ئۆزۈڭنى قوغداش تەبىئەت ساڭا بەرگەن ھوقۇقتۇر

ئوبزورچى ۋۇ فەن 2009 - يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى بۈيۈك ئىرا تور بىتىدە "خىتاي بىلەن ئۇيغۇر توقۇنۇشىدا كوممۇنىستنىڭ سۇيىقەستى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ: 7 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ئۈرۈمچىدە، 1989 ‏- يىلى يۈز بەرگەن 4 ‏- ئىيۇن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي ۋە ئۇيغۇرغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزگەن، زور كۆلەملىك قان تۆكۈش، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

ۋۇ فەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: خىتاينىڭ باستۇرۇشى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 500 بىلەن 800 نەپەر ئارىلىقىدا، ھۆكۈم قىلىشقا بولۇدىكى، باستۇرۇش بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېلان قىلغان سانىدىن بىر نەچچە ھەسسە كۆپ دەپ كۆرسەتتى.

بېيجىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز خەۋەر ئاڭلىتىپ " ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى قولىغا پىچاق ئېلىپ خەنزۇلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ"، ‏- دەۋاتقانلىقىنى نەقىل قىلىپ كۆرسەتكەن ۋۇ فەن ئەپەندى، ‏- ھازىرغىچە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىر پارچە سۈرەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا بىر پاكىت كۆرسىتەلمىدى " دەپ كۆرسەتتى.

ۋۇ فەن ئەپەندى نەقىل كە لتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ: ئالدىنقى كۈنى ) بەلكى 7 - ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى بولسا كېرەك ( دۇنيا گېزىتى خەۋەر تارقىتىپ " خىتاي كوممۇنىستلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي قورال - ياراق ئىسكىلاتىنى ئىچىۋېتىپ، بىڭتۇەننىڭ خىتايلىرىنى مىلتىق،ئوق - دورا بىلەن قوراللاندۇردى دەپ كۆرسەتتى.

گېپىمىزگە كېلەيلى. شۇنداق قىلىپ مۇستەملىكە ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىدە خىتاينىڭ مىللىي قىرغىنچىلىقى باشلاندى، خىتاي مۇستەملىكىچى رەھبەرلىرى ئۆز-ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ 6 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى كېچىدە گۇاڭدۇڭ شياۋگۈەن مىللىي قىرغىنچىلىقىنى پەيدا قىلىپ، 7 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلىپ شياۋگۈەن قىرغىنچىلىقىنىڭ قاتىللىرىنى ئېنىقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئوق چىقىرىپ باستۇرۇپ ئۈرۈمچى 5 ‏- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى پەيدا قىلدى.

يەنە 7 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى يېڭى ئىرا تور بىتىگە ماقالە يازغان لى فادۇ ئەپەندى،" خىتاي كوممۇنىستلىرى پەردە ئارقىسىدىكى قاتىل ئەمەسلىكىنى نېمە ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ،" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە كۆرسەتكەندەك، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئارمىيە - ساقچىلىرى نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى بىر تار كوچىغا قىستاپ كىرىپ، بىر كوچىدا 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تور بىتى ئەزالىرىنىڭ شۇنداق سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇرلار ئۆزىنى- ئۆزى قوغدايدىغان ۋاقىتقا دۇچ كەلدى. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ھەربىي ساقچىلىرىدىن باشقا، بىڭتىۋەندە خىتايلارنى قوراللاندۇردى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە خىتاي پۇقرالىرىنى كالتەك - چۇماق بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يالغۇز ۋە ياردەمسىز قالدى. بۇ ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر قانداق ئۇسۇل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزۈڭنى قوغدايدىغان ۋاقىت كەلدى. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى نىقابىنى ئېچىپ تاشلىدى، ئەمدى كەلسە، جانغا كەلدى. ئۈزۈڭنى- ئۆزۈڭ قوغدىشىڭ كېرەك بولدى.

دۇنيادا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ مەيلى دېموكراتىك دۆلەتلەر ياكى مۇستەبىت سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرى ياكى جىنايى ئىشلار قانۇنلىرىدا بولسۇن، پۇقرالار ئەگەر، قوراللىق ياكى پىچاق كالتەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا دۇچار بولغاندا يوللۇق قوغدىنىشقا ھوقۇقلۇق دەپ بەلگىلەنگەن.