تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى

ب ب س 2009‏ - يىلى 9‏ - ئاينىڭ 11‏ - كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىلارى كىلىنتۈن، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا ئىككى دۆلەت بۇ يىل تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ دەپ خەۋەر تارقاتتى.

0:00 / 0:00

خەۋەردە: خىتاي خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو پرېزىدېنت ئوبامانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەندە، ئىككى دۆلەت ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن دېيىلدى. خەۋەردە، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر چىقىرىشىنى، ئافغانىستاندا ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشىنى ئىزچىل ئۈمىد قىلىپ كەلگەن دېيىلدى.

بېيجىڭ ئۇنېۋىرىستېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى پروفېسسور جۇ فىڭ ب ب س نىڭ مۇخبىرىغا ئامېرىكا جۇڭگونى پاكىستان، ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە ئاكتىپ ماسلىشىشقا قايىل قىلىپ، جۇڭگو كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان " شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى " قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇناسىپ يول قويۇش زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتى، دېدى. بۇ سۆزنى جۇ فىڭ دەۋاتىدۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ماسلىشىشقا قايىل بولسىلا " شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتايغا يول قويىمىز " دېگەن گەپنى تېخى ئامېرىكا ئېغىزدىن چىقارغىنى يوق. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى جۇ فىڭ تەرىپلىگەندەك راستىنلا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرسا ‏ - قوپسا سۆزلىشىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدىمۇ ياكى كۆنۈك ئېغىز بىلەن تەسۋىرلىسەك، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى رايون خاراكتېرلىك مەسىلە، بۇلۇپمۇ "5‏ - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى" دىن كېيىن شۇنداق رايون خاراكتېرلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ چۈنكى ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان، ئافغانىستان، پاكىستان مەسىلىسىدە جۇڭگو ماسلىشىپ بېرىدىغانلا بولسا، جۇڭگو كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىدە ئامېرىكا قانچىلىك يول قويىدۇ، دېگەن مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىپ بولدى ‏- دە!

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى "تېررورچى، ئۇيغۇرلار تېررورچى" دەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا ئۇيغۈرلار مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇھىم مەسىلىگە، سۆزلىشىدىغان مەسىلىگە، يول قويىدىغان ياكى يول قويمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانمۇ ياكى سىز ۋە بىز بىلمەيدىغان پەقەت تارىخنىڭ سىرلىق پەردىسى كۆتۈرۈلگەندىلا ئاندىن ئاشكارىلىنىدىغان يەنە باشقا سەۋەب ۋە مەسىلىلەر بارمىتى؟

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبەتتە ئامېرىكا ئافغانىستان، پاكىستان مەسىلىسى بويىچە ئوتتۇرىغا شەرت قويسا، چاچراپ قوپۇپ ئۇيغۇرستان مەسىلىسى بويىچە شەرت قويالايدىغان خىتاينىڭ جۈرئىتى بارمىدۇ؟ شەرت قويغىدەك ۋاقىت ياكى زامان خىتايغا يار بېرەرمۇ؟ ياكى جياڭ جېشى تاڭنوتىۋا مەسىلىسى بويىچە قائىرە يىغىنىدا روزۋېلىتقا شەرت قويغاندەك، بۇ قېتىم سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان خىتاي سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇنداق جۈرئەتنى تەييارلىغانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە "5‏ - ئىيۇل قىرغىنچىلىق" دىن تاكى ھازىرغىچە 70 كۈن مابەينىدە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرلارنى بىر كۈن توختىماي باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. شەرت قويسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم يەنە قانداق شەرت قويىدىغاندۇ؟

بۇ يىل ياكى يىل ئاخىرىغىچە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا " تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا " سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغان بولسا، ۋاقىت ئىنتايىن قىس دېگەن سۆز.

2008‏ - يىلى 3 دېكابىر، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى جاڭ رۇڭشياڭ: ئامېرىكا، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىقنىڭ مۇقىم ۋە بىردەك بولمىغانلىقىغا دىققەت قىلدى، ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە: ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ باش نازارەتچىسى مىچېل مىكوننېل ئاللىقاچان ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، جۇڭگو ھەربىي قورال‏ - ياراقلىرىنى ئوتتۇرا شەرققە يۆتكىدى، بۇ، رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپلا قالماستىن بەلكى، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەھدىت پەيدا قىلدى، دېگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرانغا سېتىپ بەرگەن راكېتانىڭ پارىس قولتۇقىدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتقىقات گۆرۆپپىسىنىڭ تەتقىقاتىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، دۈشمەن ئىشلەتكەن ھەربىي قورال - ياراقلارنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى مۇخبىر خەۋىرىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خەۋەردە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكىيان بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى جېمىس شىئىن جۇڭگو ئۆزىنىڭ ھەددى - ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.

"تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا" بۇ قېتىم ئامېرىكا، جۇڭگو دولەتلىرى ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۆھبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا نىزامنامىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزىنىڭ ھەددى - ھەرىكەتلىرىگە جاۋابكار بولۇشى مۇمكىنمۇ ياكى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكىنىڭ يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىنمۇ؟