يۇقىرىقى رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەنوبىي رايونلاردىن ھاياتلىق يولى ئىزدەپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ياكى قولغا ئېلىنغان، ياكى ئۆز يۇرتلىرىغا مەجبۇرىي ھەيدەلگەن. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدا روشەن دەرىجىدە ئازىيىش كۆرۈلگەن.
كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى تۇنجى بولۇپ 60 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتايچە "شۇسەن" دېگەن نامدا يەنە ئۈرۈمچىدە باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بولسا ئىچكى قىسىمدا بۇنى " سۈرگۈن سىياسىتى" دەپ ئاتىغان ئىدى.
تاكى 70 - يىللارنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋام قىلغان بۇ سۈرگۈن سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچىدە ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن 100 مىڭلىغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ھالدا ئائىلىسى بىلەن بىرگە چەت ياقا يۇرتلاردىكى يېزا - قىشلاقلارغا كۆچۈرۈلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىشى چەكلەندى. ئۇلاردىن بوشىغان قورو - جايلارغا تامامەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى يەرلەشتۈرۈلدى.
ئۈرۈمچىدە باشلانغان بۇ تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى باشقا چوڭ شەھەرلەرگىمۇ كېڭەيتىلدى.
شۇ مەزگىللەردە خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە جەنوبىي رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن، " كادىر ۋە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش " دېگەن نامدا، 100 مىڭلىغان ئۇيغۇرنى جەنوبىي رايونلاردىن مەجبۇرىي ھالدا شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلارغا يۆتكىگەن، "شىنجاڭنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش" دېگەن نامدا يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي كۆچمەنلىرى بولسا سۈرگۈن قىلىنغان بۇ ئۇيغۇرلاردىن بوشىغان ئۆي - ماكانلارغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى.
گەرچە، خىتاي ھاكىمىيىتى 1979 - يىلى چاقىرىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 11 - نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3 - ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن، " سۇسەن " دەپ ئاتالغان بۇ تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى توڭلىتىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما، 80 - يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچىلا ئەمەس، ھەتتا كۆپ ساندىكى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە نوپۇس جەھەتتە ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
مەسىلەن، 1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا، ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلاتتى ۋە پۈتۈن ۋىلايەت ۋە شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك نوپۇس جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيتتى.
1980 - يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ يىغىندىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى تۇنجى بولۇپ 50 پىرسەنتنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئومۇمى نوپۇس ۋەزىيىتىگە قاراپ باقايلى:
ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى 15 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستىنىڭ ئىچىدە پەقەتلا تۆۋەندىكى 6 ۋىلايەتتىلا نوپۇس جەھەتتە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ:
قىزىلسۇ ئوبلاستى - 63.98 پىرسەنت؛
تۇرپان ۋىلايىتى - 70.01 پىرسەنت؛
ئاقسۇ ۋىلايىتى - 71.93 پىرسەنت؛
قەشقەر ۋىلايىتى - 89.35 پىرسەنت؛
خوتەن ۋىلايىتى - 96.43 پىرسەنت؛
يۇقىرىقى 6 ۋىلايەتتىن باشقا 11 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ ھەممىسىدە خىتايلار نوپۇس جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ 6 ۋىلايەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە، "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش" دېگەن نىقاپ بىلەن، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنوبىي رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى شىمالىي رايونلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەشكە باشلىدى. خىتاينىڭ بۇ خىل تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە جەنوبىي رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتىدە يىلدىن - يىلغا ئازلاش كۆرۈلمەكتە. كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە جەنوبىي رايونلاردىن شىمالىي رايونلارغا ۋە خىتايغا ھەيدەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ.
ئەمدى شەھەرلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇت 16 شەھەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شەھەرنىڭ سانى پەقەتلا 4 بولۇپ، بۇلار، تۇرپان شەھىرى - 70.38 پىرسەنت؛ ئاتۇش شەھىرى - 79.75 پىرسەنت؛ قەشقەر شەھىرى - 77.36 پىرسەنت؛ خوتەن شەھىرى - 82.40 پىرسەنت. قالغان 12 شەھەرنىڭ ھەممىسىدە يەنە خىتايلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلماقتا.
"ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دەپ ئاتالغان بۇ رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ بەربات بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران 12 پىرسەنت، خىتايلار بولسا 75.30 پىرسەنت.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 10 پىرسەنتنىڭ ئاستىغىمۇ چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن شەھەرلەردە، بولۇپمۇ جەنوبىي رايونلاردىكى شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە، "يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرىش قۇرۇلۇشى" "كونا ۋە خەتەرلىك ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى" دېگەندەك ناملاردا، شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى پەيدىن - پەي يېزىلارغا كۆچۈرمەكتە.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىمۇ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ۋە كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى نەچچە 100 مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسىنى باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق قەشقەر شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ۋە نىسبىتىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت !
