دەل بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ۋىلادىمىر پوتىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: "رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىتتىپاقى، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرىنى چەكلىيەلەيدۇ" دەپ دارىتمىلىغانلىقىنى ۋە ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: " خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بەزى مەسىلىلەر بويىچە ئورتاق مەيدانى، بىزنىڭ بەزى كاللىسى قىزىپ كەتكەن دوستلىرىمىزنى چەكلەپ قالالايدۇ" دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتاي بۆلۈمى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى ئاخىرلاشتى" ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە رايون خاراكتېرلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاچقان يىغىندا "پەقەت ئىقتىسادى قىيىنچىلىق مەسىلىسى يىغىننىڭ مەركىزى تېمىسى بۇلۇپ قالدى،" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: " بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ رەھبەرلىرى بىلەن روسىيە فىدېراتسىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك تىغ ئۇچى بۇرىۋېتىلدى."
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ" تىغ ئۈچى" دېگەنلىكى، نېمە دېگەنلىك ئىدى؟ كىمگە، قايسى مىللەتكە قارىتىلغان ئىدى؟ بۇ قېتىم نېمىشقا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق مەسىلىسى "تىغ ئۇچى" نىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ قالدى؟ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ " تىغ ئۇچى" مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، تېررورچىلارغا، دىنىي رادىكاللارغا قىسقىسى 3 خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرىدىغان "تىغ ئۇچى" ئەمەسمىدى؟مۇنداق ئېيتقاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئورتا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارغا قارشى قۇرۇلغان تەشكىلات بۇلۇپ، ئورتا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ بېرىش، ئورتا ئاسىيادا پائالىيەتچان ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇش، ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر جەھەتتىن ئۇيغۇرنى چەكلەش بۇ تەشكىلاتنىڭ باش پرىنسىپى ئورنىدا "تىغ ئۇچى" بۇلۇپ بەلگىلەنگەن. بۇ قېتىم روسىيە فىدېراتسىيىىىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن خىتاينىڭ رەھبەرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، خىتاينىڭ مەيلىگە باقماي يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ "تىغ ئۇچى" بۇرىۋېتىلدى. بۇ بۇرىۋېتىش قانداق سىياسەتتىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ يەردە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۆزگىرىش دەۋرىگە كىرىپ قالدىمۇ دەپ سوئال قويۇشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىسا كېرەك. پەقەت رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ، رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلار سىياسىتى باش كۆتەردىمۇ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا رۇسىيىنىڭ يەنە قانداق سىياسى تەپەككۇرى رىئال ۋە تارىخى زاماننىڭ يەنە قانداق جەريانىغا سىڭىپ كىردى دەپ سوئال قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ، "روسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىتتىپاقى، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرىنى چەكلىيەلەيدۇ،" دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەنلىكى، سورۇن ئىبارىسى، سورۇن ئىپادىسى بۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن، يۇقىرىقى سىياسى ئىبارىدىن ئېيتقاندا، سورۇن ھېسداشلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى بۇ خەۋەرنى بەرگەندە، كۈچەيتكۈچى تىتوندا: ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ مۇھاكىمە قىلىشقاندىن كېيىن،يەنى مەخپىي سۆھبەتتىن كېيىن خىتاينىڭ ۋەزىرى ۋىن جياباۋ نىڭ، بۇ تەۋەلىكىنىڭ يەنە ئورتا ئاسىيانىڭ ئۈزۈن مۇددەتلىك تىنچلىقى، ئورتاق گۈللىنىش، پارلاق كەلگۈسى دەيدىغان يېڭى سىياسى ئىبارىنى لەۋزىگە ئېلىپ مۇخبىرلارنىڭ ئالدىغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ سۆز - ئىبارە ئىشلىتىشتە قېلىپلاشقان ھەرىكەت ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق دېگەندە يالغۇز ئافغانىستاننى كۆزدە تۇتمايدۇ، يېقىندا خىتاي ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى تۆكتى. ئۈزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورتا ئاسىياغا قارىتىلغان بولسا، ئوخشاشلا ئۇيغۇرىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يولدا ۋىلادىمىر پوتىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قانچىلىك بېسىم ئىشلەتتى؟ مەسىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ "تىغ ئۇچى" نېمىشقا بۇرىۋېتىلدى؟
تېخى يېقىندىلا "9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى رەئىس خۇ جىنتاۋ نيۇيورك شەھىرىدە، ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش توغرىسىدا پرېزىدېنت ئوباماغا ھەيدەكچىلىك قىلدى،" ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە ب ب س، خۇ جىنتاۋنىڭ غەيرىتىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. نازۇك ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى نازۇك مەسىلىلەرنىڭ قاتارىدىكى بىر نازۇك مەسىلە ئىدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ "تىغ ئۇچى" بۇرىۋېتىلىشتىن بۇرۇن، پرېزىدېنت ئوباما 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۇنى رۇسىيە فىدېراتسىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى مېدۋېدېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى لېكىن مەتبۇئاتقا ئاشكارىلانمىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.
