خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئاساسىي نىشانى ' قوش تىللىق ئوقۇتۇش' نى يېزا - قىشلاقلارغا كېڭەيتىشتىن ئىبارەت

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئۇيغۇر خەلقى سىياسى داۋالغۇش، مىللىي ئىسيان ۋە توقۇنۇشلار بىلەن تولغان 2008 - يىلىنى تاماملاپ يېڭى يىلغا قەدەم قويدى.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ تۈپ نىشانى ۋە مەقسىتى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىدىغان 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگە قەدەر بۇ رايوندا زور سىياسى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا گويا پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلەۋاتقاندەك بىر ساختا مەنزىرىنى پەيدا قىلىش ئىدى.

ئەمما، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدىن، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى چاقىرىلغان 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگە قەدەر بۇ رايوندا جەريان قىلغان ۋە مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار زور سىياسى ۋەقە ۋە توقۇنۇشلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ جەھەتتە ئەسلى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى، " ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش " دېگەن شوئار بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىلىپ بارغان بىر قاتار باستۇرۇش ۋە قاتتىق نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنىڭ، يەرلىك خەلق ئارىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ئەگەر بىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا تۈزۈپ چىققان بىر قاتار سىياسەتلىرىگە ۋە يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان بۇ رايوندىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەشۋىقات يۆلۈنۈشىگە قارايدىغان بولساق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2009 - يىلى ئىچىدە ئاتالمىش " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ۋە بۇ خىل سىياسەتنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبىي رايونلاردىكى يېزا - قىشلاقلارغا ئومۇملاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئاساسى نىشان قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنى بۇ يىل ئىجرا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم سىياسەتلىرىنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ۋە بۇيىلنىڭ بېشىدا، " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " غا غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىش ھەققىدە قارار ئالغانلىقىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. مەسىلەن، " تيانشان تورى " نىڭ 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، " قوش تىللىق يەسلى " دەپ ئاتالغان ۋە مەخسۇسلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنىدىغان خىتايچە يەسلى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 3 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ ئاجرىتىشنى قارار قىلغان. خىتاينىڭ پىلانىغا ئاساسەن، بۇ يىل ئىچىدە جەنۇبتىكى ئاتۇش، قەشقەر ۋە خوتەن رايونلىرىدىكى يېزىلاردا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن يېڭىدىن 1237 " قوش تىللىق يەسلى " قۇرۇپ چىقىدىكەن ۋە 2012 - يىلىغا قەدەر پۈتۈن رايون بۇيىچە يەرلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتالمىش " قوش تىللىق يەسلى " دەپ ئاتالغان بۇ خىتايچە يەسلىلەرگە كىرىش نىسبىتىنى 85 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

ھەقىقەتەنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش جەھەتتە باسقان غايەت زور قەدىمى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. مەسىلەن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنغان " قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىپى " نىڭ سانى 5000 دىن كۆپرەككە، بۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 150 مىڭ نەپەرگە يەتكەن.

2004 - يىلىدىن، 2008 - يىلىغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مەكتەپلىرىگە قوشۇۋېتىلگەن مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمى سانى 891 بولۇپ، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت مىللىي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " يولغا قويۇلۇشقا باشلانغان.

خىتاي ھاكىمىيىتى شەھەرلەردە قانات يايدۇرغان " قوش تىللىق ئوقۇتۇش " سىياسىتىدە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، نىشانىنى ئۇيغۇر يېزىلىرىغا قاراتتى ۋە قىسقىغىنا بىر - ئىككى يىل ئىچىدە بۇ جەھەتتىمۇ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى. مەسىلەن، " ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى " نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا تۇرغان يەرلىك ئۆسمۈرلەرگە قارىتا تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش " قوش تىللىق يەسلى " لەرنىڭ سانى 2982 گە، ئۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى بولسا 930 مىڭ نەپەرگە يەتكەن.

ھېچ شۈبھىسىزكى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش " قوش تىللىق سىياسىتى " بولسا، ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، ھەتتا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش پىلانىدىن ئىبارەت " دەپ قارىماقتا ۋە بۇ جەھەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئىزچىل تۈرگە ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتاينى بۇ سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەپ كەلمەكتە.

ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شۇنچە نارازىلىق ۋە قارشىلىقلارغا قارىماستىن ، بۇ سىياسىتىنى يىلدىن - يىلغا كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مىللىي زىددىيەت، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولماقتا.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىسى ۋە مائارىپچى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدىم.