چەتئەل كاپىتالى جۇڭگودا بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشقا ئۇچرىدى

خىتايدا زاۋۇت قۇرۇپ، خىتايغا مەبلەغ سېلىپ، خىتايدا سودا - تىجارەت قىلىپ كۆپ پايدا ئېلىشنى كۆزلىگەن چەتئەل سودىگەرلىرى جۈملىدىن شاڭگاڭ، ئاۋمىن، ياپۇنىيە، ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى سودىگەرلىرى قۇرۇپ چىققان سانائەت تارماقلىرىنى دائىرىلەر يولسىز ئىگىلەپ ئالدى. زومىگەرلىك بىلەن ئىگىلىۋالدى.

0:00 / 0:00

چەتئەل سودىگەرلىرىنى جۇڭگولۇقلار خانۇ - ۋەيران قىلىۋەتتى. يەنە كېلىپ ئۇلارنى سوتقا ئەرز قىلىپ تۈرمىگە تاشلىدى. بۇنداق ئىش جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدا بارغانسېرى ئومۇملىشىپ. ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. 009 ‏- يىلى 9‏ - ئاينىڭ 30‏ - كۈنى بۈيۈك ئىرا تور بىتىگە ماقالە يازغان ليۇ چىڭ ئەپەندى ' ئالاقىدار ئورگانلار، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ ئەرز قىلىدىغان ئورۇن تاپالماي يۈرگىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى، بۇ سودىگەرلەر جۇڭگودا ئەرز قىلغۇچى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتتى' دەپ كۆرسەتتى.

تەپ - تارتماسلىق، زومىگەرلىك بىلەن ئىگىلىۋېلىش، چەتئەل سودىگەرلىرى قايسى شەكىلدە ئەرز قىلسۇن، ھوقۇق قوغدىسۇن، كوممۇنىست دائىرىلەر بېجىرىپ بەرمەي، مەنسىتمىگەن بولۇپ تۇرۇۋالدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۇقىرى - تۆۋەن تىل بىرىكتۈرۈپ، چەتئەل سودىگەرلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشقا، بېيجىڭ دائىرلىرىنىڭ قول سېلىشىمۇ بىر پاكىت بۇلۇپ قالدى.

بىر دۆلەتتە سانى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە مەبلەغنى ئوچۇق - ئاشكارا بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدىغان ئىش، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرى يول قويمىسا، قوغدىمىسا، ئارىلاشمىسا باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغان ئىشقۇ؟

يەنە يېقىنقى يىللاردىن بېرى، پۇل تېپىپ باي بولغان، لېكىن ھوقۇق بىلەن سودا - تىجارەتنى بىرلەشتۈرمىگەن بايلارنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش ئاللىقاچان مەخپىيەتلىك بولماي قالدى ۋە بۇ ئىشقا جەمئىيەتمۇ ئۇمۇميۈزلۈك كۆنۈپ كەتتى.

خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتاينىڭ سىياسى سەھنىسىدە پەيدا بولغان كۈندىن باشلاپ باندىتلىق خاراكتېرىنى ھازىرغىچە ئۆزگەرتكىنى يوق. قىزىل تامغا بىلەن بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ، پۇقرالارنى قاق سەنەم قىلىپ قويغان پارتىيە، ھەتتا بىر توخۇ، دېھقاننىڭ ئۆيىدە بىر تۇخۇم تۇغۇپ قويغان بولسا، شۇنىڭمۇ ھېسابىنى قىلىپ كەلگەن پارتىيە ئىدى.

خىتاينىڭ چوڭ - كىچىك ئەمەلدارلىرى چەتئەل سودىگەرلىرىنى غالجىرلىق بىلەن بۇلاڭ - تالاڭ قىلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، شەك - شۇبھىسىز پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ئالامەتتۇر.كەلگۈسىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى چەتئەل مەبلىغىنى، چەتئەل سودىگەرلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش سۈرئىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىرى ليۇ چىڭ ماقالىسىدە ' يېقىندىن بېرى جۇڭگودا يۈز بەرگەن چەتئەل سودىگەرلىرى ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى، جۈملىدىن ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى، مەبلەغ سېلىش، جىسمانى بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە سودىگەرلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋەقەلەرنى خىتايدا ئالاقىدار ئورگانلار تەكشۈرۈپ شەكلى ئۆزگەرگەن بۇلاڭچىلىق دەپ مۇقىملاشتۇردى ' دەپ كۆرسەتتى.