5 - ئىيۇلدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار تۈرلۈك تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا

خىتايدا كەڭ تۈردە مەھبۇسلارغا قارىتا تەن جازاسى قوللىنىدىغانلىقى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلغان، قولغا ئالغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوخشىمىغان ئېغىر ھەم ئەجەللىك تەن جازالىرىنى قوللانغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

0:00 / 0:00

يېقىندا بىرسى رادىئومىزغا يەنە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇلدا تۈرمىگە ئېلىنغان ئۇيغۇرلانى تۇز سۈيى ئىچكۈزۈپ قىيىن قىستاققا ئالغانلىقى ئۇچۇرىنى بەردى.

يېقىندا ئۈرۈمچىدىن چەتئەلگە چىققان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر سېسترا، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە مەلۇم دوختۇرخانىدا ئىشلەش جەريانىدا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۈرمىلەردىن قويۇپ بېرىلىپ، ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇشقا دوختۇرغا ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ھەم ئۇلارنى داۋالاشقا قاتناشقانلىقىنى، بۇ جەرياندا بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ناترىي خلور كىسلاتاسى يەنى تۇز بىلەن زەھەرلەنگەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ سېستىرانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆرەك، يۈرەك ھەم جىگەرگە ئوخشاش ئىچكى ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى كاردىن چىققان، مۇسكۇل يىگلەش، سۆڭەك شالاڭلاشقا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى سەۋەبلىك پۈتۈن بەدىنى ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلاشقانلىقتىن ماغدۇرسىزلانغان بۇ بىمارلارنىڭ بەزىلىرى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن، ئەسلى بۇ بىمارلار 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ، ساقچىخانىلاردا مەجبۇرى ھالدا كۆپ مىقداردا تۇز سۈيى ئىچكۈزۈپ قىيىن ‏ - قىستاققا ئېلىنغانلار ئىكەن. بۇ ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، دوختۇرغا مەيلى ئۆزى كەلگەن ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئەكەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن.

ئۈرۈمچى ئاممىسىنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىدىنمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا ساقچىلارنىڭ تۈز سۈيى ئىچكۈزۈپ قىينىغانلىقى جەمئىيەتتە خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان بىر مەسىلە ئىكەن. بۇ ھەقتە يېقىندا ياۋروپادا پاناھلانغان بىر ئۇيغۇر بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنداقلا، تۇز سۈيىنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئەكسى تەسىرلىرى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر دوختۇر سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى كۈچلۈك قامال قىلىپ كەلگەچكە، قىيىن ‏ - قىستاققا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر توپلاشقا ئىمكانىيەت يوق، لېكىن چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان بەزى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نۇرغۇن مەسىلىلەر دۇنياغا بار - بارا ئاشكارىلانماقتا.

ئامېرىكىدىكى لاۋگەي فوندىنىڭ رەئىسى خەرۈي ۋۇ ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇلدا تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تۇز سۈيى ئىچۈرۈش ئارقىلىق قىيىن ‏ - قىستاققا ئالغانلىقىنى "ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ، خەلقئارالىق قانۇن ھەم خىتاي ئۆزىنىڭمۇ قانۇنىغا خىلاپ ئىنتايىن قەبىھ بولغان تەن جازاسى، خىتاي بۇ خىل قەبىھ ئۇسۇللارنى داۋاملىق ئىشلىتىپ كەلمەكتە، بولۇپمۇ تۇز سۈيى ئىچكۈزگەندە تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەيدۇ، ھەتتا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما، بەدىنىدە ئىز قالمايدۇ. شۇڭىمۇ خىتاي ئۆزىنىڭ تەن جازاسى قوللانغانلىق جىنايىتىنى يېپىشتا بۇ خىل ئۇسۇلنى كەڭ قوللىنىدۇ،" دېدى.

باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيىتوف، بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش، قىيناش، ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇنسىز قەبىھ باستۇرۇش ئۇسۇللىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن ئىزچىل ھالدا تەن جازاسى كەڭ تۈردە قوللىنىلىۋاتقان دۆلەت دەپ ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە. خىتاي يېقىندا يەنە تەن جازاسى قوللىنىش مەسىلىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى رەت قىلغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.