ئۇيغۇرلار ئۆزىنى قوغداشقا تامامەن ھوقۇقلۇق

2009‏ - يىلى 7‏ - ئاينىڭ 5‏ - كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى يېتەكچى بولۇپ پۈتۈن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇرلار قوزغالدى. دەسلەپتە قانۇنلۇق ھالدا خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ روھى بويىچە نامايىش قىلىپ شياۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ قاتىللىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى.

0:00 / 0:00

ئەسلىدە يېپىق قازان يېپىق پېتى قېلىشى كېرەكمىدى ياكى ئىېچىۋېتىش كېرەكمىدى؟ ئۇيغۇر نامايىشچىلار پەقەت قاتىللارنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ساقچى قىسىملىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە چىراق ئۆچۈرۈپ ئوق چىقىرىپ ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى باستۇرغاندىن كېيىن، تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىش زوراۋانلىققا ئايلاندى. زوراۋانلىق قىلىشنى باشلاپ بەرگەنلەر كىم؟

ئىككى ئايدىن بېرى جىددىي بولۇپ كەلگەن ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىدىن پايدىلانغان ساقچى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نامايىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىمۇ يەنىلا "مىللىي بۆلگۈنچىلەر"، "تېررورچىلار"غا ئارتىپ، مىللەتلەر ئارا توقونۇشقا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلدى. 7‏ - ئاينىڭ 7‏ - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى لى جى نامايىشچى خىتاي كۆچمەنلىرىنى باشلاپ يوقالسۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ باشلىقى دەپ شۇئار توۋلاپ، نامايىشچى خىتاي پۇقرالىرىنى، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى قويۇپ، ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى خاراكتېرىنى مىللەتلەر توقۇنۇشىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى.

ئىككى ئايدىن بېرى جىددىي بۇلۇپ كەتكەن ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى يەنە ئۆزگىرىپ بۇ قېتىم خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇيغۇر ئاھالىلەرگە قارشى قانلىق يۈرۈش قىلدى. 9‏ - ئاينىڭ 6 ‏ - كۈنى خىتاي كۆچمەنلىرى بەخىت يولى، جەنۇبىي ئازادلىق يولىغا بۈسۈپ كىرىپ خوتەندىن كەلگەن پاتىمە ئىسىملىك ئېغىر ئاياق جۇگان پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.

" ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىم دەيدۇ،‏ - ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلار، ‏ - ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى باش پاناھسىز قالدى ... بۇ ئۇيغۇرلار تارىختىكى خۇجىنىيازنىڭ، مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئەۋلادلىرى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەسمىدى؟

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئۇيغۇرىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەۋلادى، ئۇرۇق ‏ - تۇغقانلىرى ئەمەسمىدى؟. بالىلار، ئانىلار، قىزلار، ئاياللار ئۈرۈمچىدە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قىڭراق، كالتەكلىرى ئاستىدا قالدى. ئۇلارغا بىرلا يول ئۆلۈم، ئۆلۈمدىن باشقا يول قالمىدى! بۈگۈن ئۈرۈمچىدە يولغا قويۇلغان خىتاي زوراۋانلىقى ئەتە تۇرپاندا، پىچاندا، قۇمۇلدا يولغا قويۇلمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ خىتاينىڭ ساقچىلىرى ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرسە، خىتاينىڭ ھەربىيلىرى ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرسە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خىتاي باشلىقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى يوقالسۇن دېسە، ئەمدى كېلىپ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇرلارنى كالتەكلەپ، قىڭراقلاپ ئۆلتۈرسە، ئەمدى ساڭا نېمە قالدى، ھەتتا ساڭا جېنىڭمۇ ئېشىپ قالمىدىغۇ ئۇيغۇر ؟!

خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى جىددىي ھالەتكە ئۆتكەندەك،پۈتۈن ئۇيغۇرىستان ئۇيغۇرلىرى جىددىي ھالەتكە ئۆتۈپ، ئۆزىنى - ئۆزى قوغداش ھالىتىدە تۈرۈشى لازىم ". چۈنكى خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى ئىدارە - جەمئىيەتلەرگە ئۆزىنى قوغداش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشەردى‏ - دە!

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى چۆچۈرىنى خام سانىدى. تيەنئەنمىندە بىر كېچىدە باستۇرۇپ بېيجىڭنىڭ ساداسىنى تىندۇرغان ئىدۇق، ئۈرۈمچىدە بىر كېچىدە باستۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى يوقىتىمىز دەپ خام ئويلىغان ئىدى. پۈتۈن ئۇيغۇرىستان خەلقى ئۆلۈمنى قورال قىلىپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، خىتايغا قارشى شىددەتلىك كۈرەشكە ئۆتكەندە، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بىئارام بولۇشقا باشلىدى. پوچتا ئاتلىرىنى يەڭگۈشلەپ، شەھەر باشلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇپ باقتى. باۋاغا يەنى كارغا كەلمىدى.

دەل شۇنداق پەيتتە، خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋاڭ لېچۋەن بىر بۇرۇندىن نەپەس ئېلىپ، زىددىيەتلەرنى ئۇيغۇر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ توقونۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ قۇتۇلماقچى بولۇپ، "يىڭنە سانجىغۇچىلار پارتىيىسى" دېلوسىنى ياساپ چىقتى. بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتى سەن ئۆزۆڭنى قوغداشقا تامامەن ھوقۇقلۇق!