كوممۇنىستىك پارتىيە ئۆز ئورنىدا سەكرەشكە باشلىدى

خوڭكۇڭ يېڭى ۋە ئۈمىدلىك بىر ۋەزىيەتنىڭ ئچىگە كىرىپ قالدى. پان دېموكراتىيە - گومىنداڭ ۋە سوتسىيال دېموكراتلار بىرلىك سېپى قاتارلىق سىياسى پارتىيىلەرنىڭ خوڭكۇڭ قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ 5 نەپەر ئەزاسى، 1‏ - ئاينىڭ 26‏ - كۈنى كوللېكتىپ ئىستىپا بېرىپ، 5 رايوندا ئومۇمى ئستىپا بېرىشتىن باشلانغان تولۇقلاپ سايلاش سايلىمى ئارقىلىق، 2012‏ - يىلى خوڭكۇڭنىڭ مەمۇرى ئەمەلدارىنى ۋە قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى، ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئارقىلىق سايلاش ئۈچۈن شەكلى ئۆزگەرگەن ئومۇمى خەلق بىلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ ھەرىكەت خوڭكۇڭ مەمۇرى ھۆكۈمىتىگە ۋە خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن زور بېسىم پەيدا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

2017‏ - يىلى مەمۇرىيەت باشلىقىنى ئومۇمى سايلام ئارقىلىق سايلاشنى، 2020 - يىلى خوڭكۇڭدا قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق سايلاشنى جۇڭنەنخەي قارار قىلغان ئىدى. بىراق خوڭكۇڭدا پان دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى 2012 ‏- يىلى ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. 2009 - يىلى 11‏ - ئايدا، 2012‏ - يىلى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ يېڭى لايىھىسى ئوتتۇرىغا چىققاندا، لايىھىنىڭ مەزمۇنى 2012‏ - يىلى ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈشكە بېرىپ تاقالمىغانلىقتىن، پان دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى خوڭكۇڭدا 5 رايوندا ئومۇمى ئىستىپا بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى.

خوڭكۇڭدا قانۇن چىقىرىش كومىتېتى 60 نەپەر ئەزادىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 30 نەپەر ئەزا ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم سايلىنىدۇ.

خوڭكۇڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 68‏ - ماددىسىدا قانۇن تۇرغۇزۈش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئومۇمى سايلام ئارقىلىق سايلىنىدىغانلىقى ئاخىرقى نىشان قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

خوڭكۈڭ مەمۇرى رايونىنىڭ باشلىقى زىڭ يىنچۈەن ئىستىپا بېرىشنى ئەيىبلەپ: بۇ ئىشتىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر قانچە كۈندىن بېرى خوڭكۇڭدا سولچىلار، بېيجىڭپەرەستلەر ئىستىپا بەرگۈچىلەرنى ئۆزلۈكسىز تەنقىدلەشكە باشلىدى. خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى زىڭ شيەنشىن ئىستىپا بەرگۈچىلەرنى ئەيىبلەپ 5 رايوندا 5 نەپەر قانۇنچىنىڭ ئومۇمى ئىستىپا بېرىشى جۇڭگوغا قارشى تۇرغانلىق، خوڭكۇڭنى قالايمىقان قىلغانلىق دەپ كۆرسەتتى.

جۇڭگوغا نەزەر تور بىتى 1‏ - ئاينىڭ 28‏ - كۈنى مۇنداق خەۋەر قىلدى: "ئالما گېزىتى" ئېلان قىلغان "كوممۇنىستلار سەكرەشكە باشلىدى" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئومۇمى خەلق بىلەت تاشلاشنى ئاڭلىغان ھامان، يەرلىك مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ دەپ ئويلاپ سۆز - ئىبارىلىرى قاتتىق كەسكىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

ماقالىدە يەنە، جۇڭگودا سىياسى ھاكىمىيەت قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا بەرگەن ۋەدىلەر بولسۇن، مەيلى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن خەلقنىڭ شۇنداق ھوقۇقلىرى بولسۇن، كوممۇنىستلار ئومۇمى خەلق بىلەت تاشلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، خەلقنىڭ ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىشىدا يول تۈزلەپ بېرىش مەسىلىسىدە ھەقىقىتەن خەلققە كۆپ قەرزدار بۇلۇپ قالدى دەپ كۆرسەتتى.

كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ۋاستىلىق رىجىمى ئاستىدا "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم"نىڭ ئەھمىيىتىنى ئاستا - ئاستا يوقىتىشقا باشلىغانلىقىنى سېزىپ يېتىشكە باشلىغان خوڭكۈڭلۇقلار، ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئورنىنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەندە ئەمدى ئاستا - ئاستا ئويغىنىشقا باشلىدى.