'قىياپىتى مېھرىبان، ماھىيىتى قاتىللىق'

2 - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى "ئۇيغۇر بىز" تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان "مەركىزى بىرلىكسەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاشكارا بولدى" ماۋزۇلۇق خەۋەردە، جۇڭنەنخەي باھار بايرىمىنى كۈتۈپ ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. خۇ جىنتاۋ نۇتۇق سۆزلەپتۇ. دىنىي مەسىلە، مىللەت مەسىلىسى سۆزلەنگەن نۇتۇقنىڭ بىر مەزمۇنى بولۇپتۇ. قىياپىتىنى مېھرىبان كۆرسەتكەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئەسلى ماھىيىتى قاتىللىق ئىدى.

0:00 / 0:00

"دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت" دېدى خۇجىنتاۋ. كىم بىرلىككە كەلتۈرۈپ بەرگەن؟ "ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتـتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىشنى، ئورتاق گۈللىنىشنى... تەرەققى قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ..." دېدى خۇجىنتاۋ. 2009‏ - يىلى 7 - ئاينىڭ 5‏ - كۈنى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۈرۈمچىدە قانداق ئىتتىپاقلاشتى؟ قولىغا قىڭراق ۋە كالتەك كۆتۈرۈپ كوچىغا چىققان خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇچرىغان ئۇيغۇرنى قىڭراق بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. بۇ سىنىڭ ئارمىيەڭ، بۇ سىنىڭ ساقچىلىرىڭ، بۇ سىنىڭ كۆچمەنلىرىڭ ئەمەسمىدى؟ بوشۈن" تور بېتىنىڭ مۇخبىرى 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 30 كۈنى مۇنداق خەۋەر قىلدى" ئالاقىدار تەرەپلەردىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچىدە قوراللىق ساقچىلار نامايىش بولىدىغانلىقىدىن 3 كۈن بۇرۇن خەۋەر تاپقان ئىكەن... شۇ كۈنى كەچتە جەسەتلەرنى تەكشۈرگەندە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئوغۇل - قىز ئۇيغۇرلار 1500 نەپەردىن ئارتۇق بولۇپ چىقتى. "مۇخبىر ئاخىرىدا" بۇ جەسەتلەرنى بىر مەخپى ئورۇنغا ئېلىپ بېرىپ كۆيدۈرۈپ كۆمۈۋەتكەن " دەپ كۆرسەتتى. "نەق ئەھۋالدا 10 مىڭ ئادەم نامايىشقا قاتناشتى... 10 مىڭ ئادەم غايىپ بولدى..." دېيىشتى چەتئەللەردە سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر.

ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىقى" دېگەن شۇنداق بولامدۇ؟ 3 ياشلىق قۇتلۇقجان چاناپ ئۆلتۈرۈلدى... ئەگەر ئادەم بولساڭ بالاڭ يوقمىدى؟ شۇنىڭدىن كېيىن 34 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بەردىڭ، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن دىڭ شياۋپىڭ سوتلاپ بولۇپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بىر خىتاي بارمىدى - يوق، بىر خىتايغىمۇ ھەتتا يېرىم خىتايغىمۇ ئۆلۈم جازاسى بەرمىگەن ئىدى. نېمىشقا؟ چۈنكى، نامايىش قىلغانمۇ خىتاي ئىدى، دىڭ شياۋپىڭمۇ خىتاي ئىدى. يارىدار بولغانلارنى بېيجىڭدا داۋالىغان ئىدى. ئۈرۈمچى نامايىشىدا يارىدار بولغان ئۇيغۇرلار قانداق بىر تەرەپ قىلىندى؟ دوختۇر خانىلار قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ئىز - دېرەكسىز يوق قىلدىڭ، يارىدار بولغان ئۇيغۇرلارنىمۇ كۆيدۈرۈپ يوق قىلدىڭمۇ؟ سەندە ھېس - تۇيغۇ بارمۇ؟ سەندە، ئادەم بولساڭ ئادالەت تۇيغۇسى بارمۇ؟ "ئورتاق گۈللىنىش" دېگەن شۇنداق بولامدۇ،" ئورتاق تەرەققىيات" دېگەن شۇنداق بولامدۇ؟ ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇيغۇرنى يوقىتىش "ئورتاق گۈللىنىش " تىن دېرەك بېرەمدۇ؟ پىلانلىق تۇغۇت بىلەن ئۇيغۇرنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش "ئورتاق تەرەققىيات"تىن دېرەك بېرەمدۇ؟ "سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى" دېدى خۇ جىنتاۋ.

قەشقەر شەھىرى چېقىپ تۈزلىۋېتىلدى. "ئورتاق ھەمكارلىق شۇنداق بولامدۇ؟ توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچىدە دېھقانلارنىڭ يەر ‏ - مۈلكى تارتىپ ئېلىنىپ، خىتاي ئاققۇنلارغا سېتىپ بېرىلدى. ئورتاق تەرەققىيات دېگەن شۇنداق بولامدۇ؟

"ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى تەلەپكە، خىرىسقا دۇچ كەلدى" دېدى خۇ جىنتاۋ. خىرىسقا دۇچ كەلدىمۇ، نېمە خىرىس؟ خىتاي يازغۇچىلارنىڭ گېپىچە، غەرب دۇنياسى جۇڭگونى ئەخلەت تۆكىدىغان ساندۇققا ئايلاندۇرۇپ قويغاندا چىڭقىلىپ كەتسە بۇ ساندۇق ئۆزلىكىدىن پاچاقلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىر ئەنگلىيىنىڭ سودىگەرلىرى جۇڭگونىڭ بازىرىدىن چېكىنىشكە باشلىدى. ئېھتىمال ئەخلەت ساندۇقى چىڭقىلىپ كەتتى بولغاي!

ھازىر جۇڭنەنخەي دۇچ كەلگەن خىرىس ھەرقانداق خىرىستىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىپ كەتكەنلىكى بۇ ھەممىدىن يامان خىىرىس بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشى مىللىي، روھىي، دىنىي ئېتىقادلىق، ئىدېئولوگىيىلىك ئويغىنىش، مانا بۇ خۇ جىنتاۋ دۇچ كەلگەن خىرىس، بەلكى ھەممە ئىشنى - ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى، خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىدىغان ئويغىنىشتۇر.

بۇ ئويغىنىش خىتاي بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مۇستەملىكە ماددى مۇناسىۋەتلىرىنى -- ئېتىز - ئېرىق، سۇ - سەل، تاشيول، تۆمۈر يول، بېنزىن ئىسكىلاتى، پاختا بارخانلىرى، ئاشلىق ئامبارلىرى، نېفىت قۇدۇقلىرىغا، تەبىئىي گاز قۇدۇقلىرىغا كىم ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ دەيدىغان ماددى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىغا كىرگەندە، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز ئالدىغا بىر نامايىشچى بولالايدىغان جەريانغا كىرگەندە، ئۇيغۇرلار شۇ ۋاقىتتا "سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەتلەر" رىئاللىقىنى ئۆزگەرتىپ، كاپىتالىستىك مىللىي مۇناسىۋەتلەر باسقۇچىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇيغۇرلاردا تاۋار ئېڭىنىڭ يېتىلىشى، مىللىي ئاڭنىڭ ئويغىنىشى، مىللەتنى كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىگە ئېھتىياجلىق قىلىپ قويغاندا، خۇ جىنتاۋ جانابلىرى "ئۆزگەرمەيدۇ" دېگەن ئبارىنى ئوڭايلا "ئۆزگىرىدۇ" دەپ تەلەپپۇز قىلىشقا ئادەتلەنگەندە، ئەنە شۇ چاغدا خۇ جىنتاۋ ئەپەندى، سىلەر دۇچ كەلگەن تەلەپ ۋە خىرىسلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھوقۇق تەلەپلىرىنى ئاشكارىلىغان بولىدۇ.