بۇ كۈن ئۇيغۇر خەلقى ھەقىقەتپەرۋەر ئالىمىدىن ئايرىلغان، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىگە ماتەم بولغان بىر كۈن ئىدى. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام 1924 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى 62 يېشىدا جاھالەت ھامىيلىرىنىڭ سۇيىقەستى بىلەن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، مائارىپ ساھەسىدە قالدۇرغان پىداكارانە روھى ۋە ئۆچمەس ئىش - ئىزلىرى بىلەن داۋاملىق قەدىرلىنىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر يېقىنقى زامان يېڭىچە مائارىپىنىڭ غەلىبىلىرى جەزىملىشىۋاتقان ھەر بىر دەقىقىلەردە ئابدۇقادىر داموللامدەك ھەقىقەتپەرۋەر ئالىملىرىمىز زىكىر قىلىنماي قالمايدۇ. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى مىلادىيە 1862 - يىلى(ھىجرىيە 1279 - يىلى) ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرى ئۆز يېزىسىدا ئۆتكەن. 15 يېشىدىن باشلاپ، قەشقەر ۋە بۇخارالاردا ئوقۇپ، ئەرەب، پارس ۋە تۈرك تىللىرىدا ئۆتىلىدىغان قۇرئان، فىقھ، تەپسىر، تارىخ ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەردە چوڭقۇر ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان.
ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە تەلىم - تەرغىبات بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن شاگىرت يېتىشتۈرگەن ۋە مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىچە ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن "ئاممىغا نەسىھەت"، "زۆرۈر ئەقىدىلەر"، "گۆدەكلەرگە تەلىم"، "ھەقىقەت جەۋھىرى"، "ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچى"، "ئىلمىي ھېساب" قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى شۇنداقلا دېموكراتىك خاھىش سىڭدۈرۈلگەن يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلغار شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلۈمى چوڭ بىر پاجىئە
بىز ھازىر مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر داموللامدىن يېرىم ئەسىر كىيىن ياشىغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ پىكرىدىن ئوزۇق ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. داموللام شۇ زاماندىكى جاھالەت پىرلىرىنىڭ، جاھىل نادان بېخىل بايلارنىڭ ۋە خۇراپىي ھەسەتخورلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىڭلىغان ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى. داموللامنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە، ھەتتا دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرنى ئۇنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتېرىياللاردىن كۆرۈۋالالايمىز.
مەرھۇمنىڭ يېڭىچە مائارىپ تەشەببۇسى يەنى يېڭىچە ئوقۇتۇش تەشەببۇسى شۇ زاماندىكى نادان ئىنسانلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما 80 يىللارغا كەلگەندە خەلقىمىز بۇ ھەقىقەتپەرۋەر ئالىمىنىڭ يېڭىچە ئوقۇتۇش تەشەببۇسىنى چۈشىنىپ يېتىپ يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. مەيلى قاغىلىقتىكى ئابلىكىم مەسۇم بولسۇن خوتەندىكى ئابلەت مەخسۇم قەشقەردىكى ئابدۇلھەمىد داموللا ئۈرۈمچىدىكى مەرھۇم ئابدۇرەشىد مەخسۇم ھاجى داموللامنىڭ يېڭىچە ئوقۇتۇش پىكرىنى ئاكتىپ ئىجرا قىلغان ئۇستازلارغا ئايلاندى.
داموللامنىڭ يېڭىچە مائارىپ پىكرى 90 يىلغىچە كەلگەندە دىنى مائارىپ ساھەسىدە رەسمىي كۆزگە كۆرۈنۈپ يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلامنى قايتىدىن ساپ شەكىلدە چۈشىنىش پىكىر ئېقىمى قوزغىغان. بۇنىڭ نادىر ئەسىرى ھېسابلىنىدىغان كۇچالىق ئابدۇكېرىم قارى خەلقىمىز ئىچىدە دىنى تەربىيىنى يىڭى ئۇسۇل بىلەن دەۋەت قىلىش خىزمىتى ئىلىپ بېرىپ 90 يىللاردىكى خەلق ئويغىنىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇلار نەق داموللامنىڭ يېڭىچە ئوقۇتۇش پىكرىنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى.
مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەقبەرىسى نەدە؟
قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان تاختا كۆرۈكتە، يەنى تاربوغۇز بىلەن كادىرلار ساناتورىيىسى يولىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا، چۇڭ يۇل ئۈستىگە 5 مېتىرلا كۈلىدۇ. قەبرە ئەتراپتىكى قەبرىلەرگە ئوخشاش شۇنداق ئاددىي قوپۇرۇلغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ قەبرىگە يېقىن يۇل كېڭەيتىلىپ نۇرغۇن قەبرىلەرنىڭ يۆتكىلىشى نەتىجىسىدە داموللامنىڭ قەبرىسى يول ئۈستىگىلا چىقىپ قالغانىكەن.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان ئالىملىرىنىڭ نامايەندىسى ئابدۇقادىر داموللامنى مىلادىيە 1924 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ھىجرىيە 1343 - يىلى مۇھەررەمنىڭ 14 - كۈنى ئەھمەد مەزىن ئىسىملىك بىر مۇناپىقنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى.
مۇسىبەتتىن يادنامە قالغان قايغۇلۇق مەرسىيىلەر ھېلىھەم خەلق ئارىسىدا ئېيتىلىپ، ئابدۇقادىر داموللامنى ئەسلىتىپ كەلمەكتە. دېمەك، بىر مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللاردا خەلقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان ئابدۇقادىر داموللامدەك بىلىم ئىگىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى خۇددى پىداكار مۇجاھىدلاردەك ئوخشاشلا مۇھىمكەن. ئەنە شۇ سەۋەبتىن مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ يوقىتىشقا ئالدىرايدىغان نىشانلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدىغىنى يەنىلا ئالىملاركەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
