شەرت شۇ ئىدىكى، يېڭى شەيئى، يېڭى ھادىسىلەر كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ھىمايە قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، بۇ قېتىم "يۈرىكى يىغلىغان يېڭىسار خەلقى" ئىسيان كۆتۈردى. قوراللىق ئىسيان كۆتۈرمىدى، قەلەم - قەغەز ئارقىلىق ئىسيان كۆتۈردى. خىتاي تۈزۈپ بەرگەن ساختا قانۇنلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرمىدى، قانۇن ساختا بولسىمۇ، دېگىنىڭ بۇيىچە ئىجرا قىلمىدىڭ، دېدى، يېڭىسار دېھقانلىرى ئىسيان كۆتۈردى.
"يېڭىسار خەلقىنىڭ يۈرىكى يىغلايدۇ" دەيدىغان ماۋزۇنى قويۇپ، بىر فىلىم ئىشلەپچىقىرىلدى. فىلىمنى ئىشلەپچىقارغان كىشى ئىككى ئاي ئاۋارە قىلىندى،گۇناھى نېمە؟ قانۇن بۇيىچە ھەرىكەت قىلىشمۇ جىنايەت ھېسابلىنامدۇ؟ ئەپسۇس! ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پىكىر - تەلەپلىرى جۇڭخۋا خەلق رېسپۇبلىكىسىنىڭ "يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى"نىڭ روھىغا ئۇيغۇن ئىدىغۇ؟.
بىر مو يەر ھېسابىغا 110 يۈەندىن پۇل يىغىپ ئالدى.... كەنت - كەنتلەردە تام پارنىك، پلاستىك پارنىك ياساتتى. بىر تەرىپىگە كارتوچكا تېرىيسەن، دېدى، بىر كىلوگرام كارتۇچكىنى 3 يۈەندىن سېتىپ ئالدۇق، كۈزدە سېتىپ ئېلىش پونكىتىغا ئېلىپ بارساق 20 پۇڭدىن سېتىپ ئالىمەن دېدى.
پارنىك سېلىش ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئالىسەن دېدى، قايتۇرالمايمەن شۇڭا قەرز ئالمايمەن دېسەم : ساڭا سىياسىي جىنايەتچى دەپ جىنايەت ئارتىپ تۈرمىگە قامىتىمەن دېدى. 2 مىڭ يۈەن قەرز ئالدىم. پارنىك ياساپ جاڭدۇ تېرىدىم، نېمىشقا؟ مىنى جاڭدۇ تېرىشقا مەجبۇرلىدى. ئىلاجىم نېمە؟ پارنىك ياسايدىغان ياغاچنى ھەر بىر ئائىلە ھەقسىز تاپشۇردى.... جاڭدۇ قىيامىغا يەتكەندە دېھقانلار بىر موچەنگە ساتالمىدى، قوغۇن پىلىكى بىلەن تاۋۇز پىلىكىنىڭ ئارىلىقىنى 20 سانتىمېتىر تاشلاپ قويىسەن دېدى. نەدىمۇ مۇنداق ئىش بولسۇن؟ دېھقانچىلىق مەسىلىسىدە بىر پارتىيە سانتىمېتىرغا ئارىلىشىدىغان ئىش بارمۇ ؟
ھەي - ھەي تەتۈر زامان! بىر يىل ئىچىدە پەقەت 60 يۈەنلىك تاۋۇز ساتتىم. بۇغداينى ئورىۋېتىسەن، قوناقنى ئورىۋېتىسەن دېدى، ئورنىغا جاڭدۇ تېرىيسەن دېدى. 2 مىڭ يۈەن قەرز ئالدىم دېدى بىر دېھقان، 1600 يۈەن قەرز ئالدىم دېدى يەنە بىر دېھقان. جاڭدۇ تېرىشقا ئىشلەتتىم. جاڭدۇ ئېتىزلىقتا - پارنىكتا قۇرۇپ قالدى. قەرزنى قانداق قايتۇرىمەن. ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەسىلەن،يېڭىسار دېھقانلىرى چالا ئۆلۈك بولۇپ قالدى. يەنە ئۆلىسەن دەيدۇ، قوناقنى يۇلدۇرۇۋەتتى.... 4 نەپەر ئەمگەك كۈچى بىر يىلدا 420 يۈەن كىرىم قىلدۇق.... جاننى قانداق باقىمىز، ھەر بىر ئائىلىدىن 250 يۈەندىن پارنىكنى ياپىدىغان يوتقان پۇلى يىغدى.
مەن شاۋدۇيجاڭ بولدۇم. دېھقانلاردىن پۇل يىغىسەن دېدى، مەن پۇل يىغالمايمەن دېدىم. سېكرېتار مېنى ئۇرۇپ سول قاپىغىمنى ئىششىتىۋەتتى. (خىتاي سېكرېتار بولىدۇ، ئۇنداقتا خىتاي ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ قاپىقىنى يېرىۋەتتىمۇ؟) .... پىشمىغان قوناقنى ئوراپ تاشلايسەن دەيدۇ. ئاق يەرنىڭ قونىقىنى ئوراپ تاشلىۋەتتۇق. ئىككى قاتار ئۆرۈك كۆچىتى قويىسەن دەيدۇ، يەنە ئىككى قاتار بادام كۆچىتى قويىسەن دەيدۇ. ئارىلىققا بۇغداي، قوناق تېرىيسەن دەيدۇ. قوناق، قوناق بولمىسا، بۇغداي، بۇغداي بولمىسا،ئۆرۈك،ئۆرۈك بولمىسا، نېمە ھوسۇل ئالىمىز؟ جاننى قانداق باقىمىز؟ دېھقاننىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەم بارمۇ؟ ئۆتكەندە 25 تاغار ئاشلىق ئالاتتۇق ئەمدى 10 تاغار ئاشلىق ئالىدىغان بولدۇق. كېۋەز تېرىساق ئاز - تولا پۇل كۆرەتتۇق، كېۋەز تېرىشنى توختاتتى. نامراتلارغا ئاجرىتىپ بەرگەن پۇل بايلارنىڭ چۆنتىكىگە كىرىپ كەتتى.
دېھقانلار ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى ئادەم مۇنداق دېدى: تىرىكچىلىك ھارۋىسىدا قېرىيسەن، يېڭىسار دېگەن مانا مۇشۇ. بۇ كىشى شۇ ئەسنادا ئۆرۈك كۆچىتىگە ھەرە سالدى. بۇ كىشى بادام كۈچىتىگە ھەرە سالدى. ھەرىدەشكە باشلىدى، ئىسيان، ئويغانغان مىللى روھ ! ئويغانغان مىللى روھنىڭ قۇدرەتلىك ئىسيانى!گويا مۇستەملىكىچى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ يىلتىزىغا ھەرە سالغاندەك، بىلىگە ھەرە سالغاندەك، مۇستەملىكە ھاكىمىيەتكە ھەرە سالغاندەك بولدى. يېڭىسار دېھقانلىرى: ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشىنى،"يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى" نى ھۆرمەت قىلىشنى، جاڭدۇ تېرىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بولۇپمۇ يېڭىسار ناھىيە دېھقانلىرىنى نامراتلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتى. دېھقانلارنىڭ ئىختىيارى دېھقانچىلىق، تېرىقچىلىق قىلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلىشتى. قانۇنلۇق يول بىلەن قىلىنغان ئىسيان! قانۇنلۇق كۈرەش قىلىش يولىنى تاللاپ ئالغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئويغاندى!
خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىشچىلار سايۇزى قۇرۇلدى. ئۇيغۇر دېھقانلىرى دېھقانلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشقا يوللۇق ئەمەسمۇ؟ ئىتتىپاقلىشىش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش غەلىبىنىڭ كاپالىتىدۇر.
ئىتتىپاقلاشمىساڭ ھەر قانداق مەقسەتكە يېتەلمەيسەن ئۇيغۇر! دېيىشتى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار.
يېڭىساردا ئۇيغۇر دېھقانلىرى "دېھقانلارنىڭ يۈرىكى يىغلايدۇ"، دېيىشتى، "دېھقانلارنىڭ گېپىنى كىم ئاڭلايدۇ"، دېيىشتى.