'كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ھالاك بولۇشى چوقۇم' مۇ ؟

-- ئازراق كاللىسى بارلىكى جۇڭگولۇقلار، ئازدۇر - كۆپتۇر ھېس قىلىپ يەتتىكى، كوممونىستىك پارتىيە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ كۈنلىرى ئاز قالدى. ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى بىلەنلا ھۈلى تۈگەپ يوغا تاممۇ يۆلەپ تۇرالمايدىغان ئەسكى تامدەك ھەر ۋاقىت غۇلاپ چۈشىدۇ، - - دەپ ماقالىسىنى باشلىغان سۇ مىڭ ئەپەندى، 2009 ‏ - يىلى 10‏ - ئاينىڭ 5‏ - كۈنى جۇڭگوغا نەزەر تور بىتىگە "خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى يېتىپ كەلدى، گۇمران بولۇش پەيتى قىستاپ كەلدى" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا، -- ‏20 يىل ئىلگىرى شەرقى ياۋرۇپا، سابىق سوۋېتلەردە كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندەك، يۈز بېرىشكە تېگىشلىك تۇيۇقسىز ۋەقەلەر بەلكى شۇنداق تىز يۈز بېرىشى كېرەك... نۇرغۇنلىغان خىتاي پۇقرالىرى نېمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنەلمەي تۇرغان بىر ۋاقىت، بىر جەرياندا كوممۇنىست خىتايلار جۇڭگو تۇپرىقىدا كۆزدىن غايىپ بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

-- رۇمىنىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ كاتتا بېشى چىئوسسكو ئادالەت تۇيغۇسىغا ئىگە ھەربىيلەر تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىندى، سوت قىلىپ ھەربىي سوت ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغۇچە، بارى يوق ئىككى كۈنلا ۋاقىت كەتتى. چىئوسسكونىڭ جەسىدى كوچىدا قانغا مىلىنىپ قالدى. ئادالەتنىڭ كۇچى خەلق ئارىسىدا بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرى غەلىبە قىلغۇچىلار خەلق بولىدۇ، ‏-- دەيدۇ سۇ مىڭ ئەپەندى. مۇنداق ئېيتقاندا سۇ مىڭ ئەپەندى، مۇستەبىتچىلىك ۋە زوراۋانلىق ھەر كۈنى غەلىبە قىلىدۇ، ئەمما، ئادالەت ئاخىرقى قېتىم بەلكى مەڭگۈلۈككە، خۇددى ئادالەت شەرقى ياۋروپادا، سابىق سوۋېتلەردە غەلبە قىلغاندەك غەلبە قىلىدۇ، بەلكى ھەم جۇڭگودىمۇ شۇنداق غەلبە قىلىدۇ، دېمەكچى بولسا كېرەك.

-- شۇ چاغدا دەيدۇ، ‏ -- سۇ مىڭ ئەپەندى، ‏-- چىئوسسكو ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىت بېيجىڭ ۋاقتى سائەت تۆتلەرگە توغرا كېلەتتى. باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار بېيجىڭدا تېلېفون ئارقىلىق ئويغىتىلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىغا تىزىلىپ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ رۇمىنىيە ۋەقەسىگە ئىپادە بىلدۈرۈشىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. بىر جۈملە سۆز، مەركىزى كومىتېت رۇمىنىيە خەلقىنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىمىز دېدى، ‏ - دەپ كۆرسەتتى سۇ مىڭ ئەپەندى.

ئەجىبا، خىتاي كوممۇنىستلىرى شۇنىڭدىن 6 ئاي بۇرۇن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلمىدىغۇ؟مەركىزى ھۆكۈمەت بېيجىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلماي، نېمىشقا ئوق چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى باستۇردى؟ 1989 - يىلى 3 - ئايدا تىبەتلەر قوزغىلىپ دېموكراتىيە ۋە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغاندا، خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلماي، نېمىشقا بۈگۈنكى خۇ جىنتاۋ ئوق چىقىرىپ تىبەتلەرنى باستۇردى؟ بۇ يىل 7‏ - ئاينىڭ 5‏ - كۈنى ئۇيغۇرلار تاللىماقچى بولدى، تاللاپ ئالدى، بىراق مۇستەملىكىچى خىتاينىڭ مەركىزى كومىتېتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ۋاڭ لېچىۋەننىڭ ساقچىلىرى ئوق چىقىرىپ نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى باستۇردى.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قانداق ھەرىكەتلەرنى، كىمنىڭ ھەرىكىتىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە كىملەرنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە قانداق خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى ئوق چىقىرىپ باستۇرىدىغانلىقى بۇ يەردە ئايان بولدى ھەمدە بۇ يەردە ھەقىقەت سېلىشتۇرما ئىچىدە ئايان بولدى.

سۇ مىڭ ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا كوممۇنىست خىتايلار ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولۇشى چوقوم دەپ كۆرسەتتى.