' مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى' دېگەن قۇرۇق شوئارغا تايىنىپ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇمكىنمۇ ؟

دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئاخىرقى مۇزاكىرىلەرنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلىشىشى، چەتئەللەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىدە،تىبەت ۋەكىللىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيىلىك ھەق - ھوقۇقلىرى تەلەپ قىلىنغان 5 تۈرلۈك تەكلىپنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەتئى تۈردە رەت قىلىنغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرە جەريانىدا خىتاي تەرەپ تىبەتلىكلەرنىڭ ئالدىغا، "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" دېگەن كىتابچىنى تاشلاپ، تىبەت ۋە باشقا مىللەتلەر مەسىلىسىنى مۇشۇ قانۇن ئاساسىدا ھەل قىلىدىغانلىقىنى، 67 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بۇ قانۇندا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالغان. خىتاي تەرەپ ھەتتا تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قانۇننىڭ بەزى ماددىلىرىغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنىمۇ رەت قىلغان.

دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىككى خىل تاكتىكىنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى، بىرى، تىبەت مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش؛

يەنە بىرى بولسا خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، مۇزاكىرە يولى ئارقىلىق تىبەتنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىدى.

بۇ ئىككى يولنىڭ ئالدىنقىسى بولسا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى قوللىنىپ كەلگەن بىردىن - بىر يول بولۇپ، ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى خىتايدىن ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق ئەمەس، بەلكى ئىگىلىك ھوقۇقنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

ئەمەلىيەتتە بولسا تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي تەلەپلىرىمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئەنە شۇ خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى نىڭ بەزى ماددىلىرىغا تايانغان بولۇپ، تىبەتلىكلەرنىڭ تەلىپى بولسا مانا شۇ قانۇننىڭ ھەقىقى يوسۇندا تولۇق ئەمىلىلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئىچكى جەھەتتە تامامەن ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقوقىغا ئېرىشىش ئىدى.

مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1984 - يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئېلان قىلىنغان " مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى"نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىمۇ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىلىپ، " مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە - ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى نامايەن قىلىش" دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تىبەتلىكلەرنىڭ تەلىپىم دەل مۇشۇ كىرىش سۆز قىسمىدا بايان قىلىنغان پرىنسىپلارنىڭ روھى بويىچە ئىچكى جەھەتتە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئىدى.

دېمەك، تىبەتلىكلەرنىڭ يۇقىرىقى تەلەپلىرىنىڭ يولسىزلارچە رەت قىلىنىشى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى چىقارغان قانۇنغا ئۆزىنىڭ ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى، مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى، دېگەن نەرسىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە چىقىرىلغان ۋە ھېچ بىر زامان ئىجرا قىلىنمىغان قۇرۇق بىر سىياسى شۇئاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ تۇرماقتا.

چۈنكى بۇ ماددىنىڭ روھى بويىچە بولغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئاپتونوم ئورگانلارنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماسلىقى، خىتايلارنى ئەزىز، يەرلىكلەرنى ھۆر كۆرمەسلىكى، يەرلىكلەرنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىشقا، مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇشقا، دىنسىزلاشتۇرۇشقا، مىللىي مائارىپىنى ۋەيران قىلىشقا، ئىقتىسادى جەھەتتىن تالان - تاراج قىلىشقا، بۇ رايونلارنى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن تولدۇرۇشقا ئۇرۇنمىغان بولاتتى.

ئەمما بۈگۈنكى مەنزىرە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن تارتىپ، ھەرقايسى نازارەت، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، ھەتتا كەنتلەرنىڭ ئاساسلىق مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقۇقىمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىكوملارنىڭ بىۋاستە كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا. بۇلا ئەمەس، ھەتتا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە سىياسى مەسلىھەت كېڭەشلىرى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىلىرىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقۇقىمۇ تامامەن كومپارتىيىنىڭ كونتروللىقىدا بولۇپ، يۇقىرىقى ئورگانلارنىڭ پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ بىر مەسىلىدە قارار بېرىش ھوقۇقى يوق.

خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقۇتۇش ۋە تەبىي بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ سىياسىتىدىن ھېچ بىر زامان ۋاز كەچكىنى يوق ۋە بۇخىل قويۇق مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان سىياسىتىنى يىلدىن يىلغا كۈچەيتىپ كەلمەكتە.

"ئاپتونومىيە" دېگەن بۇ سۆزنىڭ تۈپ مەنىسى، " ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش" دېگەنلىكتىن ئىبارەت، بۇخىل ئىدارە قىلىش، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، قانۇنىي، ۋە باشقا كۆپ جەھەتلەردىكى ئىچكى ھەق - ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەمۇرى ئورگانلار ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا تىبەتتىكى بۇدخانىلار ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسجىتلەرمۇ تامامەن كومپارتىيىنىڭ باشقۇرۇشى، نازارىتى ۋە سىياسى جەھەتتە پايدىلىنىشى ئاستىدا تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يەنە بۇ رايونلاردا ئاپتونومىيە، دېگەن سۆزدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ ؟

شەرقىي تۈركىستاننى ئېلىپ ئېيتساق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 2000 - يىلى بۇ رايونغا قارىتا باشلاتقان چوڭ غەربىي شىمالنى ئېچىش، سىياسىتىنى بولسا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ تۈپتىن بىكار قىلىنىشى،دەپ قارىماقتا.

مەسىلەن، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش، دېگەن نامدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئومۇمىي يۈزلۈك دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى بولسا، مىللىي تېررىتورىيە قانۇنىنىڭ 11 - ماددىسىغا تۈپتىن خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىياسىتى بولسا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى نىڭ 37 - ماددىسىغا خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش" دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش سىياسىتى بولسا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 23 - ماددىسىغا تامامەن زىت.

خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، "شىن جىياڭنى ئېچىش، شىن جىئاڭنى گۈللەندۈرۈش" دېگەن نىقاب ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىي بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ تەبىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشى ۋە نەپ ئېلىشىنى تامامەن چەكلەش سىياسىتى بولسا يەنە "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە" قانۇنىنىڭ 62 - ماددىسىغا خىلاپ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىدارە - جەمئىيەتلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا خىتايچىنى راۋان بىلىشنى شەرت قىلىشى ۋە خىتايچە بىلمىسەڭ ئىستىقبالىڭ يوق دېگەن سەپسەتىنى تەرغىپ قىلىشى بولسا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 10 - ماددىسىغا تۈپتىن خىلاپ.

قىسقىسى بىز، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 67 ماددىسىنىڭ ھەممىسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى رىيال ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى چىقارغان بۇ قانۇنىنى ئۆزىنىڭ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى 84 - يىلى ئېلان قىلغان بۇ قانۇنىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا ھازىرغا قەدەر چوڭ بىر ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، جۇڭ خۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ تەركىبىگە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا تامامەن زىت كېلىدىغان بەزى ماددىلارنى تولۇقلاپ كىرگۈزۈش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نامىدا يەنە "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپ كېلىدىغان يەرلىك قانۇن، نىزام، بەلگىلىمە ۋە پرىنسىپلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ماھىيەت جەھەتتە "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نى پۈتۈنلەي بىكار قىلدى.

ئاددىي بىر مىسالنى ئېلىپ ئېيتساق، "مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 62 - ماددىسىدا، " دۆلەت، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلاردا بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئالدى بىلەن مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونوم جايلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىشى، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشى، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم؛ يۇقۇرى دۆلەت دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن مىللىي ئاپتونوم جايلاردا قۇرۇلغان كارخانا ۋە خىزمەت ئورۇنلىرى خادىم قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىشى لازىم؛ يۇقىرى دۆلەت دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن مىللىي ئاپتونوم جايلاردا قۇرۇلغان كارخانا ۋە خىزمەت ئورۇنلىرى يەرلىك ئاپتونوم ئورگانلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم" دېيىلگەن بولۇپ، ئەگەر سىز بۇ ماددىنىڭ روھى بويىچە، " مەركەز شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كېتىۋاتقان نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر " قاتارلىق تەبىي بايلىقلاردىن يەرلىككە پايدا تاپشۇرسۇن، ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلارغا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاندىكى كان - كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرسۇن" دېگەن ئاددىي تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، ئۇ چاغدا خىتاي ھاكىمىيىتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنى نىڭ 9 - ماددىسىنى كۆزىڭىزگە تەڭلەپ تۇرۇپ، بۇ ماددىدا،" كان، دەريا، ئورمان، تاغ، ئوتلاق، بوز يەر، سايلىق يەر قاتارلىق تەبىي بايلىقلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا،" " تەبىي بايلىقلارنى دۆلەت بىر تۇتاش ئاچىدۇ ۋە پىلانلايدۇ، دېيىلگەن" دەپ جاۋاب بېرىدۇ ۋە سىزنىمۇ دەرھال "3 خىل كۈچلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، زەربە بېرىش نىشانى قىلىدۇ.

ئەگەر ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ۋە ئاپتونومىيىلىك ھەق - ھوقۇقلىرى، 84 - يىلى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان خىتاينىڭ ئارخىپ ئامبىرىدىن چىقماي چىرىشكە يۈز تۇتقان " مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى" نىڭ گۈزەل ماددىلىرىغا ئاساسەن بىراز بولسىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت رايونىدىكى مىللىي ئىسيان ۋە قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھەرىكەتلىرى ھازىرقىدەك بۇ دەرىجىدە كۈچۈيۈپ كەتمىگەن بولاتتى.

دېمەك، خۇددى چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنىڭ بايان قىلغىنىدەك، ۋەدىسىدە تۇرمىغان، ئۆزى چىقارغان قانۇنلارنى ئۆزى ئاياق ئاستى قىلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ ئىدىلوگىيىسىدىن باشقا ھېچ بىر پىكىر - ئېقىمنى سىغدۇرمايدىغان بۈگۈنكى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن سۆھبەت يولى ئارقىلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس !