قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى قوغداپ قالايلى!

قەشقەر خەلقى ياكى پۈتۈن ئۇيغۇرىستان خەلقى ۋەتەن ئىچىگە، ۋەتەن سىرتىغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا چاقىرىق چىقاردى. بىر ۋەتەن، بىر مىللەتنىڭ غۇرۇرى، بىر شەھەر قەشقەر - كوناشەھەر يوقۇلىۋاتىدۇ ياكى يوقۇلۇش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

يازغۇچىلار ۋە خەلق بىرلىكتە شۇنداق يازدى ۋە شۇنداق چاقىرىق قىلدى " قەشقەر كوناشەھەر رايونى ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزى قىسمى بولۇپ، بۇ جاي ئۇزاق يىللىق تارىخقا، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەھرىمان ماكان. تارىخ ۋە رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، قەشقەر 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە..."، " قەشقەر كوناشەھەر ئىسلام مائارىپى، مەدەنىيىتى ئۈچۈن كۆپ كۇچ چىقارغان ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، ئەپەندى مەخسۇم، ئابدۇقادىر قازى كالان، موللاخۇن قازى كالان، موللا ئىسلام داموللام، شەيخ ھەزرىتىم، ئوبۇلقاسىم قازى كالان، زىياۋۇدۇن مەخسۇم، ھامىت داموللام، مەمتىمىن ھەزرىتىم قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مەشھۇر مائارىپچىلار ياشاپ ئۆتكەن شەھەر. "ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كاپىتالىزمنىڭ بىخلىرى بولۇپ يېتىشكەن" ئۆمەر باي، باھاۋىدىن باي، ھېكىم ھاجىم، ئىتتىپاق ئىمىن ھاجىم، ھەسەنجان ھاجىم، قادىر بەگ ھاجىم، مەتنىياز مەخسۇم، ئىبراھىم لوزۇڭ، توختى موللا ھاجىم، تېلىۋالدى موللام، قادىر شەيتان، ئابدۇراخمان ئۈچەيچى ۋە ئۇيغۇرنىڭ مەشھۇر زاتلىرىدىن ئابدۇكەرىمىخان مەخسۇم، ھۈسەيىن باي، ياقۇپ ھاجى... قاتارلىقلارنىڭ ئولتۇرۇپ - قوپقان ئۆي - زېمىنلىرى كوناشەھەر رايونىغا جايلاشقان. بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسى ئاسارە - ئەتىقە ئورنىدا قوغدىلىشقا تىگىشلىك." مۇراجىئەت نامىدا يەنە :"قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش باھانىسىدا بۇ ئاسارە ‏ - ئەتىقىلەر بۇزىۋېتىلسە، پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋەيران قىلىنغانغا باراۋەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زەربە بولىدۇ" دېيىلدى.

قەشقەر شەھىرى بىر مەدەنىيەتنىڭ قورغىنى، بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ باشلىنىش، تارىلىش، تەرەققى قىلىش ۋە يەنە ساقلىنىش مەنبەئى. قەشقەر شەھىرى ئۇ ئادەتتىكى شەھەر مەنىسىدىكى شەھەرلا ئەمەس. بىر خىل مەدەنىيەت روھىنىڭ ياكى بىر خىل مىللى روھنىڭ، گېگىلنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا " تىنىم تاپماي،تىرىشىپ - تىرمىشىپ تۇرغۇچى" ۋە ھاياتلىقنىڭ مەقسەتلىرىگە قان ۋە كۆز ياش بىلەن ئىزدەنگۈچى مىللى روھقا مەنبەئە بولغان قەشقەر، بۇ شەھەرنى ئۆزگەرتىش شەھەرنى ماددى شەكىل سۈپىتىدە يوق قىلىۋېتىشلا ئەمەس، بەلكى مىللىي ئاڭنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش خاسلىقىنى ئۆزگەرتىش ۋە يوقىتىش دېگەنلىكتۇر.

قەشقەر بىر مەدەنىيەتنىڭ باشلىنىش مەنبەئى، بەلكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدۇر. يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت يەككە ۋە بۈيۈك ئاڭلىقلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىدۇر. ئۆرپ - ئادەتلەر، دىنىي ئېتىقاد، ئەپسانە ‏ - رىۋايەتلەر، تېخنىكا ‏،سەنئەت ھەممىسى شۇ مەدەنىيەتكە مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، بەلكى شۇ مەدەنىيەتكە تايىنىپ تۇرغان مىللەتمۇ شۇ مەدەنىيەتكە تالىقتۇر.

بۈگۈنكى قەشقەر، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقى قان بىلەن گۆشتەك بىر گەۋدىلەشكەن ئالاھىدە مەۋجۇتلۇقتۇر. بۈگۈن بۇ شەھەرنى كىم چاقماقچى؟ كىم ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ؟ بۈگۈن بۇ شەھەرنى كىم يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ؟ ئەلۋەتتە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرنىڭ بىر قانچىلىغان سىياسىي ئاكتىپلىرى قەشقەر شەھىرىنى قوغداپ قېلىش توغرىسىدا مۇنداق پىكىرگە كېلىشتى. ئەتراپلىق ماتېرىيال رەتلەپ چىقىپ، ئۇنى ياۋروپا پارلامېنتىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت كومىتېتىغا يوللاش، ئامېرىكا كونگىرىسىگە يوللاش ئارقىلىق غەرب دۇنياسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك.

ئۇيغۇرىستان، گومىنداڭ خىتايلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كوممۇنىست خىتايلارغا مۇستەملىكە بولۇپ قالغان كۈندىن باشلاپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مائارىپچى، ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلىرىمىزغا مازار - تەكچە، مازار - گۈمبەز قاتۇرالمىدۇق، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كاپىتالىستىك جەمئىيەت مۇناسىۋەتلىرى جەمئىيىتىگە ئېلىپ كىرمەكچى بولغان باي - مۆتىۋەرلىرىمىزگە ئابىدە تىكلىيەلمىدۇق.

بۇ زاتلىرىمىز ياتقان قەبرىلەر، بۇ زاتلىرىمىز ئولتۇرۇپ قوپقان جايى - مۇبارەكلەر ئەمدى ھازىر چېقىلىش، ئۆزگەرتىش تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ مەدەنىيىتىمىزنى، قەشقەر شەھىرىنى قوغدايلى دېيىشىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى قانداق پوزىتسىيە قوللىنىشى مۇمكىن ؟!