ھەممىسى بالىلار ئىدى... خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرۈپ نامايىشقا چىقتى. تىنچلىق، تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلىمىز دېگەن بېشارەتنى بەرگەندىن باشقا، ھۆكۈمەت گۇمان قىلمىسۇن دەپ، كۆپرەك قىزلارنى ئالدىنقى سەپكە چىقىرىپ قويۇشتى، تېرىشچانلىقىمىز يەنىلا خىتاي زوراۋانلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈنۈم بەرمىدى. شاۋگۇئەن ۋەقەسىنىڭ قاتىللىرىنى ئېنىقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتى. ئۇيغۇر نامايىشچىلار ' 10كۈن بولدى بىزگە، ئۇيغۇرلارغا بېر جاۋاب بېرىشىڭلار كېرەك ' دېيىشتى.
خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقاردى. بىر قىزنىڭ بېشىغا ئوق تەگدى... بۇ قىز بىر نەپەر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ قۇچىقىغا يىقىلدى... مەيداندا پاتىپاراقچىلىق پەيدا بولدى. غەزەپلەنگەن ئۇيغۇر نامايىشچىلار... شامالباغ مەھەللىسىگە 3 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن خىتايلار كالتەك بىلەن قوراللىنىپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. كالتەكلىرى ئوخشاش ئىدى، مېڭىش - تۇرۇشى، بوي تۇرقى ئوخشاش ئىدى. بۇ خىتايلار قانداق تەشكىللەندى؟ ئادەتتە مۇنداق ئىنتىزامچان ئەمەس ئىدىغۇ؟ ھەيران قېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدۇق. ئۇيغۇر دېگەن خىتاي ھۇجۇم قىلىپ كەلسە ئۆيگە قېچىپ كىرىۋالىدىغان خەلق ئەمەس-دە! ئۇيغۇرلار ئۆي - ئۆيدىن كوچىلارغا ئېتىلىپ چىقتى... خىتايلارنى چېكىندۈردى. كەچ بولدى... چىراقلار ئۆچۈرۈلدى. ئوق ئاۋازى ئۈزۈلمىدى... نامايىشقا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان كىشىلەر قارا - قويۇق ئوققا تۇتۇلدى. بىر يىگىتنىڭ پۇتىغا ئوق تەككەن ئىكەن، دوختۇرخانىغا بارغاندا دوختۇرلار بۇ بالىنى داۋالىماي ھەربىيلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى... مېنىڭ ئۇكامغا دوختۇر خانىدا يىڭنە سانجىۋەتتى... خىتايلار يىڭنە سانجىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس.
"قارىغاندا خىتاي ھەربىي تەرەپ خىمىيىۋى - باكتېرىيىنى يىڭنە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېنىدە سىناق قىلغان بولسا كېرەك...."
نامايىشچى بالىلار ئارقا - ئارقىدىن يىقىلىشقا باشلىدى... بىر نەپەر ئۇيغۇر يىگىت ئالدىغا ئېتىلىپ تۇراتتى...بۇ يىگىتنى ئاكىسى قۇچاقلاپ ئالغان ئىدى. " ئۇيغۇر ياشلىرى ئاق چېكىشكە مەجبۇرلاندى... بىھۇدە ئۆلۈپ كەتتى... ئوقۇساق ئوقۇشنىڭ پايدىسى بولمىدى... مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى ۋەتەنگە ئاتىدىم... " دېگەندە ئاكىسى كېلىپ قۇچاقلاپ ئالدى... دادىسى كېلىپ " قويۇۋەت ئوغلۇمنى، قويىۋەت، - دىدى، - بۇ بالىنى ئانىسى ئوغۇل دەپ تۇغدى، مەن ئوغلۇم دەپ چوڭ قىلدىم. ۋەتەنگە خەلققە كېرەك دەپ چوڭ قىلدىم... " دادا - بالىنىڭ قەھرىمانلىقىنى خۇدا كۆرۈپ تۇرغاندۇ، ۋەتەنداشلىرى كۆرۈپ تۇرغاندۇ، ۋەتىنى ئۇيغۇرىستان كۆرۈپ تۇرغاندۇ؟
"5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى"نى كۆرگەن كىشىلەر بار، لېكىن 6 - كۈنى، 7 - كۈنى، 8 - كۈنى ئۈرۈمچىدە نېمە ئىش بولدى، خەۋەر قىلىنمىدى ھېچ كىم بىلمەيدۇ. خىتايدىكى تەشۋىقات، مەتبۇئات ئورگانلىرى پەقەت ئۇيغۇرلار خىتايلارنى ئۆلتۈردى دېگەن خەۋەرنىلا خەۋەر قىلدى. ئۇيغۇرلارنى جۇڭگونىڭ پۇقراسى دەيتتى، ئەمدى بىلسەك جۇڭگونىڭ پۇقراسى ئەمەسكەنمىزغۇ؟
مۇخبىرغا سۆزلەپ بېرىۋاتقان قىز، ئېسەكىدەپ، ئۆپكىدەپ يىغلىدى... چىن يۈرىكىدىن يىغلىدى... ئۇيغۇر ئىدى... خىتاينىڭ ئوقىدا ئۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ دەردىدە يىغلىدى. 3 نەپەر قىز شۇنداق يىغلىدى. ئۇيغۇر ئۈچۈن يىغلىدى....
-- بىزنىڭ ئىگىمىز يوقمۇ؟ ئۇيغۇرنىڭ ئىگىسى يوقمۇ؟ - سوئال قويدى قىز. ئۇيغۇرنىڭ ئىگىسى ئۇيغۇر بولمامدۇ، قىزىم!
-- بۇ ئىشلارغا كىم جاۋاب قىلىدۇ؟ - سوئال قويدى قىز. كىم جاۋابكار بولسا ۋاقتى كەلگەندە شۇ جاۋاب قىلمامدۇ، قىزىم!
-- ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق قىرىلىپ تۈگەپ كېتەمدۇ؟ - سوئال قويدى قىز. يوقسۇ، ياق قىزىم! قوي پادىسىنى سويۇپ تۈگەتكىلى بولمىغاندەك، ئويغانغان مىللەتنى قىرىپ تۈگۈتەلمەيدۇ، قىزىم!
مەيلى تەبىئەت جاۋابكار بولسۇن، ئەمما جاۋاب قىلىدىغان ۋاقىت يتىپ كەلدى! مەيلى خىتاي جاۋابكار بولسۇن، ئەمما خىتاي جاۋاب قىلىدىغان ۋاقىت يېىپ كەلدى! مەيلى ۋاقىت جاۋابكار بولسۇن، ئەمما ۋاقىت جاۋاب قىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! مەيلى تارىخ ئۇيغۇرلارغا جاۋابكار بولسۇن، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دۇنيا تارىخنىڭ بەتلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى،قىزىم!
قىزىم! خىتاينىڭ شۇنچە ۋەھشىيلىك بىلەن ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى، بۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ دەلىلى ۋە ئىسپاتىدۇر.
