توققۇزاقتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىگە نەزەر

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شاۋگۇئەندە خىتايلارنىڭ ئىرقى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق توققۇزاق ناھىيىسىدىن "ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يۈزلەندۈرۈش" دېگەن سىياسىي نىقاپ بىلەن مەجبۇرىي يۆتكەپ كېتىلگەن ياش دېھقانلار ئىدى.

0:00 / 0:00

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن شاۋگۇئەندە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان توققۇزاقلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۇلارغا رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلغان ئىرقىچى خىتايلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە شاۋگۇئەندىكى توققۇزاقلىق دېھقانلارنى بىخەتەر ھالدا دەرھال ئۆز يۇرت - ماكانلىرىغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، شاۋگۇئەن ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان توققۇزاق ناھىيىسى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، ھەتتا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان موھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.

شاۋگۇئەن ۋەقەسىدىن بۇيان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاخبارات ۋە باياناتلارنىڭ ھەممىسىدىلا خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش، شاۋگۇئەندە ئىرقىي ھۇجۇمغا ئۇچرىغان توققۇزاقلىق دېھقانلارنى دەرھال بىخەتەر ھالدا ئەسلى يۇرتىغا قايتۇرۇش جىددىي تەلەپ قىلىنىپ كىلىنمەكتە. مانا ھازىر شاۋگۇئەن ۋەقەسى يۈز بەرگىلى 4 ئايدىن ئاشتى، بۇ 4 ئاي مابەينىدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارزۇ - تەلەپلىرىگە قايسى دەرىجىدە قۇلاق سالدى ؟ شاۋگۇئەندىكى توققۇزاقلىق دېھقانلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى قانداق ؟ شاۋگۇئەن ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە ۋاستىلىق رول ئوينىغان توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىچۇ ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن يەنىلا شاۋگۇئەندىن 6000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ بۈگۈنكى رىيال ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ ۋە توققۇزاقنىڭ ۋەزىيىتىدىن، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومومىي ۋەزىيىتىنىمۇ ئېنىق كۆرىۋىلىش مۇمكىن.

15 يىل جەريانىدا توققۇزاقنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 500 مىڭ ئازايغان

قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق توققۇزاق ناھىيىسى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ناھىيە پامىر ئىگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيىگە قاراشلىق 18 يېزا - بازار بار. توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئەھەت ياسىننىڭ 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شاۋگۇئەن شەھىرىدە خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى ئومومى نوپۇسى 320 مىڭ نەپەر. ئەمما، توققۇزاقنىڭ نوپۇسى ھەققىدە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر نۇقتا بار، چۈنكى كېيىنكى 15 يىل جەريانىدا توققۇزاقنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 500 مىڭ ئازايغان.

مەسىلەن، " شىنجاڭ يىلنامىسى " دا كۆرسىتىلىشىچە، توققۇزاقنىڭ 1995 - يىلىدىكى ئومۇمى نوپۇسى 362 مىڭ 646 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكلەرنىڭ سانى 359 مىڭ 489 نەپەر . ئۇنىڭ ئۈستىگە 95 - يىلى توققۇزاق ناھىيىسىدە تۇغۇلۇش نىسبىتى 23.17 پىرسەنت، ئۆلۈش نىسبىتى 8.87 پىرسەنت، تەبئىي كۆپىيىش نىسبىتى 14.3 پىرسەنت بولغان، تۇغۇلۇش ۋە تەبئىي كۆپىيىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن 15 يىلدىن بۇيان توققۇزاقنىڭ نوپۇسىدا ئېشىش بولماي ئەكسىچە يېرىم مىليونغا يېقىن كەمىيىش كۆرۈلدى ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشمۇ تەس ئەمەس، چۈنكى توققۇزاقنىڭ ھاكىمى ئەھەت ياسىننىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ناھىيىدىن ھەر يىلى، " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلەشلەشكە يۈزلەندۈرۈش " دېگەن نىقاپ بىلەن ئەسلى يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 75 مىڭ ئادەم قېتىمغا يىتىدۇ.

ھازىر بۇ ناھىيىدىن خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ئومۇمى سانى 10 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنىڭ 3400 نەپىرى گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە، بۇ ئۆلكىنىڭ شاۋگۇئەن شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان توققۇزاقلىق ئىشچىلارنىڭ ئومۇمى سانى 819 نەپەر، بۇلار شاۋگۇئەن ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن 5 كۈن بۇرۇن، يەنى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى توققۇزاقتىن ئېلىپ كىلىنگەن. بۇ يەردە ئەجەپلىنەرلىك مەسىلە شۇكى، توققۇزاقلىقنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان 10 مىليوندىن ئارتۇق خىتاينى 60 يىل سىغدۇرغان - يۇ، ئەمما خىتاي يۇرتى شاۋگۇئەن 819 نەپەر توققۇزاقلىق ئۇيغۇرنى بىر ھەپتە سىغدۇرمىغان !

توققۇزاقتىن يەنە 65 مىڭ ئادەم قېتىم ئىشلەمچى يۆتكەلگەن

يەنە شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، شاۋگۇئەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن بۇيان، شاۋگۇئەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە يەنە توققۇزاق ناھىيىسىدىن 3 تۈركۈم بويىچە مىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە يولغا سېلىنغان.

پەقەتلا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر توققۇزاق ناھىيىسىدىن باشقا يۇرتلارغا ۋە خىتايغا مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە ئىۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 65 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

دېمەك، توققۇزاقنىڭ نوپۇسىنىڭ كېيىنكى 15 يىلدىن بۇيان يېرىم مىليونغا يېقىن ئازلاپ كىتىشى، خىتاي تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يۈزلەندۈرۈش " دېگەن نىقاپ ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چوڭ سۈرگۈن ھەرىكىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىرتقا ھەيدەلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەسلى يۇرتىغا قايتالمىغان.

خىتاي توققۇزاقلىق 3 نەپەر دېھقاننى زىندانغا مەھكۇم قىلدى

ئۇنداقتا شاۋگۇئەندىكى توققۇزاقلىقلارنىڭ ئاقىۋىتىچۇ ؟ خىتايدىكى " جەنوبىي دىيار گېزىتى "نىڭ خەۋەر قىلىشىچىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى شاۋگۇئەندە ئىرقچى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن توققۇزاقلىق بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈكىدىن باشقا، تىرىك قالغان ھېچبىرىنى يۇرتىغا قايتۇرغىنى يوق، ئەكسىچە ئۇلارنى خۇددى مەھبۇسلاردەك قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، شەھەر سىرتىدا ئۇلار ئۈچۈن ئايرىم ئىشلەپچىقىرىش سىخلىرىنى قۇرۇپ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇلارنى يەنە مەجبۇرىي ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋە ئۇلارنى مەخسۇس نازارەت قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىن ساقچى ۋە كادىرلار يۆتكەپ كەلگەن.

شاۋگۇئەن سوتى 10 - ئاينىڭ 10 -كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتايلاردىن تاياق - توقماق يىيىشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان 3 نەپەر توققۇزاقلىق دېھقاننى 5 يىلدىن 6 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. گەرچە بۇ 3 نەپەر بىچارە دېھقان يۇقىرى دەرىجىلىك سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خىتاي يۇقىرى سوتى شاۋگۇئەن سوتىنىڭ ئەسلى ھۆكمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، بۇ 3 نەپەر دېھقاننى زىندانغا مەھكۇم قىلدى.

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق تەقدىر !

بۈگۈن قارايدىغان بولساق، قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسى، پۈتۈن خىتاينىڭ ئاساسلىق نېفىت ۋە گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان تارىم ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ناھىيىنىڭ ئەتراپى خىتاينىڭ زاۋۇت، كان - كارخانىلىرى ۋە نېفىت - گاز قۇدۇقلىرى بىلەن قاپلانغان.

ئەمما، توققۇزاقتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان يىللىق كىرىمى 1500 يۈئەندىن ئاشمايدۇ، يەنى، پۈتۈن خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. 320 مىڭ نوپوسقا ئىگە توققۇزاقنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاران 42 مىڭ 500 گېكتار بولۇپ، ئېتىز - ئېرىق ۋە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى تەرەققى قىلمىغىنى ئۈچۈن يېڭى بوز يەر ئىچىش ئىمكانىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قالغان.

ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن باشقا يۇرتلارغا، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە بېرىپ سەرگەردانلىق ۋە قۇللۇق ھاياتى كەچۈرۈشتىن باشقا چىقىش يولى يوق، چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يولىنى قويمىغان ! مانا بۇ، بۈگۈنكى توققۇزاق ! مانا بۇ، بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان ! مانا بۇ، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق تەقدىر !