يېقىندا ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەلگەن بىر نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ مۇخبىرغا سۆزلەپ بەرگەن سۆزلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى ئاڭلىدۇق.
... ئۈرۈمچى ياشلار باغچىسى، يەنئەنلۇ قانغا بويالدى ... دوستلۇق كىنوخانىسىنىڭ ئالدىدىكى تار كوچىلاردا يۇقىرى بېسىملىق سۇ ناسوسى ئارقىلىق سۇ چېچىپ ئۇيغۇر ياشلىرى قورشاۋغا ئېلىندى ... ئارقىدىن ئوققا تۇتۇلدى... خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر نامايىشچىلار تۇتۇپ كېتىلدى ... ئۇيغۇرلار قارشىلىق قىلىشقا باشلىدى... دېمەك ئۈرۈمچىدە نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ئاۋۋالقى خەۋەرلەردە شامالباغ، 10 - يول سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئالدى قانغا بويالدى دېيىلگەن ... ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرى قانغا بويالدى... ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرى ۋەتەننىڭ ئىگىسى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بىلەن بويالدى. خىتاي كۆچمەنلىرى قولىغا كالتەك ئېلىپ،خىتاي ساقچىلىرى قولىغا قورال ئېلىپ، خىتاي ھەربىيلىرى قولىغا ئاپتومات ئېلىپ ئۇيغۇرنى قىرغىن قىلدى. ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر قىز ئۇيغۇرنىڭ قىزى ئىدى... ئۆلتۈرۈلگەن ئوغۇل ئۇىغۇرنىڭ ئوغلى ئىدى... ئۇ، ئۇيغۇر ئىدى، ئۇ، ئۇ ئىدى، ئۇ، سەن ئىدىڭ، ئۇ، مەن ئىدىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىدى.
قارا، ھەي ئىنسان! بۇ جەڭگىۋار سەپكە ئۇيغۇرلار پىيادە قاتناشتى، خىتاي برونېۋىك، تانكىلارنى ھەيدەپ باستۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇرنىڭ قولىدا ھېچ نەرسە يوق. يەرگە ئىڭىشسە ئۇيغۇرنىڭ قولىغا تاش چىقمايتتى، ئەتىراپىغا قارىسا قولىغا بىرتال كۆسەي چىقمايتتى، ئۇيغۇرلار خىتاينى ئۆلتۈردىمۇ؟ ياق. خىتاي ئاتقان ئوق مىللەت ئايرىمايتتى. خىتاينىڭ ھەربىيلىرى قارا - قويۇق ئوق چىقىرىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈپ بۇ ئىشنى ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا ئارتىپ قويدى.
ئۇيغۇر يىگىت مۇخبىرغا مۇنداق سۆزلىدى: نىيەنزىگو قاتناش بىكىتىىنىڭ ۋە سەندۇڭبى قاتناش بىكىتىىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، 4 - ئىيۇلغىچە جەنۇبىي ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىن 22 مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرىپ بولدى... قاتناش ئىدارىلىرى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىگە شۇنداق ئىنكاس قىلدى. مۇخبىرغا سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئاڭلىشىچە: كۇچار ناھىيىسى 6 - رايون خەلقى، باي ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى ئاۋۋال نامايىش قىلىپ، ناھىيە بازىرىغا كىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ شياۋگۈەن ۋەقەسىگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى قەشقەر شەھەر خەلقى قوزغىلىپ نامايىشقا چىققاندا، 500 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مۇخبىرنىڭ ئاۋۋالقى خەۋەرلىرىدە خەۋەر قىلىنغان ئىدى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇرۇن قۇمۇلدا، تۇرپاندا قولغا ئىېلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ۋە ئىلى ۋىلايىتىدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. كىم دەيدۇ، شەخىس ۋەخەلق تارىخى يارىتالمايدۇ دەپ، بەزىدە بىر ئېغىز سۆز، بەزىدە ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز تاشلانغان بىر قەدەم، بىر ئادەم ياكى بىر مىللەت ئۈچۈن تارىخ بۇلۇپ قېلىۋېرىدۇ. "5 - ئىيۇل" كۈنى ۋە بۇ كۈننىڭ ئالدى - كەينىدە پۈتۈن ئۇيغۇرىستان خىتايغا قارشى قوزغىلىپ، مىللىي مۇستەملىكىچىلىككە قارشى قوزغىلىپ، ئۇيغۇرلار 21 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى ياراتتى. مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت قورقۇپ كەتتى، يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتتى. ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى لى جى ۋە سېكرېتار ۋاڭ لېچۋەننىڭ تېلېۋىزور نۇتقىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىكى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى قورقۇپ كەتتى.
شۇنداق، مەسىلىلەرنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېنچ يول بىلەن نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندا، پەلەستىندە بىر پاي ئوق ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان بولسا، پەلەستىنلەر، ئىسرائىللار توغرىسىدا توختىماي سۆزلەيدىغان دۇنيا، كوسوۋا، شەرقى تېمۈر، بوسنىيە، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەرگە قوراللىق تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى ئەۋەتكەن دۇنيا ياكى باستۇرۇش ياكى قولغا ئېلىش بىلەن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغان 10 مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا گەرچە خەۋەر تارقاتقان بولسىمۇ، لېكىن قاتتىقراق ئىككى ئېغىز ئىنكاس قايتۇرمىدى.
تيەنئەنمىندە تانكىنىڭ ئالدىنى توسقان خىتاينىڭ قەھرىمانلىقى توغرىسىدا بىر نەچچە زامان توختىماي خەۋەر تارقاتقان دۇنيا مەتبۇئاتلىرى، ھاسا تاياق بىلەن مېڭىپ كېلىپ، خىتاينىڭ ئىككى برونېۋىكىنىڭ ئالدىنى توسقان باتۇر ئۇيغۇر ئايال توغرىسىدا لام - جىم دېمىدى. ئاغزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان 9 نەپەر ئۇيغۇر بالىغا خىتاي ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغاندا، بالىسى يوقمۇ بۇ دۇنيانىڭ ... دەپ ئۇيغۈرلار نىدا قىلغاندا، " يالغان، ھەممە ۋەدىلىرى يالغان، چاقىرىقلىرى، كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈشلىرى ھەممىسى يالغان. پەقەت ئۆلتۈرىمەن دەپ خىتاي ئالدىڭغا كەلگەندە، سەنمۇ قوغدىنىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان بولساڭ، راستچىللىق ئەنە شۇ يەردە " دەپ يازدى غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلار تور بەتلىرىگە.
"راست بىلەن يالغاننىڭ ئارىسىدا قىينىلىپ يۈرمەي، دۇنيادا بارلىق دېموكراتىك ئەللەرنىڭ قانۇنلىرىدا قەيت قىلىنغان ھوقۇقلارنى - قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئىشقا سالساڭ بولىدۇ" دېيىشتى ئۇيغۇرلار!
