تۈنۈگۈنكى بىر ئۇلۇغ ئادەم بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ بىر ئاددى پۇقراسىغا ئايلىنىپ قالدى. تارىخنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشى بۇيىچە، تۈنۈگۈن رىئال زاماننىڭ رىئال دەملىرىدە ئۇلۇغ ئىشلارنى بىجا كەلتۈرگەن بىر ئۇلۇغ ئەربابنىڭ سىياسى ئوبرازى بۈگۈن تارىخنىڭ بەتلىرىگە كىرىپ كەتتى. 8 يىل ئىچىدە دۇنيا تارىخىدا ئالەمشۇمۇل ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى. تېررورچىلارنىڭ قارا ئۇۋىسى ئافغانىستانغا جايلاشقان، دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگۈچى ياۋايى كۈچلەر بىت - چىت قىلىندى. ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دۈشمىنى سادامنىڭ ئەكسىيەتچى كۈچلىرى پرېزىدېنت بوشنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئارقىلىق يەر شارىدىن يوق قىلىندى. كىچىككىنە دۆلەت كوسوۋا ۋە قارا تاغلىقلار مۇستەقىللىق جاكارلىدى.
ھەممىدىن مۇھىمى تېررورچىلارغا ئۇرۇش ئېچىپ غەربنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى، ئافغانىستاننى نىشانغا ئېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ كەلگەندە، دېموكراتىيىگە تەشنا بولغان، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئارزۇلىرى بىۋاستە كاپالەتكە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۈمىدنىڭ، كەلگۈسىنىڭ، ئىستىقبالنىڭ يەنىلا ئۇلۇغ ئىقبالغا يۈزلەنگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. تەخمىنەن بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرى، ئالېكساندىر ماكىدونىسكى ئۇرۇش ئېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدا پەيدا بولغاندا بۇ تۇپراقنى، ئوتتۇرا ئاسىيا شەرق مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىش ماكانىغا ئايلاندۇرغان .
بۇ قېتىم پرېزىدېنت بوش قوماندانلىقىدىكى ناتو ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا يىتىپ كېلىشى،غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا شەرق مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ ساھەلەر بۇيىچە بىۋاستە ئۇچرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان بولسىمۇ، ئېھتىيات قىلغۈچى، قوغدىنىش تىپلىق سىياسىي مەدەنىيەتكە غىدىغلىغۇچى، سىڭىپ كىرگۈچى، يېتەكلىگۈچى، ئويغاتقۇچى تىپلىق سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ كۇچ بىلەن بۆسۈپ كىرىشى تارىخنىڭ تاللىشى، زاماننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، پرېزىدېنت بوشنىڭ ئىجرا قىلىشى بىلەن روياپقا چىقتى.
ئوتتۇرا ئاسىيا كىملىكىنى ئىزدەپ ئويغاندى، جۈملىدىن خىتايغا مۇستەملىكە بولۇپ تۇرغان ئۇيغۇرىستان ئۆزىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي سودىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، مۇستەملىكە تۈزۈمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىرىدە، ھەر بىر ئۇيغۇر كىشى خۇدىنى يوقاتقان ياكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بىخۇتلاشتۇرۇشىغا كۆنۈككەن ھالەتلىرىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، ماڭقورتلۇق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىگە قايتىپ كېلىشنى، ئۆتكەن ئىشلارنى ئېسىگە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
غەربنىڭ ئارمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىياغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن 2002 - يىللاردىن باشلاپ، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇستەملىكە سىياسىتى ھارۋىدا ئولتۇرۇپ توشقان تۇتۇشتىن بىراقلا 180 گىرادۇس بۇرۇلۇپ، كانارىغا ئېسىپ قويۇپ قاسساپلىق قىلىشقا ئۆزگەردى. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.
يەر شارى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتلەرنىڭ ئوبيېكتى كىم، قايسى مىللەتلەر؟ بۇ توغرىدا ھازىرچە ھېچ نەرسە ئېيتىپ بېرەلمىسەكمۇ، ئەمما، ئۇيغۇرلار يەر شارى خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇق تاشقى سىياسىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان مىللەت بولۇپ قالدى. شۇنداق ۋەزىيەتتە خىتايلار ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى جىددىيلەشتۈرگەن بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە بېرىلگەن جىددىي سىگنال بولۇپ قالدى.
سابىق پرېزىدېنت بوش ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بىۋاستە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇيغۇر ۋەكىلىنىڭ ۋە سىياسىي ئارزۇلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنىڭ ئاقسارايغا كىرىشىگە يول تۈزلەپ بەردى. يەنە باشقا غەرب ئەللىرى خەلقلىرىنىڭ جۈملىدىن ئامېرىكا كونگىرىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى بالداقمۇ - بالداق ئۆرلىتىشىگە سابىق پرېزىدېنت بوش يېتەكچى ئىدىيە تەييارلاپ بەردى. بوش ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بۇيىچە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا مەسئۇل ئەربابى دېننىس ۋايىلدېر ئەپەندى، 19 - يانۋار ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سابىق پرېزىدېنت بوشنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى پاكىت بىلەن مۇقىملاشتۇردى.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ سىياسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى سابىق پرېزىدېنت كلىنتون دەۋرىدە كۈن تەرتىپكە كەلگەن بولسا، سابىق پرېزىدېنت بوش دەۋرىگە كەلگەندە كۈن تەرتىپ ئىجرا قىلىندى، سابىق پرېزىدېنت بوش ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقتى دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقان تىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەھدىتكە دۇچ كەلگەن مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئامېرىكا كونگىرىسىنىڭ قانۇن لايىھە ماقۇللىشى، 0082 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئامېرىكا كونگىرىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قانۇن لايىھە ماقۇللىشى يۇقىرىقى پىكىرلىرىمىزنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.
سابىق پرېزىدېنت بوش ۋەزىپە ئۆتىگەن 8 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەممىدىن زور خۇشخەۋەر شۇ بولدىكى، 2005 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سابىق پرېزىدېنت بوش لاتۋىيىنىڭ پايتەختى رىگا شەھىرىدە "يالتا يىغىنى ئىنتايىن زور تارىخى خاتالىق بولغان ئىدى" دەپ كۆرسەتكەندە، ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي ئاكتىپلىرى بۇ نوتۇق نازۇك پەيتتە ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىپ سۆزلەندىمىكىن دەيدىغان بىر تۇيغۇغا غەرق بولغان.
بۇ نوتۇق، ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە مەشئەل يېقىپ بەردى، بۇ نوتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي دەۋاسىنى داغدام يولغا ئېلىپ چىقىشقا خەلقئارا سىياسەت تارىخىدىن پاكىت تېپىپ بەردى.