ئاقساي چىنمۇ ياكى ئاقساي چۆلمۇ؟

2010 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ب ب س نىڭ خىتاي تىلى تور بىتىدە مىڭ كىې ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ "جۇڭگو، ھىندىستان تالاش - تارتىشى ۋە تىبەت" ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە: "جۇڭگو، ھىندىستاندىن باشقا ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن چېگرا تالاش - تارتىشىنى ھەل قىلىپ بولدى، ئەمما ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرىسىدا چېگرا تالاش - تارتىشى تېخى ھەل بولغىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تالاش - تارتىشى تىبەت مەسىلىسىگە چېتىلغانلىقتىن، مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپلىككە ئىگە" دەپ كۆرسىتىلدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.06.22

ماقالىدە مەزمۇنلار مۇنداق شەرھىلەندى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان تېررىتورىيە شەرق ۋە غەرب دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. شەرق تەرەپتە تالاش - تارتىش قىلىدىغان تېررىتورىيىنى جۇڭگولۇقلار "جەنۇبىي تىبەت" دەپ ئاتايدۇ، بۇ يەر ھازىر ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئارۇناچال شىتاتى بولۇپ، يەر كۆلىمى 83 مىڭ 743 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان تېررىتورىيىنىڭ غەربىي قىسمى -- " ئاقساي چىن " دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تېررىتورىيە كەشمىر ئويمانلىقىنىڭ شەرقى قىرغىقىغا سوزۇلغان بولۇپ، يەر كۆلىمى 37 مىڭ 250 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھازىر جۇڭگونىڭ "كونتروللۇقى"دا.

ماقالە يازغۇچى داۋاملاشتۇرۇپ: بۇ تېررىتورىيىنىڭ نامى تۈرك تىلىدا، "ئاقساي چىن " دېيىلىدۇ، بۇ ئىسىمدىكى "چىن" سۆزى جۇڭگونى كۆرسىتىدۇ، ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى -- " جۇڭگونىڭ ئاق تاشلىق جىلغىسى ياكى جۇڭگونىڭ ئاق تاشلىق سېيى" دېگەنلىك بولىدۇ دەيدۇ.

بىر تەتقىقاتچى ياكى ئانالىز قىلغۇچى بولغان ئادەم ئاۋۋال ئىلىم - پەننى ھۆرمەت قىلىشى، پىكىر قىلغاندا لوگىكىلىق پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم بولىدۇ. بولۇپمۇ، ب ب س دەك ئىناۋەتلىك، خەۋەر ۋە ماقالىلىرىدە پاكىتلىق، دەلىل بىلەن سۆزلەيدىغان رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ تور بېتىگە تۆھمەت بىلەن ئويدۇرۇلغان بىر بوغۇملۇق ئىسىمنى، ئەسلى ئىسىمنىڭ، ئەسلى يەر ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا چاپلاپ قويۇپ، "جۇڭگونىڭ ئاق تاشلىق جىلغىسى ياكى جۇڭگونىڭ ئاق تاشلىق سېيى" دېگەن ئىسىمنى ئىجات قىلىپ، " بۇ تېررىتورىيە جۇڭگونىڭ ئىدى" دەيدىغان بولسا، بۇ ئاۋۋال ئىلىم ‏ - پەننى مەسخىرە قىلغانلىق بولىدۇ، ئاندىن مىڭ كې ئەپەندى ئۆزىنى ‏ - ئۆزى مەسخىرە قىلغان بولىدۇ.

"ئاقساي چىن" دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئىسىمنىڭ ئاۋالقى ئىككى بوغۇمى ساپ ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، ئىككى بوغۇملۇق ئۇيغۇر تىللىق ئىسىمنىڭ كەينىگە مەجبۇرىي قوشۇلغان "چىن" بىر بوغۇملۇق سۆز خىتاي تىلىدۇر. "چىن" مۇسۇلمان ئەللەر "چىن" دەپ ئاتاۋاتقان بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئىسمىدۇر.

"ئاقساي چىن " دېگەن ئىسىمدىكى "ئاقساي" دېگەن ئىسىمنى دۇرۇست ۋە توغرا دېسەك، بۇ تېررىتورىيىنىڭ ئەسلى ئىسمى "ئاقساي چۆل" توغرا ۋە دۇرۇست تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك. زېمىننىڭ ئىگىسى ئۇيغۇرلار قويغان بۇ ئىسىم "ئاقساي چۆل" بۇ زېمىننىڭ ھەم تارىخى، ھەم جۇغراپىيىۋىي ئىسمىدۇر. ئىپادىلەشكە كەمتۈك، لوگىكىلىق رايى يوق خىتاي تىلىدا "چۆل" دېگەن بىر بوغۇملۇق سۆزنى تەلەپپۇز قىلىدىغان تاۋۇش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ئۇيغۇر تىلىدا تەلەپپۇز قىلىنغان بىر بوغۇملۇق سۆز "چۆل" نى خاتىرىلەيدىغان يېزىقى بولمىغاچقا، "چۆل" دېگەن ئىسىمنى خىتاي تىلى "چىن"غا ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىپ يەرنىڭ ئىسمىنىمۇ، بۇ زېمىننىڭ كىمگە تەۋەلىكىنىمۇ ئۆزگەرتىپ، تارىخقا يۈز كېلەلىشى، ئىلىم - پەنگە يۈز كېلەلىشى، ھەقىقەتكە يۈز كېلەلىشى مۇمكىنمۇ بۇ "ئالىم"لارنىڭ؟

ئۇيغۇرنىڭ ياش بوغۇنلىرى ئېسىدە ساقلىسۇنكى، بۇ زېمىننىڭ ئىسمى "ئاقساي چىن" ئەمەس، بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى ئۇيغۇرلار قويغان ئىسىم "ئاقساي چۆل" دۇر.

مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان تەتقىقاتچى ماكسىۋېل: " ئاقساي چىن " رايونىنىڭ تارىخى ئىزچىل مۇجىمەل بولۇپ كەلدى. ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى بىلەن تىبەت، مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا چېگرانى ئېنىق ئايرىشنىڭ ئېھتىياجى يوق ئىدى.

ئەمەلىيەتتە دەۋر ھازىرقى زامان دۆلەتلىرى باسقۇچىغا كىرىشتىن ئاۋۋال، خەلقئارا چېگرالار ئاساسى جەھەتتىن شۇنداق ئىدى،غەرب تەرەپتىكى چېگرالارنى ئايرىش، 19 - ئەسىردىكى ئەنگلىيە بىلەن چار رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا، كېڭەيمىچىلىك قىلىش ۋە قارشىلىشىش زىددىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەنگلىيە، چار رۇسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى غەرەز - مۇددىئالىرىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا ئەنگلىيە، چار رۇسىيىگە قاراقۇرۇم تاغ ئېغىزىنى چېگرا قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، "شىنجاڭ" بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئارىلىق يارىتىپ "ئاقساي چۆل"نى پەيدا قىلغان " دەپ كۆرسەتتى.
 
سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ ... دېگەندەك، ئۇيغۇرنىڭ زېمىنى، نېمىشقا جۇڭگو بىلەن ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ تالاش - تارتىش قىلىدىغان تېررىتورىيىسىگە ئايلىنىپ قالدى؟


 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jun 22, 2010 02:01 PM

ﯬﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﯬﻟﻪﻳﻜﯘﻡ!
ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﭼﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﯩﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ؟؟!!ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯬﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ،ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻫﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯮﻗﯘﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﯪﭘﺘﯘﺭﻏﺎ!!!!
ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﭼﯩﻦ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﭼﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭘﻤﯘ؟!؟