تارىم ئويمانلىقىدا ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان مىللىي ئىسيانلار نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 6 شەھەر دەپ ئاتالغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تارىختىن بۇيان تارىم ۋادىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاساسلىق مەركىزى بولۇپ كەلگەن، مەمۇرچىلىق قاپلىغان باياشات بىر رايون ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن بولسا تارىم ئويمانلىقى خىتاي بويىچە ئەڭ مۇقىمسىز رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، تارىم ۋادىسىدىكى مىللىي ئىسيانلار ۋە قارشىلىق كۆرۈنۈش ھەرىكەتلىرى بىر - بىرىگە ئۇلۇشۇپ ئايىقى ئۈزۈلمەي داۋام قىلماقتا. تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت قۇدۇقلىرى، تەبىئىي گاز ئېغىزلىرى ۋە زاۋۇت، كان - كارخانىلارنىڭ سانى كۆپەيگەنسېرى، بۇ ۋادىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ چۇقان ۋە ئىسيان سادالىرى شۇنچە كۈچۈيۈپ باردى.

مەسىلەن، بۇ يىلنىڭ ئۆزىنىلا ئېلىپ ئېيتساق، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خوتەندە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەردى.

8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قەشقەردە چەتئەلنىڭ كۈچلۈك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان سەمەن يولى ۋەقەسى يۈز بەردى.

8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كۇچار ناھىيىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بىر قاتار پارتلىتىش ۋەقەلىرى مەيدانغا كەلدى.

8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى پەيزىۋات ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىرىدە يەنە مىللىي قارشىلىق كۈچلىرى بىلەن خىتاي ساقچى - ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى.

يۇقىرىقىلار پەقەتلا تارىم ئويمانلىقىدا يۈز بەرگەن ۋەكىل خاراكتېرلىك چوڭراق ھادىسىلەردىنلا ئىبارەت ئىدى.

ئاپتونوم رايون نىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ بۇيىل 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىنىڭ باش قىسمىدا، 1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مەيدانغا كەلگەن بارىن ۋەقەسى دىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەكىل خاراكتېرلىك 11 قېتىملىق مىللىي قارشىلىق كۆرۈنۈش ھەرىكىتى نەقىل قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىككى ھادىسىدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى تارىم ئويمانلىقىدا، يەنى 6 شەھەر رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

ئۇنداقتا تارىم ئويمانلىقىدا كۈندىن - كۈنگە ئۇلغىيىشقا باشلىغان مىللىي كۈرەش يالقۇنلىرى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئورتاق قارىشىچە، بۇ رايوندىكى مىللىي ئىسيانلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئارتۇقچە باش قاتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى تارىم ۋادىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىلا ھەممىگە تولۇق جاۋاب بولالايدۇ.

مەسىلەن، بۈگۈن تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرى، تەبىئىي گاز ئېغىزلىرى، كۆمۈر كانلىرى شۇ دەرىجىدە كۆپكى، خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ئەسلىتىدۇ، نېفىت ۋە گاز تۇرۇبىلىرى خۇددى بوغماق يىلاندەك پۈتۈن ۋادىنى چىرماپ ئالغان، كورلىدىن تارتىپ تاكى خوتەنگىچە ئاساسلىق چوڭ ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى نېفىت - خىمىيە زاۋۇتلىرى، نېفىت قوماندانلىق شىتاپلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاستە قارايدىغان بۇ نېفىتلىك ۋە كان - كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان 100 مىڭلىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى خىتايلاردىن ئىبارەت ۋە بۇلار ئۈچۈن سانسىزلىغان زامانىۋى ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىنغان.

بۇ خىتاي ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 5000 يۈەندىن كام ئەمەس ۋە بۇ، جەنۇبى رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 3 - 4 يىللىق كىرىمى بىلەن تەڭ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا مودا ۋە ئېسىل كىيىم، ئاستىدا پىكاپ، يېيىشى گۆش - ماي، ئىچىشى شاراپ، ئۆيى بىكارلىق، ئوتۇن قالايدىغان ئىش يوق، ھەممىسىنىڭ ئۆيىدە زامانىۋى گاز ئوچاقلىرى بار، سۇدىن، توكتىن غېمى يوق.

ئەپسۇسكى، ئۇلار كەيىپ سۈرۈۋاتقان مۇھىتنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېقىڭ:

كۆپىنچىسىنىڭ ئولتۇرىدىغىنى لاي - كېسەكتە سېلىنغان خارابە ئۆيلەر، ئۆي - ئۆيلەردە قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغان ئاتا - ئانىلارنىڭ يىغا - زارلىرى، ئوچاقتا قالايدىغانغا گاز تۇرماق ھەتتا كۆمۈرمۇ يوق، كوچا - بازارلارنى ئۇچۇسى جۇل - جۇل، قوسىقى ئاچ يەرلىك تىلەمچىلەر قاپلىغان، شەھەر - بازارلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىشسىز، ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ سىرەن ساداسى ھەممە ياقنى قاپلىغان، يەرلىكلەرنىڭ كۆزلىرى تەشۋىش ۋە نەپرەتكە تولغان.

دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى يەنە بۇرۇنقىدەك ئىپتىدائىي ۋە قالاق، يۇقۇرقىدەك روشەن سېلىشتۇرمىلار ھەققىدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆپلىگەن ماقالە ۋە پروگراممىلار ئېلان قىلىندى.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىكلەرگە قاراتقان ئىقتىسادى جەھەتتە مۇستەملىكىلەرچە سۈمۈرۈش، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش، قارشى چىققۇچىلارنى بېسىم، تەھدىت ۋە زەربە بىلەن سىڭدۈرۈش سىياسىتى، بۇ رايونلاردا مىللىي ئىسيانلارنىڭ تېخىمۇ ئەۋجى ئېلىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللاردىن ئىبارەت.

ئەمەلىيەتتە بولسا بۈگۈن تارىم ئويمانلىقى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا جەھەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق بازىلىرىنىڭ بىرى.

مەسىلەن، خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى نىڭ 2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە تارىم ئويمانلىقىدا تەكشۈرۈپ بايقالغان نېفىت زاپاس مىقدارى بىر مىليارت 730 مىليون توننا بولۇپ، 2000 - يىلى تارىم ئويمانلىقىدىكى يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 940 مىڭ توننا بولغان بولسا، 2007 - يىلى 5 مىليون 360 مىڭ توننىغا يەتكەن، بۇيىل 6 مىليون 900 مىليون توننىغا يېتىشى مۇمكىن.

خىتاينىڭ پىلانى، 2010 - يىلىغا قەدەر يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 10 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش.

ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئى گاز مىقدارى 21 مىليارت 100 مىليون كۇپ مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تارىم ئويمانلىقىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان.

يەنە كېلىپ باي ناھىيىسىگە ۋە خوتەننىڭ بۇيا يېزىسىغا تەسىس قىلىنغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كانلار بولسا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى بولۇپ، خۇددى موزدۇزنىڭ پۇتىدا ئاياق يوق دېگەندەك، بۇ ئىككى ناھىيىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىرغىچە قالىغىلى كۆمۈر يوق، جاڭگالدىن ئوتۇن تېرىپ ھايات كەچۈرمەكتە.

يەنە مەسىلەن، 1988 - يىلى مەركەزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پوسكام ناھىيىسىدە تەسىس قىلىنغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت - خىمىيە زاۋۇتىمۇ خىتاينىڭ نۇقتىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان بېنزىن، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىق مەھسۇلاتلار خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە.

ئەمما پوسكامچۇ ؟

يەر - يېرىدىن بۇلدۇقلاپ نېفىت ئېقىپ تۇرغان بۇ ناھىيە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، جەنۇبىي شىنجياڭدىكى ئەڭ نامرات ناھىيە دەپ بېكىتىلگەن ناھىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئىپتىدائىي، تېرىلغۇ يەر ئاز، ئەمگەك كۈچى كۆپ، خەلقى نامرات، دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1300 يۈەن ئەتراپىدا، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان سەنەركە ۋە خىمىيىۋى ئوغۇتتىن يەرلىكلەرگە بىراز ئىلتىپات قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا پوسكامنىڭ دېھقانچىلىقى ماشىنىلاشقان، ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققى قىلغان، تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولاتتى.

ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، نۆۋەتتە پوسكام ناھىيىسى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەڭ كۆپ ئېۋەتىۋاتقان ناھىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ناھىيىدىن 2004 - يىلىدىن بۇيان پەقەتلا شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئەۋەتىلگەن قىزلارنىڭ سانى 5000 دىن ئاشىدۇ.

يەنە مەسىلەن، قاغىلىقتىكى كۆكيار نېفىتلىكىنى ئېلىپ ئېيتساق، 1977 - يىلى بايقالغان بۇ نېفىتلىك، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 30 يىلدىن بۇيان خىتاينى زور مىقداردا نېفىت بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ - يۇ، ئەمما بۇ ناھىيىمۇ 30 - يىلدىن بۇيان نامرات ناھىيە دېگەن نامدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ ۋە بۇ ناھىيىمۇ ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىشنىڭ بايراقدارى.

مەسىلەن، گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزىنىڭ ئىگىلىشىچە، تەي جىن شەھىرىدىكى شىنخۇئان مايكا توقۇش زاۋۇتى غا قاغىلىق ناھىيىسىدىن 300 نەپەر ئۇيغۇر قىزى يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈنلۈك ئىش ۋاقتى 15 سائەت ۋە ئايلىق مائاشى ئاران 340 يۈەن، بۇ پۇلمۇ ئۇلارنىڭ قولىغا بېرىلمەي قاغىلىق ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ياكى ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئەۋەتىلىدۇ.

قاغىلىقلىق قىزلار بۇ زاۋۇتنى، شىنخۇئان تۈرمىسى دەپ ئاتىۋالغان، سەۋەبى، بۇ زاۋۇتنىڭ تۈزۈمى ئىنتايىن رەھىمسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ زاۋۇت قوروسىدىن سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن، ھېچ بىرىنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسى يوق، جەبرى - جاپاغا چىدىمىغان 60 نەپەر قىز زاۋۇتتىن قېچىپ كەتكەن، 150 نەپەر قىز كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئىشلىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغىنى ئۈچۈن يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىلگەن.

مانابۇ، بايلىققا تولغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھەقىقى ئىگىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى، بۇخىل ئېغىر ئادالەتسىزلىك ۋە قاتتىق ئەكىسپىلاتاتسىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر مۇھىتتا يەنە قانداقتۇر مۇقىملىق، تىنچلىق دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ ؟