9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى "شىنجاڭ ياشلىرى" ژورنىلى تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇختار خەلق يولىدىكى ئۆيىدىن كوچىغا چىقىشى بىلەنلا يۇلۇقۇپ قالغان بىر نەچچە خىتاي ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ،"ماۋۇ ئۇيغۇر يىڭنە سانجىدى" دەپ، ۋارقىرىدى. يۈگۈرۈپ كەلگەن كۆچمەن خىتايلار مۇختارنى ئۇرۇپ بىر نەچچى يېرىگە پىچاق تىقىۋەتتى، نۆۋەتتە دوختۇر خانىدا ياتىدۇ دەپ، كۆرسەتتى.
يازغۇچى ۋىسې شاڭگاڭ ئەينەك گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، قىزىلتاغ بازىرىغا يېقىن يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئالىم ھۈسەن، يىڭنە ئۇرۇش دېگەن بار ئىشمۇ ياكى يوق ئىشمۇ؟ نۆۋەتتە بىر خىتاي يىڭنە سانجىدى دەپ، ۋارقىرايدىغان بولسا، 4 يۈز - 5 يۈز خىتاي ئولۇشۇپ يۈگۈرەپ كېلىپ ئاق - قارىنى ئايرىمايلا ئۇيغۇرلارنىڭ باش - كۆزىنى قانغا بويايدۇ، دېگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
تىبەتلىك يازغۇچى ۋىسې 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى "ئالەم مۇنبىرى"گە ئىمزالىق ماقالە يازغان يەن خۇانىڭ ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: " ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن ئادەملەرگە يىڭنە ئۇرۇلغانلىقى يالغان " دېگەنلىكىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتتى. ھەتتا يەن خۇا ئەپەندى ماقالىسىدە 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 150 ئادەم ئۆلۈپ، 1000دەك ئادەم يارىدار بولغاندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ 400مىڭ يۋەندىن ئارتۇق تۆلەمگە ئېرىشكەنلىكى جەمئىيەتتە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى، شۇڭا بۇ قېتىمقى يىڭنە سانجىدى دېيىلگەن ۋەقەدە، نۇرغۇن خىتايلار يىڭنە ئۇرغاندىن كېيىن تۆلەمگە ئېرىشەلەيمىز دەپ ئويلاپ، بىر كېچىدە بىر نەچچە يۈز ئادەم يىڭنە ئۇرۇلغان بولۇپ چىقتى... بەلكى بۇ سان گېئومېتىرىك سان بويىچە ئۆرلىدى... بىنانىڭ ئاستىدا ئولتۇرىدىغان لاۋۋاڭ ئۆزىگە - ئۆزى يىڭنە ئۇرۇپ ... دېلو مەلۇم قىلىشقا يۈرۈپ كەتتى، دېگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
قارىغاندا، مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنىڭ يۈرىكى چىقىپ كەتتى، ئاۋۋال 21 نەپەر "يىڭنە ئۇرغۇچى" نى قولغا ئالغاندىن كېيىن، يەنە يىڭنە ئۇردى دەپ گۇمان قىلغان 45 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى. ھەتتا ھۆكۈمەت يىڭنە سانجىغۇچىلارغا 3يىللىق قاماق جازاسى ۋە ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان بولدى ... ھەتتا ھۆكۈمەت يىڭنە ئۇرۇلغان ئادەملەر نىڭ سانى 5 يۈزدىن ئېشىپ كەتتى دەپ ئىقرار قىلدى....
تىبەتلىك يازغۇچى ۋىسې يىڭنە سانجىدى دەپ، گۇناھىسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى پاكىتلار ئارقىلىق كۆرسەتتى. ھەتتا خىتاي يازغۇچى يەن خۇا يىڭنە ئۇرۇش دېلوسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان تۇرۇقلۇق، توۋا دەيمەن، ھۆكۈمەت نېمشسقا يالغاننى راستقا ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ؟ نېمىشقا مەتبۇئات تەشۋىقات ئارقىلىق قۇتراتقۇلۇق قىلىپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئورنىدا كۆرسىتىدۇ ؟ نېمىشقا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى مەتبۇئاتقا ئېلىپ چىقمىدى؟ نېمىشقا خىتاي كۆچمەنلىرى، ئۇيغۇرلار بىزگە - خىتايلارغا يىڭنە ئۇردى، دېدىيۇ، نېمىشقا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا كىم ۋاكسىنا ئۇردى دەپ سوئال قويمىدى؟ ھۆكۈمەت تەرەپ نېمىشقا 45 نەپەر گۇناھسىز ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى؟
بۈگۈن، كۆچمەن خىتايلاردىن تەشكىللەنگەن مۇستەملىكىچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى - ئۆزى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلدى. خىتاي كۆچمەنلىرى ھەم ئۆزىنى - ئۆزى تەرتىپ بىلەن باشقۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئايرىلدى، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي خىتاي كۆچمەنلىرىگە يان بېسىپ ئۇيغۇر بۇ مىللەتنىڭ دۇشمىنى ئىكەنلىكىنى يالىڭاچ ئاشكارىلىدى. ۋەھىمە، باستۇرۇش، ئاشكارا قاتىللىق بىلەن ئۇيغۇرلارغا يۈزلەنگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى مۇستەملىكە ئۇيغۇرستاندا نېمە ئىش قىلماقچى؟ دەل شۇنداق پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىم زور كۆلەملىك سىياسى قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
مەسىلەن، دوۋى تور بىتى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى "ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى" نىڭ مۇخبىرى سى ياڭنىڭ بەرگەن خەۋىرىنى تارقىتىپ: ئۈرۈمچىدە لى ئىسىملىك بىر ئادەم، قولۇڭلاردىكى ئىشنى تاشلاڭلار... ئاڭلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلار يەنە چاتاق چىقىرىدىكەن... گۇمانلىق ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار زور كۆلەمدە ئۆچ ئىېلىش ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ... ئۈرۈمچىدە خەنزۇ ئاھالىلەر ئۆز - ئارا بىر - بىرىگە چاقىرىق قىلىپ، ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلار يەنە توپىلاڭ كۆتۈرىدۇ، دېيىشكەنلىكىنى پاكىت بىلەن كۆرسىتىپ قويدى.