جۇڭگوغا سېلىشتۇرغاندا رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى بىر قاتار ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، كرىزىستىن تېزلىكتە چىقىپ كېتەلەيتى دېيىشتى ئۈمىدلىك كىشىلەر. ئۈمۈدسىزلەنگۈچىلەر بولسا، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتە كرىزىسقا پېتىپ قېلىشى 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، رۇسىيە ئىقتىسادى ۋىلادىمېر پۇتىن ئۆتكۈزگەن 10يىللىق سىياسىي خاتالىققا بەدەل تۈلىمەكتە دېيىشتى.
يەر شارى بۇيىچە پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى پارتلىغان كۈنلەردە بۇ ئىشنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى رۇسىيىلىكلەر دەرھال سېزىپ كېتەلمىدى. 2008 - يىلىنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمىدا رۇسىيىدە ئىقتىساد ساھەسىدە، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ قىزىپ كېتىشى ۋە پۇل پاخاللىقىنى قانداق تېزگىنلەش مۇھاكىمە قىلىناتتى، ھەتتا روسىيە رەھبەرلىرى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى رۇسىيىدە ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىگە يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن، روسىيە بەلكى دۇنيانىڭ تىپ - تىنچ پورتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، دېيىشكەن. بىراق 2008 - يىلى 8 - ئايدا رۇسىيە گروزىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى رۇسىيىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى.
گىروزىيىگە تاجاۋۇز قىلىش، يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن رۇسىيە پاي - چەك بازىرىنىڭ باھاسىنى بىراقلا چۈشۈرۈۋەتتى.كاپىتال چەتئەلگە ئېقىپ كەتتى. كۈز پەسلىگە يىتىپ كەلگەندە رۇسىيىدە كرىزىس تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن پاي - چەك باھاسى %70 تۆۋەنلەپ كېتىپ، رۇسىيىنىڭ بازىرى پاي - چەك باھاسى چۈشۈپ كەتكەن خەلقئارا چوڭ بازارغا ئايلىنىپ قالدى.
2008 - يىلى رۇسىيىدىن چەتئەلگە ئېقىپ كەتكەن كاپىتال 10 مىليارد دوللارغا يەتتى. ئوخشاشلا بىر ۋاقىتتا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى رۇسىيىنىڭ سوبىستانسىيىلىك ئىقتىساد ساھەسىگە بۆسۈپ كىرىشكە باشلىدى. ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا رۇسىيىدە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نىسبىتىنى 10 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىلغان نىسبەتكە سېلىشتۇرغاندا، %11 تۆۋەنلەپ كەتتى. بەزىلەر رۇسىيىنىڭ ھازىرقى دەۋرىنى ئاپەت دەۋرى دەپ تەسۋىرلىدى.
ئەمدى رۇسىيىنىڭ رەھبەرلىرى ئىقتىسادى تەرەققىيات توغرىسىدا ئوپتىمىستىك قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. خام نېفىتنىڭ باھاسى 50 دوللار ئەتراپىدا لەيلەپ تۇرىدىغانلا بولسا، 2009 - يىلى رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى %3-2 گىچە ئۆرلىشى مۇمكىن دېيىشتى. لېكىن ئىقتىسادشۇناس نېكۇلايىۋ كرىزىس ئەمدىلا باشلاندى، 2009 - يىلى رۇسىيە تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
دۇنيا بانكىسى: مالىيە كۆپ يىللاردىن بىرى ئېشىپ كېلىۋاتقان ئىش ئەمدى رۇسىيىدە ئاخىرلىشىدۇ 2009 - يىلى رۇسىيىدە بىيوججىت ۋە دائىمىي ھېساباتتا قىزىل رەقەم كۆرۈلىدۇ دەپ، كۆرسەتتى. ئەگەر خام نېفىتنىڭ باھاسى مەلۇم ۋاقىتقىچە 30 دوللارلىق باھانى ساقلاپ تۇرالايدىغانلا بولسا، نۆۋەتتىكى رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئەينى چاغدىكى يىلىتسىن ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن پۇل قەرز ئېلىپ ئىقتىسادنىڭ دەۋرى خاراكتېرلىك تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىشى مۇمكىن.
خىتايدا ئىقتىسادى كرىزىس، ئوخشاشلا رۇسىيىدىمۇ ئىقتىسادى كرىزىس. ئىككى دۆلەت تېخى يېقىندىلا ھەربىي ئىشلار بۇيىچە ئالماشتۇرۇش يەنى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى باشلىۋەتكەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئىشلارغا ئائىت قىزىق يول لىنىيىسى ئېچىلغان ئىدى. ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى كرىزىستىن قانداق قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى توغرىسىدىمۇ سۆزلىشەمدىغاندۇ؟
