باش مىنىستىر مېركېل خانىم بېيجىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىمنىڭ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى باشلىنىپ، شەنبە كۈنى ئاياقلاشقان 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ قېتىمقى زىيارەت ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە كۈچلۈك تالاش - تارتىشلار داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00

مېركېل خانىم بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، تىبەت مەسىلىسى بىلەن بىرگە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان شۇنداقلا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى رايوننىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

بۇ، گېرمانىيە تارىخىدا بىر باش مىنىستىرنىڭ تۇنجى قېتىم " ئۇيغۇر " دېگەن كەلىمىنى تىلغا ئېلىشى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مېركېل خانىمنىڭ بۇ ھەرىكىتى، چەتئەللەردە، جۈملىدىن گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى چەكسىز سۆيۈندۈرۈپلا قالماستىن، گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيىلەرنىمۇ ئالاھىدە مەمنۇن قىلدى.

مەسىلەن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى باربارا خانىم 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، مېركېل خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى جەسۇرانە ھەرىكىتى تەرىپلەش بىلەن بىرگە، خىتاي بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى كرىزىس بىلەن بىرگە يەنە، كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىنىڭمۇ دائىم كۈنتەرتىپتە بولۇشى لازىملىقىنى، چۈنكى تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتىگە ئەڭ ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ يېقىن دىئالوگ قۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل 4 - ئايدا بېرلىندا گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ھازىرقى رەئىسى كلائودىئا روھت خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىنى تۇنجى بولۇپ تىلغا ئالغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار گېرمانىيىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى فىشەر ئەپەندى بولۇپ، فىشەر ئەپەندى بىر قانچە يىل بۇرۇن جەنۋەدە چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقوق كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقوق تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. شۇڭا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى، ھازىر گېرمانىيىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلانغان يېشىللار پارتىيىسىنىمۇ مەمنۇن قىلدى.

مەسىلەن، گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى يېشىللار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرى ئۆمىكىنىڭ رەئىسى ۋولكەر بەكك ئەپەندى، 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى گېرمانىيە غەربىي جەنۇب رادىئوسىدا قىلغان سۆزىدە، باش مىنىستىر مېركېل خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسى جەھەتتىكى بۇ خىل سەزگۈرلۈكىنى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە " ئىقتىسادى كرىزىس مەزگىللىرىدە كىشىلەر كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىگە سەل قارايدۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىگە سەل قارىساق، ئىقتىسادنى ئۇزۇن مۇددەت ساغلام تەرەققى قىلدۇرالمايمىز، شۇڭا ئىككى مەسىلىنى ھەر ۋاقىت پاراللىل ھالدا بىرگە ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم " دەپ كۆرسەتتى.

ۋولكەر بەكك ئەپەندى يەنە، ئولىمپىك سەۋەبى بىلەن خىتاينىڭ ئاخبارات ساھەسىدە بىر ئاز يۇمشاش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا بۇ جەھەتتە ھېچبىر ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقىنى، بۇ ئىككى رايوننىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن بەربات بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككى رايوننىڭ ھازىر دۇنيانىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كېلىپ، " شۇڭا باش مىنىستىر مېركېل خانىمنىڭ بۇ ئىككى رايونغا قىزىقىۋاتقانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىگە بىلدۈرۈپ قويۇشى ناھايىتى مۇھىم " دەپ كۆرسەتتى.

ۋولكەر بەكك ئەپەندى يەنە، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنىڭ ئايرىم ئىككى مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرساملا ھەممە مەسىلە ئوڭشىلىدۇ دەپ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كېلىپ، " مەسىلەن، پۇتىننىڭ رۇسىيىسى جانلىق بىر ئۆرنەك، پۇتىن رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇردى، ئەمما رۇسىيىنىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتى كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىۋاتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مېركېل خانىمنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىدا، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ۋە گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوينىغان رولى چوڭ بولغان. زىيارەت ھارپىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىدىن سىرت يەنە، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن سىياسىي پارتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە مېركېل خانىمغا مۇراجەتنامە ۋە مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان مۇزاكىرىلەردە تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ياكى گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نوقۇل ھالدا، " پەقەتلا سودا - سېتىق مۇناسىۋىتى " دەپ قارايدۇ، شۇڭا ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ھامان خىتاي تەرەپ، " ئىچكى ئىشلىرىمىزغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى " دەپ نارازىلىق بىلدۈرىدۇ.

ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم بېرلىندا دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ كۆرۈشكەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى، " ئىچكى ئىشلىرىمىزغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى" دەپ قىيامەت قوپۇرۇپ مېركېل خانىمغا قاتتىق ھۇجۇم قىلغان، مېركېل خانىم بولسا، " دېموكراتىك بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ۋەكىلى بىلەن، ھەر قانداق بىر كىشىلىك ھوقوق جەڭچىسى بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقۇم بار " جاۋاب بەرگەن، بۇ سەۋەبتىن خىتاي بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرى بىر مەزگىل داۋالغۇشقا دۇچ كەلگەن ئىدى.

ئەمەلىيەتتە بولسا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئومۇمىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ پەقەت سودا مۇناسىۋەتلەرنىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىتاينى سىياسىي، ئىجتىمائىي،قانۇنىي، مەمۇرىي، مەدەنىي - مائارىپ، مۇھىتنى قوغداش ... قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپلىمىلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى شۇنداقلا، كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىنىڭمۇ ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

مەسىلەن، ئۆتكەندە بيۈرىكسېلدە ئېلان قىلىنغان ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانىدا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، "ياۋروپا بىرلىكى، جۇڭگونىڭ قانۇن ۋە دېموكراتىك ئاساسلارغا تايانغان ئەركىن بىر جەمئىيەتكە قاراپ يۈزلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ شەرققە كېڭىيىشى جەريانىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىشى لازىم، چۈنكى ئىلگىرىكى كۆپلىگەن سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەدرىجى ھالدا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ماسلاشتۇرغان ئىدى " دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. يەنى ياۋروپا بىرلىكى خىتاينى سوتسىيالىزىمدىن ۋاز كېچىپ، دېموكراتىك بىر سېستىمىغا كۆچۈشكە ئاشكارا دالالەت قىلغان ئىدى.