1. سەۋەبكە كېلەيلۇق، خىتاي تەتەيگە باسقۇنچىلىق قىلىش " بىز بۇ گەپكە ئىشىنىشكە ئامالسىز قالدۇق، چۈنكى، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر ئاق كۆڭۈل، ئىشچان دېھقان بالىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇنداق پەسكەش ئىشنى قىلىشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى بىر نەپەر ئۇيغۈر يىگىت.
2. سەۋەبكە كەلسەك. خىتاي ئىشچىلارنىڭ رىقابەت ئېڭدىن پەيدا بولغان ئۆچمەنلىك بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى، دېيىلدى. تامامەن خاتا! چۈنكى، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شىنجىن شەھىرى قاتارلىق ئاۋۋال بېيىغان ئۆلكە، شەھەرلەردە خىتاي پۇقرالىرى 5 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن مائاشقا ئىشلىمەيدۇ. ئىچكىرى خىتايغا مەجبۇرىي يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر ئايلىقى 4، 5 يۈز يۈەن ئالالامدۇ، يوق؟ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر مائاش تەلەپ قىلغاندا ھەتتا، موچەنلىك پۇلنى يۈزىگە ئېتىپ" توختام تۈزگەندە ساڭا بېرىدىغان پۇلنى بېرىپ بولغان ئىدۇق" دېيىشتى خىتاي" لاۋبەنلەر". خىتاي پۇقرالىرى باشقا ئىچكى ئىشلارنى بىلمىگەندىمۇ، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ 4، 5 يۈز يۈەن مائاشمۇ ئالالمايدىغانلىقىنى، بۇنداق مائاشقا ئۆزلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىشلىمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا خىتاي ئىشچىلار ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرگە رىقابەت ئېلان قىلدى دېگەن گەپ پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ.
3. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قوزغۇلۇپ ئۇيغۇرلارنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشىگە كەلسەك، خىتاي بۇ مىللەت جانىجان مەنپەئەتىگە بېرىپ تاقالمىغىچە قوزغىلىپ چىقمايدىغان بىر مىللەتتۇر. "تەتەيچاققا باسقۇنچىلىق قىلىش" تۆھمىتىمۇ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قوزغىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولالمايدۇ. خىتاي مىللىتى جۈرئەتسىز مىللەتتۇر. ئۇنداقتا بۇ قېتىم قوزغىلىپ چىققان كىشىلەر كىم؟ ئاۋۋال كىم قول سالدى؟ دېگەن مەسىلە ھالقىلىق مەسىلىدۇر. ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر خىتاي ئىشچىلارنىڭ ياتىقىغا باستۇرۇپ كىردى دېگەن گەپ ئوتتۇرىغا چىقمىدى، ئەكسىچە كالتەك كۆتۈرگەن ئاتالمىش "خىتاي ئىشچىلار" ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ ياتىقىغا كېچە سائەت 12 يېرىمدا بېسىپ كىردى.
سەۋەبى نېمە؟ "خىتاي ئشسچىلار" كالتەكلەرنى قاچان تەييارلاپ قويغان ئىدى؟ ياتاقتىن قېچىپ ئۇيغۈرلاركوچىغا چىققاندا، 15 خىتاي، 20 خىتاي بىر ئۇيغۇرنى ئارىغا ئىېلىپ كالتەكلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىۋى، تەشكىلى تەييارلىقى يوق ئىدى، دەرھال تەشكىللىنەلمىدى. خىتاي كالتەكچىلەر تەشكىللىك، پىلانلىق ھەرىكەت قىلدى، ھەتتا ئۇيغۇرلار جان ئۈزۈپ مىدىرلاشتىن توختاپ قالسىمۇ كالتەكلىدى.
بۇ كالتەكچىلەر كىملەر؟ ئۆتكەن يىلى لىخاسانىڭ كوچىلىرىدا ھەربىي كىيىمىنى سېلىۋېتىپ پۇقراچە كىيىنگەن ھەربىيلەر تىبەتلەرنى كالتەكلىگەن. دالاي لاما شۇڭا "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەشكىللەپ ئۆزى ئوينىغان سىياسى ئويۇن" دېگەن ئىدى. 1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قورال - ياراقنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىپ ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلى ئىنقىلابىنى باستۇرغاندا كالتەك بىلەن ئەسكىرى قىسىملارنى ئىشقا سالغان.
سىياسى بيۇرۇنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۈەن بۇ ھەرىكەتنى قانداق پىلانلىدى، سىياسى بيۇرۇنىڭ ھەيئەت ئەزاسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ ياڭ بۇ ھەرىكەتنى قانداق ئورۇنلاشتۇردى؟
ۋاڭ لېچۈەن ئۇزۇندىن بېرى، ئۇيغۇرنىڭ سىياسى تەشكىلاتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغان ھامان ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئادەتلەندى. كوسراپ ۋەقەسىدە ئوق چىقىرىپ 18 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ئىنكاس قايتۇردى. ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە بىگۇناھ 5 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ئىنكاس قايتۇردى. بۇ قېتىم گۇاڭدۇڭ ۋەقەسى ئارقىلىق ۋاڭ لېچۈەن يەنە نېمە ئىشقا ئىنكاس قايتۇردى؟
2009 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يىغىنى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلدى. دۆلەت مەجىلىسىنىڭ 6 نەپەر ئەزاسى بۇيىغىندا تەبرىك سۆزى سۆزلىدى.
شۇ كۈنى پرېزىدېنت ئوباما ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىككى شىڭگىل سۆز قىلدى. ئارقىدىنلا گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇر بېرمۇدا دۆلىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ مەسىلە دۇنياۋى ئاخباراتنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى ... ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرى قىسىملىرى ئىراقتىن چېكىنىپ ئافغانىستانغا يەتكۈزۈشكە باشلىدى ... قوزۇقنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇپ قالدىڭمۇ! ۋاڭ لېچۈەن!
يەنە كۆرۈڭ! 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مەزكۇر رادىئونىڭ خەۋەر قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى، بېيجىڭدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلار سۆھبىتىگە ئالاقىدار سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى توغرىسىدا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر تارقاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. نېمە ئىش بولدى؟ بۇ ئىش ئامېرىكا، خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىشقۇ؟ ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشى زۆرۈر بۇلۇپ قالدىمۇ!
ۋاڭ لېچۈەن جانابلىرى! ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئىشلارغا ئائىت سۆھبەت 22 - كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى، توۋا دەيمەن. ھېچ نېمىدىن، ھېچ نېمە يوق، شياڭگاڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى يالتا يىغىنى، موسكۋا يىغىنى، ھەتتا 1989 - يىلىى گورباچىف بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دىڭ شىياۋپىڭ سۆھبىتىنىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىنى كۆرسەتتى. ھەيرانمەن. بۇ يىغىنلارنىڭ ھەممسى تارىخى يوسۇندا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇڭا ۋاڭ لېچۈەن چېچىلىپ قالدىمۇ!
گۇاڭدۇڭدا ئۇيغۇرنى كالتەكلەپ ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق يۇقىرىقى ۋەزىيەتكە ئىنكاس قايتۇرغىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمۇ! لېكىن تارىخى ھەقىقەتنى، پۈتۈنسىرى بىر مىللەت ئۇيغۇرلارنى كالتەكلەپ يۇقاتقىلى بولمايدۇ، ۋاڭ لېچۈەن ئەپەندى!
