭ سانى 10 مىڭدىن، مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق 40 مىڭدىن ئاشىدىغان ليۇداۋان كۆمۈر كانىنى تاقاش، پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش شۇنداق ئاسانمۇ؟ ئۇنداقتا تىك قۇدۇقتىكى 10 مىڭلارچە ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تىك قۇدۇقتا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر قەيەرلەرگە كۆچۈرۈلدى؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن تىك قۇدۇق كانىدىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ؟ تېلېفون مۇلازىمىتىنىڭ توختىتىلغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئەمما تىك قۇدۇق ئاھالىلەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر خىتاي سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى:
-تىك قۇدۇقمۇ بۇ؟
-ھە شۇنداق.
-سىز شۇ يەرلىكمۇ؟
-مەن ئۆزۈمنى تېگى تەكتىمدىن ليۇ داۋانلىق دېسەم بولىدۇ. ھازىرمۇ مۇشۇ ئىدارىدە ئىشلەيمەن.
-كۆمۈر كان ۋەيران بولۇپ تاقىلىپتۇ دەپ ئاڭلىغانتىم. قاچان تاقالدى؟
-ھە يېقىندا تاقىدى تېخى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جاينى كۆكەرتىپ ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقى راست، مېنىڭ ئىشىك ئالدىمدىلا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلىغىلى نەچچە يىل بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇنىڭ سەۋەبى كاننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولغانلىقىدا ئەمەس، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايوندا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن مەزگىل بولدى. بۇ يەر ئۈرۈمچى شەھىرىگە بەك يېقىن بولغاچقا ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىتىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن گەپ، ئاساسلىقى شۇ سەۋەب، ھازىر ئاساسلىقى يېڭى سېلىنغان بىنالار قالدى، كېسەكلىك كەپىلىك ئۆيلەر مەھەللىلىرىمۇ بار. ئۇلارمۇ ئاستا-ئاستا چېقىلىپ كۆچۈرۈلمەكتە. ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىلىپ بولدى.
-ئۇنداقتا كەپىلىك مەھەللىلەردە كىم قالدى؟
-ئادەم خېلى بار يەنە.
-ئۇ جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر جىق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ھازىرمۇ شۇنداقمۇ؟
-ياق ھازىر ئۇنداق ئەمەس، ئۇيغۇرلار بار، 30% نى ئىگىلەمدىكىن، ھازىر بۇ جايدا باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر، سودىگەرلەرمۇ جىق.
ئىشچىلارچۇ؟
-باشقا كانلارغا يۆتكىدى، ئالتايدا ۋە باشقا جايلاردىمۇ چوڭ-كىچىك كانلار جىق، شۇ يەرلەرگە كەتتى. كۆكەرتىدىغان رايونغا توغرا كەلگەن ئاھالىلەرنى 8 داۋان ۋە شىمىگۇ رايونىدىكى يېڭى ئولتۇراق رايونلىرىغا كۆچۈردى.
-كان تاقالغاندىن كېيىن ئىشچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھۆكۈمەت مۇۋاپىق ھەل قىلدىمۇ؟
-قىلدى، دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭمۇ مائاشىنى ئۆستۈردى. ھۆكۈمەت رازى قىلىۋاتىدۇ.
-ھازىر ليۇ داۋاننىڭ تەبىئىي مۇھىتىدىن باشقا ئىجتىمائىي مۇھىتى قانداق؟
-سىز شىنجاڭنى ئانچە بىلمەيدىغان ئوخشايسىز. شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە ئاز سانلىق مىللەت بار. بۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگىمۇ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. ھازىر مۇقىملىقتا ئىلگىرىلەش تەشەببۇس قىلىنغاندىن بۇيان ھەممە يەردە ئامانلىق كۈچەيتىلىپ، 5-ئىيۇلدەك ۋەقەلەر يۈز بەرمەيدىغان ھالەتكە كەلدى. خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز. ھېچقانداق ئىش يوق.
-ئىلگىرى ليۇ داۋان كانىنىڭ كۆمۈرنى چوڭقۇرلاپ قازغانلىقىدىن ئاخىرى ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىدە بىر ئورەك پەيدا بوپتۇ دەپ خەۋەر چىققان ئۇ قانداق بولدى.
-شۇ يىلىدىن باشلاپلا ھۆكۈمەت ئۇ ئورەككە ئۈرۈمچىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى تۆكۈپ تىندۇردى. ھازىر ئەمدى بۇ كاننى پۈتۈنلەي تاقىدى سەۋەبىمۇ دەل شۇ بىلەمسىز، كاننى ۋەيران بولدى دەپ يوللىسا مەركەزدىن مەخسۇس قۇتقۇزۇش تۈزەش مەبلىغى ئاجرىتىدۇ ئەمەسمۇ شۇنى كۆزلىگەن گەپ، ھازىر ئەمدى كاننىڭ ھەممە ئۈسكۈنە، ئەسۋابلىرىنى ساتىدىكەن. كېيىن كۆمۈر توشۇپ كەلگەن رېلىسنى يولۇچى توشۇيدىغان پويىز يولىغا ئۇلاپ ليۇ داۋاندا مەخسۇس پويىز بېكەت قۇرۇشنى پىلانلاپتۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان بۇ.
ليۇ داۋان تىك قۇدۇق كۆمۈر كانىنىڭ پۈتۈنلەي تاقىلىش سەۋەبى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بايانلىرى پەرقلىق بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارمۇ باشقىچە پىكىردە، بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇداۋان تىك قۇدۇق كۆمۈر كانىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانىنىڭ ئەسلى بۇ رايوندا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھەقتە كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.
