مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىپ كۆچۈرۈۋاتىدۇ

12‏-سېنتەبىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا دىنىي، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىۋېلىپ سېتىش ۋە كۆچۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ 1990‏-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلانغانلىقى ئۇتتۇرىغا قويۇلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.09.13
Uyghur-Siyasi-mehbus-hayati-305.jpg ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
File

خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ-سېتىش، كۆچۈرۈش بازىرى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا مەھبۇسلار ئىچكى ئورگانلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسىدۇر. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بېسىمىدا قانۇن چىقىرىپ، ئىچكى ئورگان سودىسىغا چەكلىمە قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىشنى مەنئى قىلىدىغان ھېچقانداق قانۇن بەلگىلىمىگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل بوشلۇق ساقچى، تۈرمە، ئەدلىيە ۋە تېببىي ساھەدىكىلەرنىڭ ئۆز-ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، مەھبۇسلارنىڭ جىسمانىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشتەك ئېغىر ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئافرىقا، يەرشارى سالامەتلىك، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل تارماق كومىتېتى 12‏-سېنتەبىر مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى دىنىي، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىۋېلىپ سېتىش ۋە كۆچۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئالغان.

جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روھرابېيكىر ۋە كىرستوفېر سىمىس رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتايدا ئىچكى ئورگان سودىسى ناھايىتى پايدا تاپىدىغان تىجارەت ئىكەنلىكى، بىراق ئىچكى ئورگانلارنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان مەھبۇسلاردىنلا ئەمەس، بەلكى يەنە تىرىك مەھبۇسلاردىنمۇ ئېلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست، «دېموكراتىيىنى قوغداش فوندى جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ مۇتەخەسسىسى ئېتان گۇتمان يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىپ، ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىش 1990‏-يىللىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشلىنىپ، 2001‏-يىلغا كەلگەندە خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە دەسلەپكى چاغدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنرەك دوختۇرلار تىرىك مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىشقا باشلىغان.

ئېتان گۇتمان، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە، ئۆزىنىڭ 2006‏-يىلدىن باشلاپ نۇرغۇن خىتاي كەسپىي تېببىي خادىملىرىنى، قانۇن خادىملىرىنى ۋە خىتاينىڭ ئەمگەك لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان 50 دىن ئارتۇق مەھبۇسنى ھەر تەرەپلىمىلىك زىيارەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى بىر يەرگە جەملىسە، خىتايدا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىش قىلمىشىنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دېگەن.

گۇتماننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ زىيارەت قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق ئالاھىدە ساقچىسى نىجات ئابدۇرېھىم بولۇپ، نىجات ئابدۇرېھىم ئۇنىڭغا بىر قېتىم ئۆزىنىڭ بىر خىزمەتدىشىنىڭ جازا مەيدانىغا توختىتىلىپ قويۇلغان بىر بولكىۋاي ئوپېراتسىيە ماشىنىسىدىن چىققان «دەھشەتلىك چىرقىرىغان» ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

گۇتمان ئەسكەرتىپ: ئۇ 1994‏-يىلدىن باشلاپ، دوختۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالارنى ئېلىۋېلىشى بارغانسېرى كەڭ قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان. ئۇنىڭ بىر خىزمەتدىشى بولكىۋاي ئوپېراتسىيە ماشىنىسىدىن چىققان «دەھشەتلىك چىرقىراش» تىن قورقۇپ كەتكەن. ئىككى يىلدىن كېيىن تۈرمە باش دوختۇرىنىڭ نىجاتقا ئېتىراپ قىلىشىچە، مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋاتقاندا ئۆلىدىغان ئەھۋاللار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھادىسە بولۇپ قالغان ئىكەن.

ئېتان گۇتمان يەنە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ئەنۋەر توختىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 1995‏-يىلى ئۈرۈمچىدە ئىجرا قىلىنغان بىر ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئوق مەھبۇسنىڭ كۆكرىكىگە قارىتىپ ئېتىلغان، بىراق ئۇنى ئۆلتۈرمىگەن. مەھبۇسنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ساق ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بەدىنى ھوشسىزلاندۇرۇلۇپ، مەھبۇسنىڭ تىترەش، بەدىنى كىرىشىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ ئالدى ئېلىنغان. ئەنۋەر، باشلىقىنىڭ قاتتىق بۇيرۇقى بىلەن تىرىك مەھبۇسنىڭ جىگەر ۋە بۆرىكىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالغان.

ئېتان گۇتمان ئاۋام پالاتا تارماق كومىتېتىدىكى گۇۋاھلىق سۆزىدە يەنە، بىر ياش دوختۇرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ياش دوختۇرنىڭ بىر قېتىم بۇيرۇققا بىنائەن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىنىڭ سىياسىي مەھبۇسلار سولانغان بۆلۈمىدىكى مەھبۇسلارغا قان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قان تەكشۈرۈش يۇقىرى دەرىجىلىك 6 نەپەر كومپارتىيە ئەمەلدارىغا «ساغلام ئىچكى ئورگان» كېرەك بولۇپ قېلىپ ئېلىپ بېرىلغان. بىراق قان تەكشۈرۈش تۈرمىدىكى رەسمىي ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىغان مەھبۇسلارنى ئەنسىزلىككە سېلىپ، قان تەكشۈرتۈشكە قارشى چىققان.

گۇتمان يەنە، خىتاي ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدىكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەك لاگېرىدا يېتىپ چىققان 8 نەپەر فالۇنگوڭ مۇرىتىنى زىيارەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلار دۇچ كەلگەن مۇشۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇتمان: دوختۇرلار كۆپ ھاللاردىن ھەربىيلەر بولىدۇ. ناھايىتى كۆپ قان ئەۋرىشكىسى ئالىدۇ. ئاندىن مەيدىنى رېنتگېنغا سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە سۈيدۈك ئەۋرىشكىسى ئالىدۇ ۋە ئاشقازاننى تەكشۈرىدۇ. كۆپ ھاللاردا كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىنىچىلىك بىلەن تەكشۈرىدۇ.

گۇتمەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر مەھبۇسلارغا باشقا سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارمايدىكەن. ئۇ، ئۆزى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتىغا ئاساسەن، يېقىنقى 8 يىلدا 65 مىڭ فالۇنگوڭ مۇرىتىنىڭ ئىچكى ئورگىنى ئېلىۋېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئىچكى ئورگانلارنى مەجبۇرىي كەچۈرۈشكە قارشى دوختۇرلار تەشكىلاتى» نىڭ باياناتچىسى دەيمون نوتو ئاۋام پالاتاسىنىڭ چارشەنبە كۈنكى يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، 2000‏-يىلدىن باشلاپ خىتايدا ئىچكى ئورگان كەچۈرۈش تېز كۆپىيىپ، چەتئەللىك دوختۇرلارنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 1999‏-يىلى خىتايدىكى ئىچكى ئورگان كۆچۈرىدىغان ئوپېراتسىيە مەركەزلىرىنىڭ سانى 150 بولغان بولسا، 2007‏-يىلغا كەلگەندە 6 يۈز نەچچىگە يېتىپ بارغان. بىراق دەيمون نوتو، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگىنى، بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجنى قامداپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ يەنە بىر كېلىش مەنبەسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى ئورگانلارنىڭ يەنە بىر كېلىش مەنبەسى تىرىك كىشىلەر ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار ئىچكى ئورگانلىرىنى تەقدىم قىلىدىغان تىرىكلەر بولغاندىلا، بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجنى قامدىيالايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجنى قامدىيالىشى ئۈچۈن بىردىن-بىر يول. مەن تىرىك ئورگان بېغىشلىغۇچىلارنى دېمەكچى. بەزى ئەھۋاللاردا ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈشنىڭ ئۆزى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ بىر خىل مېتودى بولۇپ قالغان.

دەيمون نوتو سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا خىتاب قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئورگانلارنى توپلاش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىشكە، بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلار بولسا ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئادەم ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىش قىلمىشىغا ھازىرغا قەدەر يېتەرلىك دىققەت قىلىنمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىنى خىتاينىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سۈپىتىدە قاراپ چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روھرابېيكىر بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمىسە، ئامېرىكىنىڭ قانداق دۆلەت ۋە قانداق خەلققە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.