دۇنا ۋادىسىدىن ئالتاي تاغلىرىغىچە ئۇچۇپ يۈرۈدىغان ماجار قارچىغىسى ۋە بۇ ھەقتىكى زامانىۋى ئىلمىي سىناقلار

8‏ - ئاينىڭ 6‏ -، 7‏ - 8‏ - كۈنلىرى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتاي (ماجارلارنىڭ قەدىمقى ھۇن دەۋرىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى) دە كۆرسىتىلگەن ماھارەتلەر ھەققىدە تەييارلانغان پروگراممىلاردىن، دۇنا ۋادىسىدىن ئالتاي تاغلىرىغىچە ئۇچۇپ يۈرۈدىغان ماجار قارچىغىسى ۋە بۇ ھەقتىكى زامانىۋى ئىلمىي سىناقلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇرىمىز.

0:00 / 0:00

مەھمۇد قەشقەرى 'تۈركىي تىللار دىۋانى'دا ، تۈركىي خەلقلەر قۇرغان دۆلەتلەرنى تونۇشتۇرغاندا 'ماجار' دەپ ئاتىغان خەلقلەر، زامانىمىزدا ئۆزلىرىمۇ نامىنى 'ماگيار' دەپ يېزىپ 'ماجار' دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ، بۇ مىللەت 2010 ‏- يىل 8‏ - ئاينىڭ 6‏ - 7‏ - ۋە 8‏ - كۈنلىرى بۇداپېشت شەھىرىنىڭ بۇگاش دېگەن سەھراسىدا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى. ئۇلار قەدىمقى ھۇن دەۋرىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئۆز تىلىدا 'قۇرۇلتاي' دەپ ئاتايدىكەن.

ماجارلار بۇ قۇرۇلتايدا، قەدىمقى مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىدىن قارچىغا ماھارىتى كۆرسەتتى.

مەن قولىغا قارچىغا قوندۇرۇۋالغان كىشىنىڭ يېنىغا باردىم، مەن ئۇنىڭغا ' قۇش، لاچىن، شۇڭقار، قارچىغا' دېگەن قۇش ناملىرىنى ئېيتتىم، ئۇ شۇڭقار، قارچىغا دېگەن ئىككى سۆزنى چۈشەندى ۋە قولىدىكىنى كۆرسىتىپ 'كاراچۇن' دېدى. بۇ سۆز ئۇيغۇرچە قارچىغا دېگەن قۇش نامىغا يېقىن كېلەتتى.

بۇ قارچىغىچى قولىدىكى قارچىغىنى قويۇۋەتتى. قارچىغا تەخمىنەن بىر كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى چىملىق مەيداننى بىر نەچچە قېتىم ئايلىنىپ، ھەر ئايلانغاندا بىر يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاسماننىڭ قەھرىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، قانات قېقىشنى توختىتىپ، يەر يۈزىنى كۆزىتىشكە باشلىدى. قۇشچى سومكىسىدىن بىر نېمىنى چىقىرىپ ئوتلاققا تاشلىغاندىن كېيىن، قارچىغا ئېگىزلىكتىن ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشۈپ ئولجىنى قاماللاپ، قۇشچىغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، يەنە ئۇچۇپ چىقىپ قۇشچىنىڭ قولىغا قوندى. قۇرۇلتاي ئەھلى قەدىمدىن قالغان ئۆرپ - ئادىتى بۇيىچە 'ھاي -ھۇيت' دەپ چوقان سېلىپ بۇ قارچىغىنى تەبرىكلىدى.

Dunya-Hunlar-Qurultiyi-burkut-oynitish-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 8‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6‏ -، 7‏ - 8‏ - ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﺩﺍﭘﯧﺸﺘﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻳﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺟﺎﺭ ﻗﺎﺭﭼﯩﻐﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﭼﯩﻐﯩﺴﻰ. (RFA Photo / Kurban Weli)

مەن ئىنگلىزچە بىلىدىغان بىر ماجار زىيالىيسىدىن قاراچۇن (ئۇيغۇرچە قارچىغا) ھەققىدە سوئال سورىدىم. ئۇنىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە، ماجارلار قارچىغىنى قۇشلار جەمەتى بۇيىچە ئەڭ تېز ئۇچىدىغان، ئەڭ ئېگىز ئۆرلىيەلەيدىغان، كۆزى ئەڭ ئۆتكۈز، ئەڭ سەزگۈر ، ئەڭ باتۇر قۇش دەپ قارايدىكەن. ماجار قارچىغىلىرىنىڭ باچكىلىرى ھەر يىلى ئەتىيازدا قانات - قۇيرۇقى يېتىلىپ بولغان ھامان، ئۇلارنى ئاتا قارچىغىلار شەرققە قاراپ ئۇچۇرتۇپ كېتىدىكەن.

بۇ ماجار زىيالىسىنىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە، زامانىمىزدا ماجار قارچىغىلىرى ھەققىدە ھەر خىل ئىلمىي سىناق ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان. كۆپ يىللىق سىناق، تەتقىقات ۋە كۆزىتىشلەر ئارقىلىق، ماجار قارچىغىلىرى ھەر يىلى دۇنا ۋادىسىدىن ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىغا ئۇچۇپ بېرىپ -كېلىپ تۇرىدىغانلىقى، بوينىغا بەلگە تاقاپ قويۇلغان ماجار قارچىغىلىرى قازاقىستان يايلاقلىرىدا كىشىلەرگە كۆرۈنگەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ يەنە دۇنا ۋادىسىغا قايتىپ كەلگەنلىكى، ماجار قارچىغىلىرى يازدا ئالتاي تاغلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رايونلارغا كېتىپ، كۈزدە دۇنا ۋادىسىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى، ماجار قارچىغىلىرى بۇ دائىرىنىڭ تېخىمۇ شەرق تەرىپىگە ياكى غەرب تەرىپىگە ئۆتمەيۋاتقانلىقى، پەقەت دۇنا دەرياسى ئەتراپىدىن ئالتاي تاغلىرى رايونلىرىغىچە بولغان بىپايان زېمىندىلا ئەركىن ئۇچۇپ يۈرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي سىناقلاردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ھەر يىلى دۇنا ۋادىسىدىن ئالتاي تاغلىرىغا ئۇچۇپ كەتكەن ماجار قارچىغىسى باچكىلىرىنىڭ 10% ى قايتىپ كەلمەيدىكەن. ئۇلار ئېھتىمال بارغان يېرىدە يەرلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ياكى خەتەرگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن.

ۋېنگىرىيىدە ياشايدىغان 10 مىليوندىن ئارتۇق ماجار خەلقى 'دۇنا' دەپ ئاتايدىغان بۇ دەريا بۇداپېشت شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ مەشۇر دەريانى تۈركلەر تۇنا، ئىنگلىزلار دۇنۇبە، گېرمانلار دوناۋ، رۇسلار دۇناي دەپ ئاتايدۇ. ئىنىسكىلوپىدىيىلەردە بايان قىلىنىشىچە، دۇنا ۋادىسىدا ياشايدىغان ماجارلارنىڭ قارچىغىغا چوقۇنىدىغان ئۆرپ - ئادىتى بار. بۇ ئۆرپ - ئادەت ماجارلارغا قەدىمقى ھۇنلاردىن قالغان. ھۇن دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئۇزۇن تارىختا دۇنا ۋادىسىدا قۇرۇلغان دۆلەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان خانلار قارچىغا سىمۋوللۇق خانتاجى كىيگەن. ئاۋام خەلقنىڭ باش كىيىملىرى ياكى تۇرالغۇ بېزەكلىرىدىمۇ قارچىغا سىمىۋوللىرى ئومۇملاشقان.

مەھمۇد قەشقەرى ئۆز زامانىسىدىلا تۈركىي خەلقنىڭ بىر قىسمى دەپ جەزىملەشتۈرگەن ماجارلار، زامانىمىزغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ قەدىمقى تۈرك ئەۋلادى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ۋە شۇ زامانلاردا شەكىللەنگەن ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. خىتايچە خەن سۇلالىسىنىڭ ئوردا تارىخى بولغان 'خەننامە' دە، بۇنىڭدىن 2 مىڭ يىللار بۇرۇنقى ھۇنلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق بايانلار بار. شۇنداقلا، ھازىر خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتايدىغان رايوننىڭ، ئەينى زاماندا ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى شەھەر دۆلەتلىرى ئىكەنلىكىمۇ مۇئەييەن بايان قىلىنغان.

ھازىر خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدە ياشايدىغان، خىتايچە 'يۈگۈ' دەپ ئاتىلىدىغان، ئانترىپولوگلار ۋە تىلشۇناسلار 'زامانىمىزدىكى ھايات قەدىمىي ئۇيغۇرلار' دەپ تەسۋىرلەيدىغان، بارغانسېرى سانى ئازلاپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىپ قالغان شۇڭقارغا چوقۇنىدىغان ئۆرپ - ئادەت ، خۇددى ماجارلارنىڭ قارچىغىغا چوقۇنىدىغان ئۆرپ - ئادىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2010‏ - يىللىق قۇرۇلتايدا، ماجارلارنىڭ قارچىغىغا چوقۇنىدىغان ئۆرپ -ئادەتلىرى تېخىمۇ كۆپ جەھەتتىن مەلۇم بولدى. ئۈستىگە قارچىغا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن قارا كىيىم ، بېشىغىمۇ قارچىغا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن قارا دوپپا كىيگەن كىشىلەر بۇ قۇرۇلتايدا تەرتىپ ساقلاپ ساقچىلىق قىلدى. قۇرۇلتاي باشلانغاندىلا، ئۈستىگە قارچىغا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن قارا كىيىم كىيگەن، بېشىغا قارچىغا بەلگىسى بار قارا دوپپا كىيگەن شۇ تەرتىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ بىر نەچچىسى، قۇرۇلتاينىڭ ئاساسى سەھنىسىنىڭ بىر تەرىپىگە قاتار قىلىپ ئېسىلغان ھۇن قېرىنداشلىرىنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنىڭ ئەڭ باشتىكى بىرى - ئاي يۇلتۇز بەلگىلىك شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئاستىدا، خۇددى ھۈرمەت قاراۋۇللىرىدەك سەپ بولۇپ تۇردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.