ئۈرۈمچى ۋە پۈتۈن مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستان ئەنسىزلىك ۋە ۋەھىمە ئىچىگە چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمەن خىتايلارنىڭ ۋەھىمە ئىچىگە چۈشۈپ قالغانلىقى ھەددىدىن زىيادە بولۇپ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى مىڭلىغان خىتاي كوچىغا نامايىشقا چىقىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ ۋاڭ لېچىۋەننىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى.
7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يالغۇز ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس، 6 - كۈنىدىن باشلاپ قەشقەردە، خوتەندە، غۇلجىدا ھەتتا قۇمۇلدا زور كۆلەملىك، مەھەللىۋى كۆلەملىك نامايىشلار بولغانلىقى، بىرلا قەشقەر شەھىرىدە 5 مىڭدىن 6 مىڭغىچە ئۇيغۇر ياشنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا، 5 يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ نامايىشقا چىققانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، دېمەك، 5 - ئىيۇل پۈتۈن ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇرلار قوزغىلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىگە ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەملىكىچى مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارشى سىياسى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى تارىخى ھەقىقەت ۋە رىئال پاكىت بولۇپ قالدى.
7 - ئاينىڭ 5 - ، 6 - كۈنلىرى پۈتۈن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك قوزغىلىشى تۈنجى ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن كۆلەم جەھەتتە ئىنتايىن زور كۆلەملىك قوزغىلىش بۇلۇپ قالدى. ئەمدى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىشلىرى، باستۇرۇشلىرى كارغا يارىمىدى دېگەن سۆز. ئەمدى خىتاينىڭ قورقۇتۇشلىرى، پوپۇزا، تەھدىتلىرى ئىشقا ئاقمىدى دېگەن سۆز.
جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ بۇزۇلۇشىغا بۇ قېتىم "زەھەرلىك ژىڭنە ۋەھىمىسى" سەۋەب بولدىمۇ؟ بۇ توغرىدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋەر تارقاتقاندا: "زەھەرلىك ژىڭنە ۋەھىمىسى"گە، "ژىڭنە سانجىش پارتىيىسى" دەپ، ئىسىم قويدى. "ژىڭنە سانجىش پارتىيىسى"نى تەشكىللىگۈچىلەر كىملەر؟ بۇ پارتىيىنىڭ مىللەت تەركىپى توغرىسىدا خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى جۈرئەتلىك بېر ئېغىز سۆز قىلالمىدى.
ھېچ كىم زەھەرلىك ژىڭنە توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمىدى. ژىڭنە سانجىپ جاراھەتلەندۈرۈلگەن ئادەملەر بۇشۈن تور بىتىدە 460 نەپەر، ئۇيغۈر بىز تور بىتىدە 500 نەپەر دېيىلدى، يەنە باشقا تور بەتلىرىدە 1000 غا يىتىپ بارىدۇ دېيىلدى. ژىڭنە سانجىلغان ئادەملەر خىتاي، ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان، مۇڭغۇل دېيىلدى، قارىغاندا ئاتالمىش 13 مىللەتنىڭ ھەممىسىگە ژىڭنە سانجىلغان ئوخشايدۇ. بۇ زەھەرلىك ژىڭنە قانداق تەييارلانغاندۇ، بىر ئادەم تەييارلاپ تارقاتقانمىدۇ؟ بۇ ژىڭنە خىمىيىلىك زەھەرلىك دورىلار بىلەن سۇغۇرۈلغان ژىڭىنمىدۇ ياكى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلەتكەن، تاشلىۋەتمەي ساقلاپ قويۇلغان ژىڭنىمىدۇ؟ چۈشەنگىنى بولمىدىغۇ، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى؟
مىڭ ئادەم، 5 يۈز ئادەمگە سانجىلغان 5 يۈز تال ياكى 1000 تال ژىڭنىمىدۇ؟ ئېنىقى شۇ بولدىكى، سايباغ رايونىدا ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇلدى. ۋاكسىنا ئۇرۇشنىڭ پەسىل تەرتىپلىرى بولاتتى. 8 - ئايدا ۋاكسىنا ئۇرۇش، بۇ قانداق تەرتىپ بولغىيدى؟ 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇرۇش چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشنى بېجىرگۈچىلەر ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن جاسۇسلار ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى.
زەھەرلىك ژىڭنە ياكى "ژىڭنە سانجىش پارتىيىسى" نى تەشكىللىگۈچىلەر كىم بولۇپ چىقىشى مۇمكىن؟ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋاكسىنا ئۇرۇشنى كىم تەشكىللىگەن بولۇشى مۇمكىن؟ سېكرېتار ۋاڭ لېچىۋەننىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرى، ھىيلە - مىكىرلىرى ئاخىرلىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇرلار كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتتى. بارلىق تەرتىپلەر ھەربىي كۇچ ئاستىغا ئىلىندى.
ئۆزىنىمۇ ئالدايدىغان ۋە باشقىلارنىمۇ ئالدايدىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان شوۋىنىزم - خىتاي مىللەتچىلىكى - بۇ خىل جاراھەت، بىر ھۆكۈمران مىللەتنىڭ قېرىغانلىقىنىڭ ۋە بىر ھۆكۈمران مىللەتنىڭ ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. قىسقىسى ۋاڭ لېچىۋەننىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى سېرىق تورنا راۋىقىدا ئولتۇرۇپ ئۇخلىماي كۆرگەن چۈش بۇلۇپ قالامدۇ، قانداق؟