ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليونغا يەتسە ...

كونىلاردا، " قوي جاننىڭ دەردىدە، قاسساپ گۆشنىڭ " دەيدىغان بىر تەمسىل بار. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا باشلاتقان بىر قاتار سىياسىي ھەرىكەتلىرى، دەل يۇقىرىقى تەمسىلنىڭ مەزمونىغا باپ كېلەتتى.

0:00 / 0:00

چۈنكى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يىتەلمىگەن خېلى كۆپ ساندىكى ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇرلار، 5 - ئىيۇلدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىرقىي ھۇجۇم ۋە قىرغىنچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئۈمىدىنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە باغلىغان، مەركىزى ھاكىمىيەتتىن، شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان قىزىل تېررورلۇققا ۋە ئىرقىي تازىلاش ھەرىكەتلىرىگە دەرھال خاتىمە بېرىشنى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار ھەققىدە ئەستايىدىل مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئادالەتسىز سىياسەتلەرنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنى، قانۇنى جەھەتلەردىكى ھەق - ھوقوقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، ھازىرغا قەدەر پەقەت قەغەز يۈزىدىلا ساقلىنىپ قالغان "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ ماددىلىرىنى تولۇق ۋە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، بۇ ئارقىلىق مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ كېڭىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەقەززالىق بىلەن ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئەمما خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۇقىرىقىدەك ھەقىقانىي ئارزۇ - تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي يوقىتىش سىياسىتىنىڭ قەدىمىنى يەنىمۇ تىزلىتىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى تىكەننىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان، ئۈرۈمچىدىكى مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ ھەر زامان شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ يېيىلىش خەۋپى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك جىددىي بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ رەئىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە پايپاسلاپ كىلىپ، قورچاق رەئىس نۇر بەكرى بىلەن، " شىنجاڭدا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش كىلىشىمنامىسى " دېگەن نەرسىنى ئىمزالىغانلىقى، خۇددى ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق، يەنە كىلىپ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاشتىن ئىبارەت ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىمزالانغان ۋە 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان بۇ يېڭى "پىلانلىق تۇغۇت كېلىشىمنامىسى" نىڭ ئاساسلىق مەزمونى بولسا، جەنوبتىكى نامرات 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاست دەپ ئاتالغان قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ئاتالمىش "ئاز تۇغۇپ، تىز باي بولۇش" تەشۋىقات خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىلانلىق تۇغۇت كادىرلىرى قوشۇنىنى زورايتىش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغانلارنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاش ۋە تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان قىلىپ، بۇ رايوندا نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 1988 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەجبۇرىي يۈرگۈزۈپ كىلىنىۋاتقان ئاتالمىش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بولسا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ كىلىۋاتقان، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇلغىيىپ كىتىشىگە بىۋاستە سەۋەبچى بولۇپ كىلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى. بۈگۈنكىدەك شۇنچە جىددىي ۋە مۇرەككەپ بىر سىياسى ۋەزىيەت ئاستىدىمۇ يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زور تەۋەككۈلچىلىك بىلەن يېڭى بىر پىلانلىق تۇغۇت ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلغانلىقىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ئۇيغۇرلارغا بىرلا پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى

چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە خەلقئارانىڭ دىققەت - ئېتىبارى شەرقىي تۈركىستانغا مەركەزلەشكەن بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق پەيتتە، يەنە يېڭى بىر پىلانلىق تۇغۇت ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى، پات ئارىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتامۇ بىرلا پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنىڭ ئالدىن سىگنالى ۋە تەييارلىقىدىن ئىبارەت.

چۈنكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن 1984 - يىلى چىقىرىلغان 7 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە، "نوپۇسى 10 مىليوندىن ئوشۇق بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئادەتتە خەنزۇلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش سانى بىلەن ئوخشاش بولۇشى لازىم، نوپۇسى 10 مىليوندىن تۆۋەن بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەردە بىر جۈپ ئەر - ئايال ئادەتتە ئىككى پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ماددا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغىمۇ كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاخىرقى قېتىم ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسى 20 مىليون 951 مىڭ 900 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 9 مىليون 650 مىڭ 600 نەپەر ۋە ئومۇمى نوپۇسنىڭ 46.06 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، يەنە 400 مىڭ كىشى قوشۇلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليونغا يېتىپ بارىدۇ. خىتاينىڭ ئادىتى بويىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ياكى كىلەر يىلنىڭ باشلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى ھەققىدىكى يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن، ئادەتتە ئومۇمى نوپۇس تەكشۈرۈش خىتايدا 5 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ 5 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدا 400 مىڭ كىشنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى تەبىئى بىر ئەھۋال. دېمەك، بۇنى مۆلچەرلىگەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر خەلقى جان قايغۇسىدا تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاستىرتتىن ئۇلارغا قارىتا بىرلا پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.

ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيىتى يوق

خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى لى ۋەن، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈرۈمچىدىكى " يېڭى پىلانلىق تۇغۇت ھەرىكىتىنى باشلاش مۇراسىمى" دا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئاتايىتەن كەلگەنلىكىنى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوننىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ بۇ قېتىمقى مۇراسىمدا قىلغان سۆزلىرى ناھايىتى كۈلكىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا سۇ ۋە تېرىلغۇ يەر مەنبەسى كامچىل، نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر نوپۇسنى جىددىي تىزگىنلىمىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ قالاقلىق ۋە نامراتلىق ھالىتىدىن قۇرتۇلۇشى تەس بولارمىش! ئەمەلىيەتتە بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ زېمىنى ۋە تەبىئى بايلىقلىرى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئاسماندىكى قاغا - قۇزغۇنلارمۇ بىلىدۇ.

چۈنكى خىتاينىڭ ستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 10 مىليونغا يېقىن بولۇپ، پۈتۈن خىتايدا بىر يىلدا كۆپىيىدىغان نوپۇستىنمۇ تۆۋەن تۇرماقتا ۋە خىتاينىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىنىمۇ تەشكىل قىلمايدۇ، ئەمما، ئەنەشۇ 10 مىليون ئۇيغۇرنىڭ زېمىنى، پۈتۈن خىتاينىڭ زېمىنىنىڭ 5 دەن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. باشقىسىنى تىلغا ئالمىساقمۇ، پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت، گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئاساسلىق ئېنىرگىيە بايلىقلىرىنىڭ زاپاس مىقدارى پۈتۈن خىتاينىڭ زاپاس مىقدارىنىڭ 40 نەچچە پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ھازىر پۈتۈن خىتاي بويىچە ئاشلىقتا ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېشىنغان شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا ئۆلكە ياكى ئاپتونوم رايون يوق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىللىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ پۈتۈن خىتاينىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

قىسقىسى، خۇددى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تىلغا ئېلىپ كەلگىنىدەك، زېمىن ۋە تەبىئى بايلىقلار نۇقتىسىدىن ئالغاندا، شەرقىي تۈركىستان رايونى ھېلىغۇ 10 مىليون ئۇيغۇر ئىكەن، 100 مىليون ئۇيغۇرنىڭ باياشات ياشىشىغىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ !

دېمەك، خىتاي ھاكىمىيىتى توۋلاپ كەلگەن "ئاز بالا تاپساڭ، تىز باي بولىسەن"، "نامراتلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى - كۆپ پەرزەنت كۆرگەنلىكتىن ئىبارەت" دېگەندەك شوئارلىرىنىڭ ھەممىسى نادان خەلقنىڭ كۆزىنى بۇياش ئۈچۈن توقۇپ چىقىرىلغان يالغان سەپسەتىلەر بولۇپ، ئەسلى مەقسەت ۋە نىيەت - بۇ تۇپراقنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشتىن ئىبارەت.