تەيۋەن - جۇڭگو سۆھبىتى باشلىنامدۇ؟

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى خىتاي تىلى تور بېتىگە 2009‏ - يلى 11 - ئاينىڭ 11‏ - كۈنى، " ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار بويىچە ئىككى لىنىيىلىك سۆھبەت باشلاندى" ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

خەۋەرنىڭ بېشىدا : ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان 20 دىن ئارتۇق، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلەردىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەتە بېيجىڭ، شاڭخەي، فۇجۇ، شيامېن قاتارلىق جايلاردىن يولغا چىقىپ، تەيۋەنگە يېتىپ كېلىپ، ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە ئىشلىرى بويىچە سۆھبەت باشلايدۇ. ئىككى تەرەپتىن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار تەيۋەن ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كىشىلەر بولغاچقا، بۇ مەيدان مۇھاكىمە - تەتقىقات يىغىنى ئادەتتىن تاشقىرى دىققەتكە سازاۋەر بولدى، دېيىلدى.

جۇڭگو دۆلەتلىك تەيۋەن ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يى ھەپتىنىڭ 3‏ - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: "تەيۋەن تېنچ ئوكيان مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى"نىڭ باشقۇرۇشىدا چاقىرىلغان ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھاكىمە - تەتقىقات يىغىنى 11 - ئاينىڭ 13‏ - كۈنىدىن 14‏ - كۈنىگىچە تەيبىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو تەرەپتىن مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىڭ بىجيەن قاتارلىق 28 نەپەر ئالىم ۋە شەخسىلەر تەكلىپ بويىچە مۇھاكىمىگە قاتنىشىدۇ، دېدى. ياڭ يى يەنە، بۇ قېتىمقى تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنى خەلق ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىن بۇلۇپ، تۈنجى قېتىم تەيۋەندە جۈملىدىن سىياسى تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل تېمىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىزدىنىش بۇلۇپ، ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ كۆرسەتتى.

گەرچە ياڭ يى ئەپەندى، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە تەتقىقات يىغىنى خەلقلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئىككى قىرغاق كىشىلىرىنىڭ دەرىجىسىدىن قارىغاندا، ئىككى قىرغاقنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان سالاھىيىتىدىن قارىغاندا، تەيۋەندە كىشىلەر ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيە ساھەلىرى ۋە ھەربىي ئىشلار بويىچە ئىككى لىنىيىلىك سۆھبەت باشلىنىدۇ، دېيىشتى.

جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمكىنىڭ تەركىپىدە چەتئەلدە باش ئەلچى بۇلۇپ تۇرغان دىپلوماتلارمۇ بار ئىكەن. مەسىلەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈمەك باشلىقى جىڭ بىجيەن ئەينى چاغدا خۇ ياۋباڭغا كاتىپ بولغان. ئۈمەك ئەزالىرى، ماۋزېدۇڭغا تەرجىمان بولغان، جۇڭگونىڭ فرانسىيىدە تۇرغۇزۇلغان سابىق ئەلچىسى ۋۇ جيەنمىن،جۇڭگو خەلقئارا تەتقىقات ئىنىتىتوتېنىڭ مۇدىرى، ئەنگىلىيىدە تۇرغۇزۇلغان سابىق باش ئەلچى ماجىنگاڭ، گېنېرال پولكوۋنىك لى جىجۈن ھەمدە جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچىنىڭ قېرىندىشى ياڭ جېميەن قاتارلىق كىشىلەر قاتنىشىدىكەن. تەيۋەن تەرەپتىن 85 نەپەر كىشى مۇھاكىمە - تەتقىقات يىغىنىغا قاتناشماقچى بولدى. بۇ كىشىلەر، تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى خۇ ۋىجىن، ھەربىي ئاخبارات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ جياچى قاتارلىق كىشىلەر ئىدى.

جۇڭگو تەرەپتىن مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات يىغىنىغا قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ئىككىنچى قاتلامغا مەنسۇپ بۇلۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ئىنتايىن سەزگۈر بولغاچقا، چوقوم تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام كوممونىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن.

شۇنداق قىلىپ تەيۋەن - جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت باشلىنىدىغان بولسا، سۆھبەت نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، جۇڭگو، تەيۋەننىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان بولامدۇ ياكى جۇڭگو، تەيۋەننى زادى قانداق ئورۇنغا قويۇپ سۆھبەتكە ئولتۇرغان بولىدۇ؟ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيە ئىشلىرى بويىچە، ھەربىي ئىشلار بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغان بولسا، جۇڭگو تەرەپ تەيۋەننىڭ دۆلەتلىك ئورنىغا ئېتىبار بىلەن قارىدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىپىگە بىر نەچچە دىپلومات كىشىنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقى بۇ نوقتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ، يەنە شۇ نوقتىدا تەيۋەننىڭ 26 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى جۇڭگو تەرەپ ھۆرمەت قىلغان بولىدۇ.

قىزىق ئىشقۇ، بۇ؟ ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ئىشقا ئىپادە بىلدۈرۈشى مۇمكىنمىدۇ؟